ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. پەسىل ئالمىشىۋاتقان ۋاقىت زۇكام ئائىلىسىدىكى كىسەللىكلەرنىڭ پەسلى بوپ قالدۇ. مۇشۇ بۇ زۇكاملامۇ بەك يامانشىپ كەتتى. زۇكامغا قارىتا بىر داۋالاش لاھىيەسى تۈزۈپ قۇياي دىسەم غازىباي تورىدا يۇقۇملۇق زۇكام توغرىسىدا بىر تىما تۇرىدۇ. ئۇقۇپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئاۋال شۇ تىمىنى ئۇقىۋىتىپ ئاندىن مىنىڭ لاھىيەمنى ئوتۇرغا قۇيۇپ باقاي.
تارقىلىشچان زۇكام
تارقىلىشچان زۇكام -تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، پات-پات يۈز بېرىدىغان كەڭ كۆلەملىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە . قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ ، كىلىنكىدا كېسەللىكنىڭ باشلىنىشى جىددىي بولۇش ، قىزىش ، باش ئاغرىش ، پۈتۈن بەدەن سىقىراپ ئاغرىش ، پۈتۈن بەدەن ھالسىزلىنىش ، توڭۇپ تىترەش ، بەزىلەردە كۆز ئېقى ۋە يۇتقۇنچاق قىزىرىپ قېلىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، قۇرۇق يۆتەل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك .
***داۋالاش***
سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش بىلەن بىرگە قىزىتما پەسەيتىش ، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلاردىن بىر ياكى بىر قانچىسىنى كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .
1. بېھى ئۇرۇقى ئۈچ گىرام ، چىلان ، سەرپىستان بەش دانىدىن ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ، 24 مىللىلىتىر بىنەپشە شەربىتى قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
2. بىنەپشە ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن ، زۇپا ، نېلۇپەر ئۈچ گىرامدىن ، زىغىر توققۇز گىرام، چىلان ئالتە دانە ، ئەنجۈر مونىكى ئىككى دانە ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى تۆت گىرام ئېلىپ ، 500 مىللىلىتىر قايناق سۇغا دەملەپ ، تەمىنى ئوبدان چىقىرىپ، سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا قەنت سېلىپ، ئىسسىق ھالەتتە ئىچىلىدۇ .
3. زۇپا ئالتە گىرام ، بىنەپشە تۆت گىرام ، بېلۇپەر ، سانا ئۈچ گىرام ، قارائۈرۈك ئالتە دانە ، چىلان 11 دانە ، تەمرى ھىندى سەككىز گىرام ، تەرەنىجىبىن 30 گىرام ئېلىپ ، بىنەپشە ،سانا ، تەرەنجىبىن قاتارلىقلاردىن باشقىلارنى 500 مىللىلىتىر سۇغا چىلاپ ، 300 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ،ئاخىرىدا بىنەپشە ، سانا ، تەرەنجىبىنلەرنى سېلىپ ، بىر ئۆرلىتىپلا ئېلىپ ، سۈزۈپ ، سۈيىگە 100 گىرام شېكەر سېلىپ شەربەت تەييارلاپ ئىچىلىدۇ .
4. 15 گىرام گۈلبىنەپشە ، 10 گىرام نېلۇپەر ۋە 30 گىرام ئەينۇلا نى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا دەملەپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىلىدۇ .
5. زۇپا شەربىتى ( تەركىبى : زۇپا ، چىلان ، سەرپىستان 30 گىرامدىن ، ئەنجۈر 60 گىرام ، گۈلبىنەپشە 12 گىرام ،ئاق لەيلى ئۇرۇقى ، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى 15 گىرامدىن ، پىرسىياۋشان 20 گىرام ،چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 30 گىرام ، شېكەر 50 گىرام . قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ .
6. شاتۇت شەربىتى ( تەركىبى : شاتۇت 400 گىرام ، ئوغرىتىكەن ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى سېرىق ئوت ئۇرۇقى ، پىرسىياشان ، بېھى ئۇرۇقى ، بەديان 15 گىرامدىن ، بىنەپشە 10 گىرام ، چىلان 100 گىرام ، كاكىنەچ ، بادام مېغىزى 30 گىرام ، ئەينۇلا 65 گىرام ، شېكەر 400 گىرام . قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ .
7. خەشخاش شەربىتى ( تەركىبى : خەشخاش پوستى ، خەشخاش ئۇرۇقى ، ئاق لەيلى ئۇرۇقى ، گاۋزىبان ھىندى ،بېھى ئۇرۇقى ، سەرپىستان 15 گىرامدىن ، شېكەر 120 گىرام ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ ) كۈندە ئۈچ قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ .
8. ھەببى شىپا ( تەركىبى : باش ئاغرىقىدىكى ھەببى شىپاھ نۇسخىسىغا قارالسۇن ) كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ئىستېمال قىلىندۇ .
9. تەرياقى نەزلە ( تەركىبى : ئۈستىقۇددۇس سەككىز گىرام ، گاۋزىبان گۈلى، ئامۇت ئۇرۇقى ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 24 گىرامدىن ، ئۇسۇڭ ئۇرۇقى 32 گىرام، بەزرۇلبەنجى خەشخاش پوستى 56 گىرامدىن ، خەشخاش ئۇرۇقى ، رۇببىسۇس ، نىشاستە ، سەمغى ئەرەبى ، يۇمغاقسۈت ، كەتىرا 10 گىرامدىن ، قەنت ياكى شېكەر 500 گىرام . قائىدە بويىچە خېمىر تەييارلىنىدۇ ) كۈندە بىر قېتىم ، توققۇز گىرامدىن ئەركى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ .
10 . لوئۇقى سەرپىستان ( تەركىبى : زۇكامدىكى لوئۇقى سەرپىستان نۇسخىسىغا قارالسۇن ) كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
11 . لوئۇقى بادام ( تەركىبى : زۇكامدىكى لوئۇقى بادام نۇسخىسىغا قارالسۇن ) كۈندە ئىككى قېتىم ، تاماقتىن كېين ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئستېمال قىلىنىدۇ .
***دېققەت***
تەستە ھەزىم بولىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ،زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق يېمەك-ئىچمەكلەرىن ئىستېمال قىلىشتىن ، زىيادە چارچاشتىن ، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن ، غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ، زىيادە ئاچچىقلىنىشتىن ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ، زۇكام كېسىلى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشتىن ، ھاراق ئىچىشتىن ، سوغۇق ئۆتكۈزۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم .
ئاسان ھەزىم بولىدىغان ، ئۇزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش ، يەڭگىل ھەىكەت قىلىش ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ، روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش ، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئادراسمان ، سەندەل ياغىچى قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئۆي ئىچىنى ئىسلاش لازىم .
غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى ....
http://www.hazibay.com/
ئەمدى مەن ئەلسىھەتنىڭ پىكىرى سىز ھازىر زۇكامدىغان بۇلسىڭىزمۇ بۇ پەسىلدە زۇكامداپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى. شۇنىڭ ئۈچۈن قېلىنىراق كىيىنىڭ. ئاندىن ھەپتىدە بىرە قېتىم ئائىلىڭىزدە ئاچچىقسۇ قاينىتىۋىتىڭ. ھەر ئىھتىمالغا قارشى زۇكام جەۋھىرى، زۇفا جەۋھىرى دىگەن دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئۈيىڭىزگە ئەكىرىپ قۇيۇڭ.
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىشتە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار:
زۇكام ئالامىتىلام بولسا يەنى يۈتۈلۈش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىك كۈرۈلمىگەن شارائىت ئاستىدا زىكام جەۋھىرى ئىچىش بىلەن ياخشىلانغىلى بۇلىدۇ. يۈتەل بىللە كەلسە زۇفا جەۋھىرى بىرگە بىرلىدۇ. ئەگەر يۈتەلدىن كىيىن بەلغەم تەستە چىقسا لوئوقى بادام يىيىش ياخشى. يۈتەل بەك ئېغىر بولسا شەربىتى خەشخەش بىرگە ئىستىمال قىلنسا بۇلىدۇ. زۇكام كونىراپ كەنكەن يەنى 13 كۈندىمۇ ساقايمىغان بولسا تەرياقى نەزلە ئىشلىتىش لازىم. باش ئاغرىش ئېغىر بولسا قۇرسى شىپا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.