جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 0

نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ ؟
سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمدەكى 15~24 ياش ئارىسىدىكى ياشلار بولۇپ ، 12~19 ياش دائىرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسىرى ئۆرلىمەكتە . بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدۇ .

پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 6000غا يېقىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئايال، قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدۇ. شۇڭا ياش قىزلارغا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش، قانات يايدۇرۇش بەكلا مۇھىم .

نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ؟
1) ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېتقاندا ، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ . يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى .

2)ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى . ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغۇسۇن ، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن . مەسىلەن بالىياتقۇ زەخىمگە ئۇچراش ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى ، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . يەنە كېلىپ ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك ، بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .

3)ياش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ، جەمىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ .

4) ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ . شۇڭلاشقا يىگىتلەر جىنسىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا ، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .


شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى ، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم .

قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
1.تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش .
تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلدار بولۇش ، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى . تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇنسىۋەت بىرخىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت ، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توي دىن ئىبارەت بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ .

2.جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق .
ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئېدىيىسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇ خىل چاكىنا ئىدىيىلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . جىنسىي ئەركىنلىك بۇ تىپىك مىسالى . جىنسىي ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز .

مەنبە:ئەلكۈيى ئۇنۋېرسال تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش