新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 743|ئىنكاس: 0

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى پەرزەنتلىك بولسا بولامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-16 17:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى _ يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بۇ خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاغرىيدىغانلار ياكى ۋاقتىنچە كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولمىسىمۇ يوشۇرۇن ۋىرۇس ئېلىپ يۈرىدىغانلار ( 乙肝病毒携带者 ، كېسەللىك ئالامىتى يوق ئەمما B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ) خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىدە جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامىتى ۋە بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ، جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ.
بەزى كىشىلەر  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر توي قىلسا بولمايدىكەن، تويدىن ئاۋۋالقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقىلىپ قالسا توي ئىشى سۇغا چىلىشىدىكەن... دەپ قارىشىدۇ. ھەتتا، بەزىلەر تويلىشىشىنى بىكار قىلىش، ئاجرىشىپ كېتىشتەك يەڭگىلتەكلىكلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق بىلىملىرىدىن خەۋەرسىزلىكى، جەمئىيەتنى چۈشىنىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە بىر قىسىم سەھىيە-داۋالاش ئېلانلىرىنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىلىشىنىڭ،  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدا زىيادە روھىي بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ جىگەر ئىقتىدارى نورمال بولغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ تېنىدە  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدە يۇقتۇرۇپ قويۇش يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇد. شۇڭا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە،  B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر قان تەقدىم قىلىشقا بولمايدۇ، يېمەكلىكلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە بالا باققۇچى بولۇشقا بولمايدۇ. ئەمما، باشقا نورمال ئوقۇش، خىزمەت، ئىجتىمائىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىۋېرىدۇ. بۇ خىل B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلىك سالاھىيىتى ئۇلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورنلىشىش، توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر توي قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 3 مۇھىم نۇقتا
1. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بۇ خىل B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر نورمال نىكاھلانسا، نورمال پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. ئەمما، ئەر-ئايال، ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى يۇقۇشقا بەك دىققەت قىلىشى، توي قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئاۋۋال كەسپىي بۆلۈم دوختۇرلىرىغا كۆرۈنۈپ، جىگەر ئىقتىدارى ۋە 5 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى تەكشۈرۈتۈپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.
2. تويدىن ئاۋۋال B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى تەكشۈرۈتىپلا قالماستىن، جۆرىسىمۇ ھەم جىگەر ئىقتىدارى ۋە 5 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرتىشى كېرەك. ئەگەر جۆرىسىنىڭ 5 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقسا، دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىپ، 3-6 ئايدىن كېيىن ئاندىن توي قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى يۇقتۇرۇۋېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
3. گەرچە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ، نورمال تۇغۇشقا بولسىمۇ، ئەمما، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى تۇغۇت ئالدى-كەينىدە يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى %90 گە يېتىدۇ. ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى توسۇش چارە-تەدبىرلىرى بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، قەرەللىك ھالدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنى ئۇرۇش ۋە بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاندىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ %95 ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل كىشىلەر پەرزەنتلىك بولۇش مەزگىلىدە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. شۇندىلا، ساغلام پەرزەنتلىك بولالايدۇ.

مەنبە: ئەلداۋا تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش