جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 514|ئىنكاس: 0

4 خىلىت ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مۇنبەرئىشلىرىداي يالغۇز بوپ قېلىپ ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىيەلىرىدىن سۆزلەشكە ۋاقىت بولماي قالغان ئىدى. بۈگۈن مۇشۇ خىلىت توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتسەك. بۇن تىمىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن مىزاج ھەققىدە چۈشەنچە، تەبى مىزاج ۋە ئۇزۇقلىنىش پىرىنسىپى دىگەن تىمىلارنى بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقساڭلا تۈۋەندىكى تىمىنى چۈشىنىشىڭلارغا زور پايدىسى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. تۈۋەندە خىلىت ئاتالغۇسىغا تەبىر بىرىش بىلەن يازمىمىزنى باشلايمىز.
خىلىت دىگەن نىمە؟  خىلىت - ئادەم ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇقلاردىن جىگەرنىڭ ئۆزگەرتىشى بىلەن ھاسىل بولغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشى بۇلۇپ سەپىرا، قان، مەلغەم، سەۋدا خىلتىدىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك بۇلدۇ. يەنى ئادەم بەدىنىدە مۇشۇ 4 خىلىت مەۋجۇت. تىبابىتىمىزدە بۇ 4 خىلىت تەبىئەت دۇنياسىدىكى 4 چوڭ ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى تەقلىدى زاھىرى دەپ شەرھىلەيدۇ.  تۈۋەندە بۇ 4 خىلىت بىلەن تۇنىشىمىز.
1. سەپرا - تەبىئى سەپرانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بۇلۇپ، ئۆت تەبىئىتىدە، سۈپىتى رەڭگى سېرىققا مايىل قىزىل بۇلىدۇ، زەپەرگە ئوخشايدۇ، يەڭگىل بۇلىدۇ، ئارتۇق سەپىرا خىلىتى ئۆت خالتىسىدا زاپاس ساقلىنىدۇ.
سەپرانىڭ خۇسۇسىيىتى: جىگەردە ھاسىل بولغان ئۆت سۇيۇقلىقنىڭ بىر قىسمى زۈرۈرىيەت سەۋەبدىن قانغا ئۈتىدۇ. بىر قىسمى ئۆت خالتىسىدا زاپاس ساقلىنىدىغان بۇلۇپ ئۆت يۇلى ئارقىلىق ھەزىم يۇلغا تامچىپ چۈشۈپ ھەزىم پائالىيتىگە قاتنىشىدۇ.
1-ئاشقازانغا كىلىپ ئۇزۇقلۇقلارنى سۇيۇقلاندۇرىدۇ، يۇمشىتىدۇ،
2-ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئىنچىكە ئۈچەيلەردىن ئۆتۈشىگە ياردەم بىرىدۇ.
3-ئۈچەيدە ئېچىش جەريانىنى ھاسىل قىلىپ چوڭ-كىچىك تاھارەتلەرنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىغا ياردەملىشىدۇ.
4-قانغا ئارىلىشىپ قاننى سۇيۇقلاندۇرۇپ، ئىنچكە تۇمۇرلاردىن ئۆتىشىگە ياردەملىشىدۇ.
2. قان - تەبىئى قان خىلتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، رەڭگى توق جىگەر رەڭ قۇيۇق سۇيۇقلۇقتا نورمال تەمى تاتلىق بولسا ياخشى ھىساپلىنىدۇ. ئارتۇق قىسمى يىلىك ۋە جىگەردە زاپاس ساقلىنىدۇ.
قاننىڭ بەدەندىكى خۇسۇسىيىتى: 1) بەدەننى ئۇزۇقلۇق ۋە ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلەيدۇ، كىرەكسىز ماددا ۋە ھاۋايى دۇخانىي( بۇزۇق ھاۋا) نى سىرىتقا چىقىرىدۇ.  2) ئىسىقلىق بىلەن بەدەننى ئىسسىتىدۇ. 3) پۈتۈن بەدەنگە روھ يەتكۈزىدۇ.  4) بەدەن شەكلىنى چىرايلىق، گۈزەل قىلىدۇ. 5)  ھۆللۈك تەبىئىتى بەدەننى يۇمشاق قىلىدۇ.
3. بەلغەم - تەبىئى بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سۇغۇق، رەڭگى ئاق قۇيۇق(تۇخۇم ئېقىسىمان) بۇلىدۇ.  قانغا ئايلىنىشقا يېقىن بۇلىدۇ. زاپاس ساقلىنىش ئورنى ئۆپكە ۋە بەدەندىكى ئەزا، تۇقۇلمىلار ئارسىدىكى ئەڭ كىچىك بوشلۇقلاردا بۇلىدۇ.
بەلغەمنىڭ بەدەندىكى خۇسۇسىيىتى:
1-بەدەندىكى تۇغما سۇيۇقلۇق رۇتۇبىتى ئەسلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ.
2-بەدەندىكى ماي ماددىسىنىڭ كۈپىيىشىگە ياردەم بىرىدۇ.
3-بەدەننىڭ ھۆللۈككە بولغان ئىھتىياجىنى قامدايدۇ ھەم بەدەننىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە ياردەملىشىدۇ.
4-بەدەننى يۇمشاق ساقلايدۇ.
5-ئادەم ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئاچ قالغاندا بەدەننىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى ۋاقتىنچە قامدايدۇ.
6- سەپىرانىڭ زىيادە تەسىرىنى چەكلەيدۇ. سەۋدانىڭ بەدەنگە يەتكۈزلىشىگە تۈرۈتكە بۇلىدۇ.
بەلغەمنىڭ ئاساسلىق سەرپ بۇلۇش ئورنى مىڭە، يۇلۇن، ئۆپكە، بەزلەردۇر.
4. سەۋدا - تەبىئى سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سۇغۇق، تۇپراق تەبىئىتىدە.
سەۋدانىڭ سۈپىتى: رەڭگى قىزىلغا مايىل قارامتۇل، تەمى چۈچىمەل ۋەزنى ئېغىر بۇلىدۇ،  زاپاس ساقلىنىش ئورنى تالدا بۇلىدۇ.
سەۋدانىڭ خۇسۇسىيىتى: 1-تەبىئى سەۋدا سەزگۈ ئەزالىرىغا قۇۋەت بىرىش ئارقىلىق ئەزالارنىڭ سىزىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ.
2-پىكىر قىلىشقا ياردەم بىرىدۇ، يەنى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
3-ئاشقازاننىڭ تارتىش قۇۋىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ.
4-پۈتۈن بەدەندىكى سۈڭەك، چاچ، كۈمۈرچەكلەرنىڭ ئۇزۇقى بۇلۇپ ئۈسۈشكە ياردەم بىرىدۇ.
5-ئەزالارنى چىڭىتىدۇ.
6-سەپرانىڭ ئاچچىقلىقىنى ياندۇرىدۇ.
مەلۇم سەۋەپلەردىن جىگەردە ئىشلەنگەن بۇ 4 خىلىت سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگۈرۈپ بەدەنگە ئۆزلىشىشى ۋە ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش خۇسۇسىيتىنى يۇقۇتۇپ بەدەندە كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگەرگەن خىلىت غەيرى تەبئى خىلىت دىيىلدۇ. تۈۋەندە بۇ تۆت خىلىتنىڭ غەيىرى تەبىئى ئۆزگۈرىشى توغرىسىدا توختىلىمىز.
سەپرانىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى 5خىل بۇلىدۇ.
1)زەنگار سەپىرا خىلتى - سەپراغا ئوفۇنەتلەنگەن قاننىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن غەيرى سەپرا پەيدا بۇلىدۇ، قاننىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل قارا بۇلىدۇ.
2) تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپىرا خىلتى - سەپراغا بەلغىمى ئەزىيە (ئۇيۇغان بەلغەم)نىڭ ئارىلىشىشىدىن ئۆزگىرىدۇ، يېپىشقاقلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. قاننىڭ رەڭگى ئاققا مايىل سېرىق بۇلۇپ قالىدۇ.
3) كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپىرا خىلتى - سەپراغا كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئۆزگىرىدۇ، قاننىڭ رەڭگى قارىغا مايىل سېرىق بۇلۇپ قاڭسىق بۇلۇپ قالىدۇ.
4) سارغۇچ سەپىرا خىلتى - سەپىرا خىلتىغا سۈيۈق بەلغەن ياكى ساپ سۇنىڭ ئارلىشىشى سەۋەبدىن سەپرانىڭ ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كۆپىيىشىدىن ئۆزگىرىدۇ.
5) كۆيگەن سەپىرا خىلىتى - سەپراغا كۆيگەن بەلغەمدىن ھاسىل بولغان سەۋدانىڭ ئارىلىشىشىدىن ئۆزگىرىدۇ، قاننىڭ رەڭگى كۆكۈشكە مايىل سېرىق بۇلىدۇ.
قان خىلتىنىڭ غەيىرى تەبىئى ئۆزگىرىشى 4 تۈرلۈك بۇلىدۇ.
1) قان خىلتىنىڭ مىقدار جەھەتتىكى نورمالسىزلىقى - قان خىلتى مىقدار جەھەتتە ئازلاپ كىتىشى ياكى كۈپۈيۈپ كىتىشى كۈرلىدۇ. ئازلاپ كەتسە بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەيدۇ. كۈپۈيۈپ كەتسە تۇشۇش خاراكتىركىك كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.
2) قان خىلتىنىڭ قىيام جەھەتتىكى نورمالسىزلىقى - قان خىلىتى تەركىبىگە قاننى سۈيۈلدۇرگۇچى خىلىت ياكى دورىلار تەسىر قىلغاندا قان خىلىتى سۈيۈلۈپ كىتىدۇ. يەنە ھەرخىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن قان خىلىتى قۇيۇلۇپ قالىدۇ.
3) قان خىلىتىنىڭ كۈيۈشى - قان خىلىتى كۈشلۈك ھارارەت تەسىرىدە كۈيۈپ ئۈزىنىڭ سۈيۈقلۇق قىسىمىنى يۇقۇتۇپ غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ نوختا ئېنىق بۇلۇشى كىرەككى ھەرقانداق بىر خىلىتى ھارارەت تەسىرىدە ئۈزىدىكى سۈيۈق قىسىمنى يۇقاتسا غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنى ھاسىل قىلىدۇ.
بەلغەمنىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى 6تۈرلۈك بۇلىدۇ.
1) تاتلىق بەلغەم خىلىتى (بەلغىمى شىرىن) - بەلغەمگە سۈيۈق  قان خىلىتى ئارىلاشقاندىن ئۆزگىرىدۇ، قاننىڭ رەڭگى ئېقىشقا مايىل قىزىل بۇلىدۇ.
2) تۇزلۇق بەلغەم خىلىتى (بەلغىمى شور) - بەلغەمگە غەيرى سەپرانىڭ ئارىلىشىشىدىن ئۆزگىرىدۇ، قاننىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل ئېقىش بۇلىدۇ.
3) تەمسىز بەلغەم خىلىتى - بەلغەم ماددىسىنىڭ سۇلۇق جەۋھىرى كۈچى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بۇلىدۇ.
4) چۈچۈمەل بەلغەم( بەلغىمى تۇرۇش) تۈۋەن ھارارەتلىك سىپىراغا ئارلىشىش سەۋەبىدىن پەيدا بۇلىدۇ. تئەمى چۈچىمەل، تەبىئىتى قۇرۇق سوغوققا مائىل.
5) قېرىق بەلغەم ( موزا تەملىك بەلغەم) - بەلغەمنىڭ جەۋھىرىدىن سەۋدانىڭ جەۋھىرى كۈپەيگەنلىكتىن بەلغىمى ماددىلار قۇيۇقلىشىپ ۋە تەمى قىرىقلىشىپ ھاسىل بۇلىدۇ.
6) گەجسىمان بەلغەم خىلتى - بۇ ھارارەت تەسىرىدىن بەلغەم خىلىتىنىڭ سۇيۇق ۋى ئېقىشچانلىقى تەگەپ پەيدا بۇلىدۇ. قۇيۇقلۇق دەرجىسى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.
سەۋدانىڭ غەيرى ئۆزگىرىشى 5تۈرلۈك بۇلىدۇ.
غەيرى سەۋدا 4 خىلىتنىڭ كۆيگەندىن ھاسىل بولغان بۇزۇق قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.
1-تەبىئى سەۋدانىڭ ئۆز مىقدارىدىن ئېشىپ كىتىشىدىن ئۆزگىرىدۇ.
2-سەۋدانىڭ كۆپىيىشىدىن غەيرى سەۋدا تۇغۇلىدۇ.
3-قاننىڭ كۆپىيىشىدىن غەيرى سەۋدا پەيدا بۇلىدۇ.
4-بەلغەمنىڭ كۆپىيىشىدىن غەيرى سەۋدا پەيدا بۇلىدۇ.
5-سەپرانىڭ كۆپىيىشىدىن غەيرى سەۋداغا ئۆزگىرىدۇ.
پايدىلانغان كىتاپلار :  ئۇيغۇر تىبابىتى قامۇسى، ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسى نەزىريە ئىلىمى، دەستۇر ئىلاج، ئىكسىر ئەزەم قاتارلىقلار


مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى  بۇ يەرنى بېسىپ كۈرۈڭ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش