新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 0

ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئىغىز بوشلىقىدىكى ئالامەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-18 11:31:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەيدىز كېسىلى يەنە (aids)دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كېسەللىكنى ئنسانلارنىڭ ئېرىشمە ئىممۇنىت كەملىك ۋىرۇسى(HIV)كەلتۇرۇپ چىقارغان بولۇپ ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەردە قوزغىلىدۇ.بولۇپمۇ 20–49ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ.يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن دەۋرى 1–5يىل،قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 29ئاي ،ئۆسمۈرلەرنىڭ 12ئاي بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىماردا ھۈجەيرە ئىممۇنىت ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك ئېغىر بولۇپ ،ئورگانىزىم سىرتقى مۇھىتتىن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ،ئوڭايلا شەرتلىك يۇقۇملىنىش (كارېن ئۆپكە قاپلىق قۇرت كېسىلى،HIVھۈجەيرە توقۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ قوزغىغان مەركىزى نېرۋا كېسەل ئالامىتى) ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(كاپورس ساركومىسى،Burkittلىمفا ئۆسمۈسى،خودگكىنىس لىمفا تۈگۈن ئۆسمۈسى)قاتارلىقلارنى قوزغىتىپ،ئەڭ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى: ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلەشكەنلىكتىن ۋە يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ:قان ئارقىلىق يۇقىدۇ؛قان بېرىش ۋە باشقا قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ؛ۋېناغا ئوكۇل قىلىش ياكى ۋېنادىن دورا ئىشلىتىشتىن خۇمار بولۇپ قالغانلار بۇلغانغان ئىشپىرىس ئىشلىتىشتىن؛ھامىلە ۋە تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدە يۇقۇملىنىش ؛ئەيدىز كېسىلى بار ئاياللار ،تۇغۇتتىن بۇرۇن،تۇغۇت جەريانىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بوۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ؛يۇقۇرقى يولدىن باشقا ۋېروسنىڭ ھاۋا،ھاشارەت،سۇ،يىمەكلىك ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقى تېخى ئسپاتلانمىدى.شۆلگەيدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئىھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.   ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئىپادىسى: سەۋەبى ئېنىق بولمىغان جاھىل خاراكتېرلىك كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان غاز بوغۇزسىمان ئاق داغ،تىل قوۋۇز يۇتقۇنچاققا ھەتتا پۈتۈن ئېغىز بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ؛قايتىلانما ئاددى قاپارتمىلىق ئېغىز ياللۇقى ۋە پۈتۈن ئېغىز بوشلىقى ۋە يۇتقۇنچاققىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛جىنسى ئەزالارنىڭ تېرىسى قاپارتچۇقلاش دائىم قوشۇلۇپ كېلىدۇ؛ كۆپ قوزغىلىدۇ؛ بەزىدە توختاپ بەزىدە داۋاملىشىدۇ؛ئېغىز بوشلىقىدىكى تۈكسىمان ئاق داغ ئاساسلىقى تىل گىرۋىكى ۋە تىل قورسىقىدا پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە ئىككى تەرەپتە تەڭ كۆرىلىدۇ، سىرتقى كۆرۈلۈشى تۈككە ئوخشايدۇ،سىرتقى يۈزىدە قورۇق بولۇپ يوقاتقىلى بولمايدۇ؛ئادەتتە ئۆزى ھىس قىلىدىغان ئالامەتلەر بولمايدۇ.چىش مىلىكى ئىششىپ قاناپ ئاغرىيدۇ،دائىم ئۆتكۈر نېكروزلىنىشچان يارىلىق چىش مىلىك ياللۇغى ياكى چىش مىلىكى ئېغىز ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ ؛ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل بىر ياكى ئىككى تەرەپتىكى ئېڭەك نېرۋىسى تارقالغان ئورۇندا ،ئۇشتۇمتۇن ئۇيۇشۇش پەيدا بولىدۇ،سەۋەپسىزلا پۈتۈن ئېغىزدىكى چىش ئاغرىيدۇ. قوۋۇزنىڭ سېزىمى نورمالسىزلىنىدۇ، ئېغىز بوشلىقى قاسراقسىمان ھۈجەيرە راكى پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە ،قان زەرداۋى HIVئانتىتېلاسى مۇسبەت چىقىدۇ،T4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى0.4*10نىڭ9دەرجىسىدىن تۆۋەن بولىدۇ.T4/T8نىسبىتى تەتۈر بولىدۇ .(نورمال كىشىلەرنىڭ نىسبىتى1.75~2.1 بولىدۇ،ئەمما بىمارنىڭ 1.0دىن تۆۋەن بولىدۇ). ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئانچە تەس ئەمەس. 56HIV گرادوسلۇق مۇھىتتا 30مىنۇتتا ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيىلەش دورىلىرى مەسىلەن ،75%لۇق ئىسپرت%25لىك يود تىنىكتورىسىHIV نى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما بۇ ۋېروس سوغۇققا چىداملىق بولۇپ ،0دىن تۆۋەن 75گرادوستا مۇز توڭلىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا 3ئاي ياشىيالايدۇ.ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۆلتۈرۈشمۇ ناھايىتى تەس.شۇنداق بولغاچقا بەزىلەر نۆۋەتتە،بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئېغىز بوشلىقى بۆلىمىدە ئالاھىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى يوق،شۇڭا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
   كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا جىنسى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەتنى ،زەھەر چېكىشنى قاتتىق چەكلەش.قان بەرگۈچى ۋە قان ياسالمىلىرىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ تاللاش؛خەتەرلىك ئادەملەر توپىنى كۈزىتىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش؛بىر قىسىم ئىشلىتىلىدىتغان ئېغىز بوشلىقى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاكتىپ كېڭەيتىش؛تازىلىق شارائىتى ياخشى بولغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كۆرۈنۈش؛ئېغىز بوشلىقىدا يۇقارقى ئالامەتلەردىن مەلۇم بىرى بايقالغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ،داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم .ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپلارنى ،ئۈستەل ،ئورۇندۇق،يوتقان –كۆرپە،تاماق قاچىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم خىلورلۇق ھاكتا دىزىنفىكسىيىلەش،ئۇلار ئىشلەتكەن ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى،لۆڭگە،يۇز دېسى قاتارلىقلارنى چوقۇم% 70لىك ئىسپىرتتا 10مىنۇت دىزىنفىكسىيىلەش ، ئاشكارا بۇلغانغان تەرەت قاچىسى، كۇسەرلەرنى پەلەي كىيىپ يۇيۇپ، دىزىنفىكسىيىلەش كېرەك .دوختۇرخانىدىكى تىببى خادىملار ئىزۇلياتسىيە كىيىمى، پەلەي ،ماسكا ،كۆزنى ئاسراش ئەينىكى تاقىشى ،ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئىشلەتكەن ئەسۋاپ ۋە قانغا ئاجراتما ماددىلارغا ،كېرەكسىز چىقىرىندىلارغا ،ۋە تىنىق ماتىرىياللىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قىلىپ ،ئامال بار خالتىغا تېز ،پۇختا قاچىلاپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم ،تىببى خادىملار داۋالاش مەشغۇلاتىدىن كېيىن قولىنى يۇيۇپ،دىزىنفىكسىيىلىشى،قولىدا يارا بولسا ياكى قولى سۈرۈلۈپ زەخمىلەنسە ، دەرھال قولىنى دىزىنفىكسىيىلەپ تېڭىۋېلىشى ،بىمارغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.ئېغىز بوشلىقى بۆلۈمىدىكى ۋە كېسەلخانىدىكى ئۈستەل ئورۇندۇق،ۋىكلىيۇچاتىللارنى تاشلىۋەتسە بولىدىغان يوپۇقلار بىلەن ئوراپ،يەرنى چوقۇم %0.2لىك خىلورلۇق ھاك بىلەن سۈرتۈش كېرەك.
مەنبە: جىنسىيەت تورى
ئەسلى مەنبە: http://www.basbas.cn/saghlamliq/ ... PTkxNCZjYXRpZD0xODc


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش