ناماز شام قارىغۇسى
بۇ كىسەللىكتە كۆزنىڭ كۆرۈشى كەچ بولغاندا ناچارلىشىپ بارىدۇ، ھەتتا يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمەيدۇ، كۈندۈزى ئۆز ھالىتىگە كىلىدۇ. كۈن كىرىپ كىتىشىگە يىقىن بولغان ۋاقتىدا يەنە كۆزدە ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
بىرنچى سەۋەبى: قويۇق بۇخاراتلار كۆرۈش قۇۋۋىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
ئىككىنچى سەۋەبى: بەزى سەۋەبلەر بىلەن كۆزنىڭ ئەزالىرىغا ئارتوق ھۆللۈك پەيدا بولۇپ، كۆز ئېقىدىكى ھۆللۈك قويۇقلىشىدۇ.
ئۈچنىچى سەۋەبى: داۋاملىق ئاپتاپتا تۇرۇش بىلەن كۈننىڭ نۇرى كۆرۈش قوۋۋىتىنىڭ لەتىف سۇيۇقلىقىنى تارقىتىۋىتىپ قۇيۇقراق بولغىنى قالىدۇ. بۇ كىسەل كۆزى يوغان ۋە قارا كۆز كىشلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يەنە ئۇزاق مۇددەت ئاچ قالغان، زنداندا ياتقان، ھەزىم قىلىشى بۇزۇلغان كىشلەردىمۇ دائىم ئۇچرايدۇ.
داۋالاش: ماددىنى تازىلاشقا توغرا كەلسە، ئايارەجىلەر، غار – غارلار ئارقلىق ماددىنى تازىلاش، بۇخارات ۋە ھۆللۈكلەرنى سۇيۇلىتىش ئۈچۈن قارىمۇچ، كۈندۈش، قۇندۇزقەھرى، سەبرىلەر ئارقلىق چۈشكۈرتۈش لازىم. ئارپبەدىيان، سېرىقچېچەك، بابۇنە، قەيسۇم ( بەرەنجاسىپ )، مەرزەنجۇش، نەنام ( بىر خىل رەيھان )، سۇداپلارنى قاينىتىپ ھورىدا تەرلىنىش لازىم. ئەگەر تېكىنىڭ ( تاغ ئۆچكىسىنىڭ ) جىگىرىنى بىر ئاز ئارپىبەدىيان، پىلپىل قوشۇپ كاۋاپ قىلىپ يېسە ياكى سۇ بىلەن قازاندا پىشۇرۇپ، ھورىغا بېشىنى تۇتسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ. جىگەرنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ تۇرۇپ بۇخارىنى بېشىغا ئالسا ھەم شۇ تەسىرىنى بېرىدۇ، كىسەلنىڭ تامىقىغا ھىڭ، پىدىنە، قىچا، سۆئتەر، ئەنجىدان ( ھىڭ ئۆسۈملۈكى )، سەۋزە ۋە باشقا كۆكتاتلارنى، توخۇمنى كۆپ سېلىپ بېرىش لازىم.
تېكىنىڭ، كالىنىڭ ( ئەڭ ياخشىسى موزاينىڭ ) ياكى ئۆچكىنىڭ جىگىرىنى ئوتتا قويۇپ، قارىمۇچ ۋە ئارپىبەدىيانلارنى سوقۇپ ئۈستىگە سېلىپ، جىگەرنىڭ ھۆللۈكىنى مەزكۇر دورىلار ئۆزىگە تارتىپ بولغاندىن كىيىن دورىلارنى جىگەرنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، سۈرمىگە ئوخشاش قىلىپ كۆزىگە تارتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
« شەرھى ئەسباب » دىگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى : « پىلپىل، ئېگىرلەرنى سوقۇپ، تېكىنىڭ جىگىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ، زىختا كاۋاپ قىلىپ، كاۋاپتىن ئاققان سېرىقسۇنى كۆزگە تارتسا، نامازشام قارىغۇلۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ » دەيدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ روھى ئاپتاپتا تۇرغان سەۋەبتىن قويۇقلىشىپ بۇ كېسەللىككە سەۋەب بولغان بولسا، بۇنىڭ چارىسى: ئەزانى قىزىتىش بىلەن بىرگە ھۆللەشتۈرۈش، روھىنى تۇتۇقلاشتۇرغۇچى، قويۇقلاشتۇرغۇچى تاماقلاردىن ساقلىنىش، كۆكتاتلار، بولۇپمۇ سەۋزە سېلىنغان مەنپەئەتلىك تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش لازىم
مەنبە: قالقان ئۇيغۇر تىبابەت تورى