ئامىركا خارۋاد ئۇنۋىرسىتىتى تىببىي ئىنىستوتىنىڭ پىرۇفېسسۇرى ۋايتىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ %60~%80بەل ئاغىرش ئالامىتى بۇلىدىكەن.
بەل ئاغرىش بەزىدە مەلۇم كىسەللىكلەر، مەسىلەن: بۆرەك كىسەللىكى، ئۆت خالتىسى كىسەللىكى، كەم قانلىق، ئاياللار كىسەللىكى، بەل، ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرى، مۇسكۇل كىسەللىكلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇلۇپمۇ تۆۋەن قان بىسىم، ئاشقازان تۆۋەنلەش ۋە سۇغۇقتىن قورقۇش كىسەللىگىگە گىرىپتار بولغانلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ ھالبۇكى بەل ئاغرىش كۆپىنچە زىيادە چارچاش، بەدەن ھالىتى توغرا بولماسلىق، روھىي جىددىيلىك ۋە يوتقان-كۆرپەنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ئىچ كىيىملەرنىڭ تار بۇلىشى، كۇتۇلمىگەن ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بۇلىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا بەل ئاغرىش بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىدىغان –قىمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ، شۇڭا بەل، دۇمبىسى ئاغرىيدىغانلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ باقسا بۇلىدۇ.
▲سەھەردە ئورنىدىن تورغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن بېلىنى تولغاپ ھەر قېتىمدا 2~3مىنۇت ئەتىراپىدا ھەرىكەت قىلىش ياكى ئالدى-كەينىگە ياكى ئارقىچىلاپ مېڭىپ بىرىش كىرەك، بىر كىچە قېنىپ ئۇخلىغاندىن كىيىن بەل تەخسىسى سۇ قۇبۇل قېلىپ كۆپىپ قالىدۇ، ئۇنىدىن تۇرغاندىن كىيىن بەلنى ھەركەتلەندۇرۇپ بەرسە ئۇمۇرتقا سۆڭىكى بېسىلىپ، بەل ئارلىق تەخسىس بىلەن سۇركىلىپ ئارتۇقچە سۇ چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىرۋالارنىڭ بېسىلىشنى يىنىكلەتكىلى بۇلىدۇ.
▲بەل، دۇمبە ئاغرىشقا نىسبەتەن ئەڭ ئەمەلىي ھەم ئۇنۇملۇك بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ئاسپىرىن ئېچىپ، يېتىپ ئارام ئېلىش، يېتىپ ئارام ئالغاندا ، يېنىچە يېتىپ، ئىككى تىزىنى مەيدىسىگە قارىتىپ تۇگۇپ يېتىش كىرەك، ئاغىرىق ئېغىر كىشىلەر ھەر ئۇچ سائەتتە بىر قېتىم بىر تالدىن ئاسپىرىن ئېچىپ بىرىشى، ئۇنى بىر~ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ بەل ئارلىق تەخسىسىنىڭ پولتىيىپ چېقىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى تەكشۇرتىشى لازىم، ئەمەلىيەتتە ئىسسىق ئۆتكۇزۇش، ئۇۋۇلاش، سۇ ئۇزۇش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بەل ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدىغان بۇلۇپ، بۇ داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۇنۇمى %70~%75پىرسەنگە يىتىدۇ.
▲ياپۇنىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغانداك ھەر قانداق بەل ئاغرىقى(سىرتقى زەخمىلىنىش، بۆرەك ئۆسمىسى قاتارلىقلاردىن باشقا)غا نىسبەتەن ‹‹ئارقىچىلاپ مېڭىش ئۇسۇلى››نى قوللانغاندىمۇ داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئىكەن.
ئارقىچىلاپ مېڭىش ئۇسۇلىدا ماڭغاندا لىپەكنى ئەگمەسلىك كىرەك، قەدىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتسە بۇلىدۇ، بۇنىڭدا باش بارماقنى ئېچىگە ئېلىپ مۇش تۆگۇپ ، قولىنى ئالدى-كەينىگە سېلىپ مېڭىش، ھەر 100قەدەم ماڭغاندا يەنە ئارقىسىغا قاراپ 100قەدەم مېڭىش، كەينىچە مېڭىش بىلەن بىرگە ئوڭ-سول قول بىلەن بەلنى رېتىملىق ئۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ.
ئارقىچىلاپ مېڭىشنى ئەڭ ياخشىسى ئەتتىگىنى ھاۋا ساپ چاغدا ئېلىپ بىرىش ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش لازىم.
بىلىم-كۇچ ژورنىلى 2000-يىللىق5-سانىدىن ئېلىندى
http://arkan.blogbus.com/