خولېرا
خولېرا - خولېرا جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ، كىلىنكىدا شىددەتلىك قۇسۇش ، گۈرۈچ سۈيىدەك ئىچى سۈرۈش ، ئېغىر دەرىجىدە سۇ يۇقۇتۇش ، پۈتۈن بەدەن تارتىشىش ، شوك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك .
***داۋالاش***
سەۋەبى يوقىتىلىدۇ ھەمدە سۇيۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ ، شۇنىڭدىن ئىچى سۇرۈشنى توختىتىش ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلاردىن بىر ياكى بىر قانچىسى كېسەللك ئەھۋلىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى تەمرى ھىندى چىلانمىسى ۋە سىركەنجىۋىلگە ئازراق سوقمۇنىيا تالقىنىنى قوشۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.
2. مۇۋاپىق مىقداردىكى كاسىنىنى سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ، ئازراق سوقمۇنىيا تالقىنى قوشۇپ ، 30 مىللىلىتىر مائۇل ھەسەل بىلەن بىللە ئىچىلىدۇ .
3. مۇۋاپىق مىقداردىكى تاباشىر ۋە ئانار ئۇرۇقىنى تالقانلاپ ، 30 مىللىلىتىر چۈچىمەل ئانار شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىلىدۇ .
4. رۇم بەدىيان ، زىرە ، مەستىكى رۇمى ، ئۇد ھىندى قاتارلىقلرنى مۇۋاپىق قايناق سۇدا قاينىتىپ ، ئىلمان ھالەتتە ئىچىلىدۇ .
5. مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سىركەنجىۋىلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ .
6.ئاق سەندەل ، ئانار گۈلى ، قىزىلگۈل ، بېھى قېقى ، ئالما قېقى ، كاپۇر مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق تالقانلاپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، ئامۇت يۇپۇرمىقى ئەرقى بىلەن زىمات تەييارلاپ كىندەك ساھەسىگە چېپىلىدۇ .
7. قۇمۇش يىلتىزى بىلەن سۆگەت شېخىنىڭ كۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن يۇغۇرۇپ زىمات تەييارلاپ قۇرساق ساھەسىگە چېپىلىدۇ .
8. قەلەمپۇر ،كاۋاۋىچىن ئۈچ گىرامدىن ، سۇمبۇل ھىندى ، مەستىكى 1.5 گىرامدىن ، ئۇدخام 12 گىرام ، سېكەر 16 گىرام ئېلىپ ،يۇمشاق سوقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، سۇفۇپ تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ئىستېمال قىلىدۇ .
9. قەلەمپۇر 30 گىرام ، ئىپار ئۈچ گىرام ، گۈلدارچىن ئالتە گىرام ، راسەن 4.5 گىرام، مەستىكى رومى ، ئەپييۈن بەش گىرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ ، تالقانلاپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ بېھى شەربىتى بىلەن يۇغۇرۇپ ، كۇمىلاچ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىنى 50 مىللىلىتىر پاقىيۇپۇرمىقى ئەرقى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
10 . 10 گىرام قۇرۇتۇلغان بۇغا مۈڭگۈزى ، سېمىز ئوت غولى ۋە قۇمۇش يىلتىزىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىدىن كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامنى 30 مىللىلىتىر ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
11. قورسى كاپۇر ( تەركىبى : مەستىكى 20 گىرام ، ئانار گۈلى ،قىزىلگۈل 10 گىرامدىن ، قاقىلە تۆت گىرام ،قەلەمپۇر 15 گىرام ، ئىپار بىر گىرام ، ئىككى گىرام ئېلىپ ،يۇمشاق سوقۇپ ئىسپىغۇل لوئابى يۇغۇرۇپ ، قۇرسى تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئەتىگەندە بىر قېتىم ئالتە دانىنى بىر قۇشۇق پىننە مۇرابباسى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ .
12 . قۇرسى كۇندۇر ( تەركىبى : كۇندۇر ، 20 گىرام ، قاقىلە ، قەلەمپۇر 1،5 گىرامدىن ، تاباشىر ، ئانار گۈلى ، بەللۇت ، جىگدە 10 گىرامدىن ، كافۇر ، ئىپار بىر گىرامدىن ئېلىپ ، سوقۇپ تالقانلاپ ، ئەرقى گۈل بىلەن قۇرس تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئەتىگەندە بىر قېتىم ئالتە دانىنى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .'
13 . قورسى گۈل ( تەركىبى :قىزىلگۈل 20 گىرام ، ئانار گۈلى ، موزا ، ئامۇت يوپۇرمىقى ، سۇماق ، بەللۇت ،گۈرۈچ كىراخمالى 10 گىرامدىن ئېلىپ ، سوقۇپ ، تالقانلاپ ،ئەرقى گۈل بىلەن يۇغۇرۇپ ، قۇرس تەييارلىندۇ ) كۈندە ئەتىگەندە بىردانىنى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
14 . قۇرسى راسەن ( تەركىبى : قۇرۇتۇلغان ئانار ئۇرۇقى 20 گىرام ، قەلەنپۇر ، قاقىلە ، لاچىندانە، مەستىكى ئۈچ گىرامدىن ، قۇرۇق راسەن 10 گىرام ، قىزىلگۈل ، رەيھان ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ،ئەرقى گۈل بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن مېۋە سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
15 . سىركەنجىۋىل ساددە ( تەركىبى : جىگەر ياللۇغىدىكى سىركەنجىۋىل نۇسخىسىغا قارالسۇن ) كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ .
16 . شەربىتى سەپەرجىل ( تەركىبى : بېھى شەربىتى 90 مىللىلىتىر ، ئانار گۈلى ، ،موزا ، قارا ھېلىلە ، ھەبىبۇلئاس ئالتە گىرامدىن . قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئۈچ قېتىم تاماقتىن كېيىن ، ھەر قېتىمدا 100~50 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
***دىققەت***
تەستە ھەزىم بولىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، زىيادە سوغۇق ياكى ئىسسىق يېمەك -ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ .
ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان سىڭىشلىك يېمەك -ئىچمەكلەر مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىدۇ .
كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ، غەم -ئەندىشە قىلىشتىن ، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش لازىم .
يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش،، روچىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش لازىم .
غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى
http://www.hazibay.com