ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟ يېقىندىن بۇيان ياخشى نىيەتلىك بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىز كۈيچى ۋاي ۋاي تۇپىغا يىغىلىپ تىبابىتىمىزنىڭ نەزىرىيە ئاساس قىسمىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ ئىچكى كىسەللىك ئىلىمنى سۆزلەشكە باشلىدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ۋە ماس قەدەمدە ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلىمنى تەكىرار قىلىش مەقسىدىدە كۈندە ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرىسلىكنى ئالدىن تور بەتكە ۋە بىلوگىمغا چىقىرىشنى ئويلاپ قالدىم. دەرىسكە قاتنىشىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا ھەر كۈنى كەچ سائەت 6:30 (ئۈرۈمچى ۋاختى) دا ۋاي ۋاي yy توپ نۇمۇرى 28277 نى قۇشۇپ ئۇيغۇر تىبابەت دەرىسخانىسىغا كىرسەڭلار بۇلىدۇ. بۈگۈنكى مەزمۇن باش ئاغرىقى. قېنى تۈۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۈرۈپ باھالاپ بېقىڭ.
باش ئاغرىقى
تۇنۇش: بۇ ھەرخىل سەۋەپلەر تەسىرىدىن باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، لوقۇلداپ ئاغرىش ياكى ئىسىلىپ ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك بۇلۇپ سەۋەبىگە قارىتا ماددىسىز باش ئاغرىش، ماددىلىق باش ئاغرىش، يېرىم باش ئاغرىش، شىركى باش ئاغرىش قاتارلىق تۆت تۈرگە بۈلىنىدۇ. تۈۋەندە ھەرقايسى باش ئاغرىشنىڭ سەۋەبى، ئالامىتى، داۋالاش لاھىسىنى سۆزلەپ ئۈتىمىز.
1. ماددىسىز باش ئاغرىش: بۇ ھەرخىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىشنى كۆرسىتىدۇ. تەسىر قىلغان كەيپىياتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۈۋەندىكىدەك 2 خىل بۇلىدۇ.
ماددىسى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىش - ھاۋا بەك ئىسسىق كۈنلىرى ئاپتاپتا ياكى ئىسسىق ئۆيدە كۆپ ئولتۇرۇش، قىززىق چاي ۋە قىززىق، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، بەك ئىسسىق مۇنچىدا يۇيىنىش، كۆپ ئاچچىقداش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇلىدۇ. بۇنداق باش ئاغرىشتا باش قىززىش، ئاغرىش، باش تىرىسى ئېچىشقاندەك بىلىنىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. بىمار كىشى سوغاق ھاۋانى خالايدۇ، ئېغىز بۇرۇنلىرى قۇرۇپ ئېچىشىدۇ. كۆپ ئۇسايدۇ. بۇنداق بىمارلارنى داۋالاشتا سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش، ئىسسىق مۇيىتتا ئۇزۇن تۇرۇش سەۋەبىدىن بولسا سالىقىن ھاۋالىق جايغا ئېلىپ بېرىپ ئارام ئالدۇرۇش، ئىسسىق مۇنچىدا ئۇزۇن تۇرۇشتىن بولغان بولسا سوغوق سۇدا يۇيۇندۇرۇش كىرەك. دورىلاردىن ئىسكەنجىۋىل ساددە، ھەببى شىپاھ بىرىش بىلەن بىرگە چىلان، قىزىلگۈل، سەندەل، تەمىرھىندى قاتارلىقلارنى چىلاپ ئىچكۈزۈش، سەندەل بىلەن يۇمغاقسۈتنى سۇقۇپ سىركىدە يۇغۇرۇپ باش قىسىمغا قۇيۇش كىرەك.
ماددىسىز سۇغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى - سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىش ياكى ئىسسىق ۋاقىتتا سۇغۇق تاماق كەينىدىن سۇغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، ئەتىياز، كۈز پەسىللەردە كۈندۈزى ئۇخلىغاندىن پەيدا بۇلىدۇ.
داۋالاش: سەۋەبىگە قارىتا مىزاجنى تەڭشەش ئېلىپ بېرلىدۇ. مەسىلەن: سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن بولسا نۇرمالنى ئىسسىق جايدا ھاۋالاندۇرۇش، ئىسسىق چاي، ئىسسىق تاماقلار بىلەن مىزاجنى تەڭشەش لازىم، باش قىسمىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كىرەك. دۇرىلاردىن: ئىپار، زەپەر، ئود ھىندى، ئەنبەر پۇرۇتۇش، باشنى يالپۇز، مەرزەنجۇش، سېرىق چىچەك سىۇلىرى بىلەن يۇيۇش لازىم. تامىقىغا ئىرىك قوي گۆشىنى دارچىن، زىرە، پىلپىل سېلىپ، شورپا قىلىپ بىرىلسە نۇقۇت سېلىپ تاماق تەييارلاپ بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ. مىزاجى ھۆللۈك تەرەپتە بولسا يۇقارقى تاماق تەييارلاپ بىرىش ياكى چامغۇر، سامساق سېلىپ تاماق تەييارلاپ بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ. ماددىسىز، ئىسسىقتىن، سۇغۇقتىن، قۇرۇغلۇقتىن بولغان باش ئاغرىقلىرىدا ئاغرىق كۈچلۈك بۇلىدۇ. ھۆللۈكتىن بولسا ئاغرىق يەڭگىل بۇلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسسىقتىن بولسا ھاۋاسى سالقىن، نەم جايدا دەم ئالدۇرۇش، ئىچىشكە نىلۇپەر، يۇمغاقسۇت، ئەينالۇ بىرىش. سۇغۇقتىن بولسا ئەفتىمۇن، گاۋزىبان، ئۈستىقۇددۇس شەربەتلىرىنى بىرىش لازىم، ھەببە شىپا بىرىشمۇ ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.
2
.ماددىن بولغان باش ئاغرىقى - 4 خىلىت سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەندە يەنىلا باش ئاغرىشنى پەيدا قىلالايدۇ. تۈۋەندە بۇ خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان باش ئاغرىقى بىلەن تۇنۇشىمىز.
قان خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: قاننىڭ بەدەندە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى قىزىل بۇلۇش، باش ئىسىلىپ ئاغرىش، ئېغىز تەمى تاتلىق، بەدەن ئېغىر، بەدەنگە مۇدۇرچاقلارنىڭ كۆپ چىقىشى، تۇمۇرنىڭ كۈچلۈك، تىز، توم ئۇرۇشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: سافىن تۇمۇردىن قان ئېلىش لازىم. قان ئېلىشقا بولمايدىغان ئەھۋاللار بولسا ئىككى پاقالچەككە لوڭقا قويۇش لازىم، ئىچىشكە قارا ئۈرۈك، تەمرى ھىندى، كۆك يۇمغاقسۈت، قىزىلگۈل، ئاچچىق ئانار، غۇرا سۇلىرىنى بىرىش لازىم.
سەپرا خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: ياز پەسىللەردە ھاۋانىڭ ئىسسىق كۈنلىرى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئىسسىقلىق غىزا-دورىلارنى كۆپ ئسىتىمال قىلىش، دەم ئالماي كۆپ چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ ئاچچىقلىنىشتىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى سېرىق بۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، ئېغىز تەمى ئاچچىق بۇلۇش، بەدەن قىزىق بۇلۇش، ئۇيقۇ كەلمەسلىك، ئېغىز-بۇرۇن قۇرۇش، تىز ئاچچىقى كىلىش، سۈيدۈكى سېرىق بۇلۇش، ھۆ پەيدا بۇلۇش، ئاغرىقسىز ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش: ھاۋاسى سالقىن ھۆللۈك جايدا دەم ئالدۇرۇش، غىزاسىغا: ئارپا-قاپا ئېشى تەييارلاپ بىرىش، ئانار، ئەينالۇ، قاپاق شەربىتى، ئىسكەنجىبىن دىينارى بىرىش لازىم، ئەگەر ماددىسى كۈچلۈك بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىج- مۇسھىللىرىنى بىرىپ ماددىسى تازىلنىپ بولغاندىن كىيىن تەڭشىگۈچى، قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن ئامىلە نۇشىدارى، ئىسكەنجىبىن سەپەر جىلى، لۇئۇقى بادام، خېمىرى بىنەپشە قاتارلىق دورىلارنى بىرىش لازىم.
بەلغەم خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: ھۆل سۇغۇقلۇق غىزالارنى، مىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، كۆپ مۇنچىغا كىرىش، كۆپ ئۇخلاش، ھەرىكەت قىلماسلىق، چوڭ-كىچىك تاھارەتلەرنىڭ ئازلاپ كىتىشىدىن ھەمدە كۆپ ۋاقىتلاردا غەملىك، ئۈمىتسىزلىك كەيپىياتلاردا ئۆتۈش سەۋەپ بۇلىدۇ.
ئالامىتى: رەڭگى روھى ئاقىرىپ قېلىش، باشنىڭ ئېغىر بۇلۇشى، ھۇرۇنلۇق، كۆپ ئۇخلاش، ئۇنۇتقاقلىق، باشنىڭ، بەدەننىڭ سۇغۇق بۇلۇشى، ئېغىز بۇرۇندىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ كىلىشى، تۇمۇرى ئاستا، بوش، توم سۇقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بۇلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن مىڭە ھەم بەدەننى سۇغۇق خىلىتتىن تازىلاش ئۈچۈن بەلغەمنىڭ مۇنزىجىنى بىرىپ، كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل بىرىپ ماددا تازىلانغاندىن كىيىن مىزاجىنى تەڭشەش ئۈچۈن مائۇلئەسەل، مائۇلئۇسۇل شەربەتلىرىنى بىرىش، ئۇندىن كىيىن ماددەتۇلھايات، جاۋارىش دارچىن، جاۋارىش ئەنبەر قاتارلىق دورىلارنى بىرىش لازىم، تامىقىغا: نۇقۇت شورپىسى، كەپتەر، قۇچقاچ گۆشلىرى بىلەن شورپا تەييارلاپ بىرىپ. باشنى بابۇنە، قەلەمپۇر ياغلىرى بلەن ياغلاش، ئەنبەر، سۇمبۇللارنى پۇرۇتۇش لازىم.
سەۋدا خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى
سەۋەبى: شامال ئېغىزلىرىدا كۆپ تۇرۇش، ھەم شامالدۇرغۇچ بىلەن ھاۋالىنىش، كالا گۈشى، ئۆچكە گۈشى، غورا، قارا ئۈرۈك، كاللەك بەسەي، چەيزە قاتارلىق قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن باش تۇلا ئاغرىيدۇ.
ئالامىتى: باش ئىسسىماسلىق، قۇرۇق بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش، ئۇيقۇ كەلمەسلىك، ئېغىز دىماغ قۇرۇش، تۇمۇرى تىز، ئىنچىكە، قالايمىقان سۇقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋدانىڭ مۇنزىجىنى 15كۈن بىرىپ، ماددا پىشقاندىن كىيىن مۇسھىل ئۈچۈن مەتبۇخ ئەفتىمۇن بىرىپ ماددىسى تازىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ھالۋايى بەيزە، خېمىر گاۋزىبان، لۇبۇبى سەغىر، رەيھان شەربىتى بىرىش لازىم.
غىزاسىغا: نۇقۇت ئېشىغا تۇخۇ، كەكلىك گۆشلىرىنى سېلىپ بىرىش ھەم تۇخۇم سېرىقى، قايماق، شىكەر بىلەن چاي قىلىپ نان بىرىش لازىم، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىش لازىم.
بەلكىم بۈگۈن شۇنچىلىك سۆزلىنىشى مۇمكىن. يېرىم باش ئاغرىقى ۋە داۋالاش بۇرۇن مۇشۇ سەھىپىگە يوللانغان. شىركى باش ئاغرىش ئۈستىدە كىلەركى قېتىم توختالغان بولساق.
مەنبە:
ئەلسىھەت مۇنبىرى