新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 550|ئىنكاس: 0

بالىلار ئىستېمال قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىكى خاتالىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا- ئانىلارنىڭ ئويلايدىغىنى ئۇماق پەرزەنتىنىڭ ساغلام چوڭ بۇلۇشى بولسا كىرەك. دىمىسمۇ ئاتا – ئانىلار ئۈزى چوڭ – چوڭ كىسەل بولسا خىيالدا يوق باللىرى كىسەل ياق ئاددىيسى 2نى يۈتەلسىمۇ ئەنسىرەيدۇ ئەمەسمۇ؟
تور ئارلاۋېتىپ بۇ يازما ئۇچقاپ قالدى. قوللۇغۇچۇللىرىم ئىچىدە بىرەسگە نەپ يىتىپ قالسا دەپ يوللاپ قۇيۇشۇم .

قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى: ئالتە ئايدىن كىچىك بولغان بوۋاقلارغا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ. قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرىنى ئاساسەن ھەر قانداق ئۆيدىكى دورا ساندۇقلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. خاربىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن لىخوڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، قىزىتما پەقەت كۆپ خىل كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئالامەت ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38.5تىن يۇقىرى بولغاندا، ئاندىن قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، بۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاندا، ئاتا-ئانىلار فىزىكىلىق ئۇسۇل بويىچە بالىنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە بوۋاقلارغا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان قىزىتما قايتۇرۇش دورىلىرى ئىككى خىل بولۇپ، 布洛芬بىلەن 对乙酰氨基酚.ئادەتتە بۇ دورىلارنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، تەكرار ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن ئەھۋالدا ئارىلىقتىكى ۋاقىت تۆت سائەتتىن كۆپ بولۇش كېرەككەن.قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىشلىتىپمۇ بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى يانمىغان ئەھۋالدا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بولغان بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىچكۈزۈپ قىزىتما ياندۇرۇشقا بولمايدىغان بولۇپ، فىزىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەككەن. مەسىلەن، يوتقان-كۆرپىلەرنى بوشىتىش، ئىلىمان سۇدا يۇيۇندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش چاپلىمىسى چاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، ئاسانلا قىزىتما قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئانتىبىئوتىك دورىلار: جىددى بولمىغان ئەھۋالدا ئىشلەتمەسلىك، ئىشلىتىشكە توغرا كەلسىمۇ پۈتۈن داۋالاش باسقۇچىدا ئىشلىتىش كېرەك. قانداق ئەھۋالدا بالىلارغا ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ؟ رېن لىخوڭنىڭ دېيىشىچە، ئائىلە باشلىقلىرى بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، باكتىرىيىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ جىددى مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش، ئەگەر ئاللىقاچان ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولسا، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. يۇقۇملىنىشنىڭ جىددى مەزگىلىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى بالىنىڭ بىئارام بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش، يەنى قىزىپ قالغان بالىلار قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تىنىمسىز، شوخ ھالىتىگە قايىتقان بولسا بىئاراملىق ھالىتى يوقىغان بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە پۈتۈن بىر داۋالاش باسقۇچىدا ئىشلىتىش كېرەك، ئادەتتە 7~5 كۈنگىچە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىپ قالغانلىقىغا قاراپلا، ئىشلىتىشنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ.ئەگەر باكتېرىيىلەر بەدەندە ساقلىنىپ قالغان بولسا، بۇ باكتېرىيىلەر ئانتىبىئوتىك دورىلىرىغا قارىتا بەرداشلىق بېرىش رولى پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيىگە ئۆزگىرىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان دورا تاپقىلى بولمايدۇ. يۆتەل دورىسى: يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدىغان دورىلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشىلتىشكە بولمايدۇ. كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار ھەر قانداق يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۆتەل توختىتىش دورىلىرى ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، بىر خىلى يۆتەل توختىتىش دورىسى، يەنە بىر خىلى بەلغەم بوشىتىش دورىسى. كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان دورىلار ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى خىل دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلشىقا بولمايدۇ.بەلغەم بوشىتىش دورىلىرىنىڭ رولى بولسا بەدەنگە قان تولۇش سەۋەپلىك پەيدا بولغان ئاجرالمىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش ياكى سۇيۇلدۇرۇش.يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنىڭ رولى بولسا، بەدەن رېفلىكىسىنى توسۇش ۋە يۆتىلىش ئارزۇسىنى پەسەيتىش. بەلغەم بوشىتىش ۋە يۆتەل توختىتىش دورىلىرى تەڭ ئىستېمال قىلىنغاندا، بەلغەم ھەزىم قىلىش يولىدا توسۇلۇپ قالىدۇ، بەلغەم تەركىبىدىكى باكتېرىيىلەر كۆپىيىپ كېتىپ،يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كونترول قىلىش تەسكە توختايدۇ. قاتتىق يۆتىلىش، بولۇپمۇ بەلغەمسىز يۆتىلىش بالىنىڭ دەم ئېلىش ۋە ئۇخلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، ھەتتا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولغان ئەھۋالدا، كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز مىقداردا يۆتەل توختىتىش دورىسىنى ئىچۈرسە بولىدۇ.
مەنبە: ئەلداۋا تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش