新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 5

يۈرەكنى ئاسراش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-13 11:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۈرەكنى ئاسراش ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  مەشھۇر تېۋىپلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئەسەرلىرىدە يۈرەكنى ئاسراش، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە نۇرغۇن پايدىلىق تەجرىبە ۋە نەسىھەتلەرنى قالدۇرغان. «ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى» نىڭ 4- تومىدا يۈرەكنى ئاسراش، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

  يۈرەك خىزمىتىگە نۇقسان يەتسە ھاياتلىققىمۇ تەسىر يېتىدۇ. يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، پۈتۈن بەدەننى ھاۋائى نەسىمى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىشتا، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەركەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بىرىنجى دەرىجىدىكى رەئىس ئەزا دەپ قارىلىدۇ. ئۇ باشقا ئەزالاردىن ئۆزىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتىن چوڭ پەرقلىنىدۇ. شۇنداقلا بەدەندە ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئادەم نېرۋا سېستىمىسىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىش ۋە تەسىراتلار دەرھال يۈرەكتە ئەكس ئېتىدۇ. ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا بەزىبىر روھىي تەسىراتلار ئالدى بىلەن يۈرەكتە پەيدا بولۇپ، ئاندىن كېيىن نېرۋا سېستىمىسىدا ئەكس ئېتىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئىشق – مۇھەببەت، جىنسىي تەلەپ ۋە ئارزۇ- ئارمان، خۇشاللىق، غەزەپ ۋە نەپرەت قاتارلىق روھىي كەيپىياتلارنىڭمۇ قوزغىلىش مەنبەسى ۋە ئەمەلىي كۈچى يۈرەكتە بولىدۇ. ئەمما ئۇنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش نېرۋا سېستىمىسىدىكى ئەقىل ۋە تەپەككۇر مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. قەدىمكىلەرمۇ روھىي ھايۋانىي بىلەن روھىي نەپسانىي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ەتقىق قىلىپ، يۈرەكتە روھقا مۇناسىۋەتلىك سىرلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. يۈرەكنىڭ بۇ خىل سىرلىق خۇسۇسىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنگەن كىشىلەر ئادەم بەدىنىدىكى نۇر ۋە پەرق كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئەقىل ۋە تەپەككۇر ئىدراك قىلالمىغان نەرسىلەرنى كەشپ قىلىشى مۇمكىن، دېگەن. ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى، مەشھۇر پەيلاسوپ، تىلشۇناس فارابىنىڭ «ئەقىل ئىدراك قىلالمىغان نەرسىلەرنى ئىشق- ھەۋەس ئىدراك قىلالايدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىمۇ دەل شۇنى كۆرسىتىدۇ.

  دېمەك، يۈرەكنىڭ ساغلام تۇرۇشى ئادەمنىڭ ساقلىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەكنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدا ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى زىيانلىق ئامىللارنى ياخشى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

1.     يۈرەككە ماددىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

1). تاماكا: تاماكا بولسا تاماكا ئۆسۈملۈكى قەدىمكى زاماندا ئۆسۈملۈك دورىلىرى قاتارىدا تىبابەتتە ئىشلىتىلگەن. ئەمما ئۇنى كۆيدۈرۈپ ئىسىنى بۇرۇن ئارقىلىق پۇرىتىش 15- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپادا پەيدا بولغان. 1492- يىلى كولومبىيىنىڭ ئادەملىرى ئامېرىكا يەرلىك خەلقىدىن ئۆگىنىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. ئۇنىڭ ئۆپكە، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكى ئۆز ۋاقتىدىمۇ مەلۇم بولۇپ، بۇنىڭغا قارشى چارە- تەدبىرلەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. بۇنىڭ يۈرەككە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكى كۈندىن- كۈنگە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشى، يۈرەك تەشەننۇجى (سىپازمىسى) ۋە سانجىقى شۇنداقلا گال ئاغرىقى ئۈچۈن تاماكىنىڭ زىيانلىقلىقى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. تاماكىنى ئەتىگەندە بىر قېتىم قاتتىق شوراش بىلەن يۈرەك سىپازمىلىنىپ دەرھال ئۆلۈپ كەتكەنلەر خېلى كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىغا زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ بىرىنجىسى تاماكا ھېسابلىنىدۇ.

2). ھاراق: ھاراق كىسلاتا خاراكتىرلىك نەرسە بولغاچقا، ئۇنىڭ ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى كۆيدۈرۈش، قاتۇرۇش، قورۇش رولى چوڭ بولۇپ، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە ۋە ئاشقازان قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىنتايىن زىيانلىق.

3). قارا چاي، قەھۋەلەرنى بەك قېنىق دەملەپ داۋاملىق ئىچىشكە ئادەتلىنىش يۈرەككە زىيانلىق. چۈنكى بۇلارنىڭ تەركىبىدە تاننىن، كافېئىن قاتارلىقلار مول بولغاچقا، يۈرەك ھەركىتىنى تېزلىتىش ھەم تومۇرلارنى قاتۇرۇش تەسىرى بار. قارا چاي 2/100 نىسبەتتە دەملەپ ئىچىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

4). قۇرۇق ئىسسىق دورا- دەرمانلارنى، مەسىلەن: قەلەمپۇر، ئاقىرقەرھا، شاقاقۇل، قارىمۇچ قاتارلىقلارغا ئوخشاش دورىلارنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىش يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قاتۇرىدۇ ۋە يۈرەك نەملىكىنى ئازايتىدۇ.

5). ھايۋان گۆشلىرى ۋە ھايۋان ياغلىرىنى كۆپ ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلىش تەدرىجىي ھالدا يۈرەكنى ماي قاپلاش، سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە، يۈرەك توقۇلمىلىرىغىمۇ زىيانلىق، شۇنداقلا ئۇ قان تومۇرلارنى تارايتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا توسالغۇ پەيدا قىلىپ يۈرەك تىقىلمىسىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

6). بەدەندە قان سۇيۇقلۇقى، خىلىتلار ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى يۈرەككە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى كەملەپ كېتىشىمۇ زىيانلىق.

7). يۈرەككە مەخسۇس ئوزۇق بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان تاماق جەۋھەرلىرىنىڭ كەملەپ كېتىشى، گلۇكوزىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

8). تىنچلاندۇرغۇچى ۋە ئۇيقۇ دورىلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش يۈرەك ھەركىتىنى زەئىپلەشتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.

9). مېنىرال ماددىلىرى كۆپ بولغان نەرسىلەر، مەسىلەن: بەك تۇزلۇق تاماقلار، پولات، مىس ۋە تاغ جىنسلىق جەۋھەرلىرىنىڭ قىل قان تومۇرلاردا چۆكمە ھاسىل قىلىشى يۈرەككە زىيان قىلىدۇ. يۇقىرىقىلار يۈرەككە بىۋاستە زىيانلىق نەرسىلەر بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت ۋە كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىش نەزەردە تۇتۇلغان.

10). جىسمانىي ھەركەتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ھەددىدىن ئارتۇق كۈچەپ كېتىش، بەك ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، كۈچەپ ئىنجىقلاپ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىدا قېتىش بار كىشىلەرنىڭ كۈچەپ ھەركەت قىلىشى خەتەرلىك.

11). كۆپ ئۇخلاش، ھەركەت قىلماسلىق، يۈرەك ھەركىتى ئاستىلاش، تومۇردا قان ئېقىشنىڭ ئاستىلىشى شۇنداقلا تەبىئىي ھارارەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇمۇ يۈرەككە زىيانلىق بولۇپ، نورمال ھەركەت قىلىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

12). تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولغان ھاۋادا، بۇزۇلغان ھاۋادا ۋە بەك شالاڭ ھاۋادا دەم ئېلىش ھەمدە ھاۋاسى بۇزۇلغان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان كىچىك ئۆيلەردە تۇرۇش يۈرەككە زىيانلىق.

13). سېسىق پۇراقلىق گازلار، بەدبۇي ۋە ئۆتكۈر ئاچچىق پۇراقلىق نەرسىلەر ۋە توپا- چاڭلارمۇ يۈرەككە زىيانلىق.

14). ھەمىشە بىر تەرەپنى بولۇپمۇ سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش يۈرەك ھەركىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

15). قاتتىق سوغۇق ياكى بەك ئۆتكۈر قىزىق نەرسىلەرنىڭ ئىچكى ۋە ياكى سىرتقى جەھەتتىن يۈرەككە تەسىر قىلىشى زىيانلىق.

16). بەك تويۇنۇپ تاماق يېيىش، ئاشقازان، قورساق بوشلىقىنىڭ كۆپۈپ كېتىشى يۈرەككە زىيانلىق.

17). كۈچلۈك شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ياشاش، قاتتىق ۋارقىراش، بىرلا ۋاقىتتا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ سۆزلەش، چوڭ- كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا قىلماسلىق قاتارلىقلار يۈرەككە زىيانلىق.

2. يۈرەككە روھىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

1). تىت- تىت، غەم- قايغۇ، خاپىلىق، ئىدىيىدە يېشىلمىگەن مەسىلىلەر ۋە ھەل بولمىغان ئارزۇ- تەلەپلەرنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشى.

2). غەزەپ، ھەسەت، ئۈمىدسىزلىك، كۈندەشلىك قاتارلىق كەيپىياتلارمۇ يۈرەكنى قوزغىشى ۋە قوزغىلىشچان قىلىشى ھەمدە تەمكىنلىكنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەبچى بولىشى مۇمكىن.

3). ھەرخىل قورقۇنچلۇق ھادىسىلەرگە ئۇچراش يۈرەككە زىيانلىق. بىر نەرسىدىن تۇيۇقسىز قاتتىق قورقۇپ كېتىش يۈرەكتە ئاسارەت قالدۇرىدۇ.

4). روھىي زەربە يۈرەككە ئىنتايىن زىيانلىق. قاتتىق تىل- ئاھانەتلەرنى ئاڭلاش، كۈرەشكە تارتىلىش، ئىچ ئاغرىقىمۇ يۈرەككە زىيانلىق.

5). دەھشەتلىك ھالدىكى يۇقىرى ئاۋازلارمۇ يۈرەككە زىيانلىق.

6). ئۇشتۇمتۇت كەلگەن خۇشاللىق ۋە ياكى شۇم خەۋەرلەر يۈرەكنىڭ قاتتىق كېلىشى ۋە يىغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

7). جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى يۈرەككە زىيانلىق.

«ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قوللانمىسى»ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنبە: ئەمچى ئۇيغۇر تىبابەت تورى


ۋاقتى: 2012-10-13 12:19:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئەپەندىم، بىزنى شۇنداق ياخشى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك تىمىلار بىلەن تەمىن ئىتىپسىز، ئاللا قولىڭزغا دەرىت بەرمىگەي، ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ روناق تاپقاي


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-13 12:39:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 12:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئەپەندىم، بىزنى شۇنداق يا ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


ۋاقتى: 2012-10-13 21:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئەپەندىم.. ھەقىقەتەن پايدىلىق ،بىلىشكە تىكىشلىك تىما ئىكەن . رەھمەت سىزگە.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-13 21:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلچى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 21:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئەپەندىم.. ھەقىقەتەن پايد ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام           قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


ۋاقتى: 2012-10-17 16:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 21:14
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام           قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ بەك ياخشى تىما بۇپتۇ  ئۇقۇرمەنلەرنىڭ زىيادە،كۆپ،ئۇزاق مۇددەت دىگەن سۆزلەرگىمۇ بەكرەك دىققەت قىلىشىنى يەنە ئۇنى يىسەكمۇ بولمايدىكەن بۇنى يىسەكمۇ بولمايدىكەن ئۇنداقتا نىمە يەيمىز دىگەن سۇئالنى قايتا قۇيۇشتىن بۇرۇن تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىپ مۇۋاپىق مىقتاردا ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش