新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 6

نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىق كېسىلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بول.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەلسىھھەت ئەپەندى، 4كۈن بولدى بىر دوستۇم ، ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى تەكشۈرتۈپتىكەن ، نىرۋا خاراكتىرلىك يۈرەك ئاجىزلىشىش دەپ دىئاگنوز قويۇپتۇ.
رىتسىپقا: شەربىتى ئەۋرىشىم، شەربىتى بادرەنجى بۇيا، خېمىرى مەرۋايىت،  مەجۈنى داۋائىلمىشكى قاتارلىق دورىلارنى بەرگەن ئىكەن ، ئۇ دوستۇم مەجۈنى داۋائىلمىشكى بىلەن خېمىرى مەرۋايىتنى ئېلىپ يېنىپ كەپتۇ(پۇلى يىتىشمەي) شەربىتى ئەۋرىشىم بىلەن شەربىتى بادرەنجى بۇيىنى مەن ياساپ بەردىم ، ھازىر دورىلارنى ئىچىۋاتقىلى 3كۈن بولدى ، كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزىنىڭ دىيىشىچە سەل يەڭگىللىشىپتۇ.
لىكىن مىنىڭ تىرە -جىنسى كېسەللىكلەر ،ھەم سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئاز تولا تەجرىبەم بولغىنى بىلەن ، يۈرەك -قانتومۇر كېسەللىكلىرىنى ئانچە چۈشەنمەيدىكەنمەن ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆپ كۆرگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا سىزدىن بىر مەسلىھەت ئېلىپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم.
كېسەللىك ئالامەتلىرى:
3يىلچە بولغان سول تەرەپ كۆكرەك قىسمى سانجىلىپ ئاغرىيدىغان بولغان ، ئاغرىق ئېغىرلاشقاندا ھەتتا سول بىلەك قىسمىمۇ سانجىلىپ ئاغرىيدىكەن ، ئۇيقۇسىزلىق ، دائىم قارا بېسىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ، بولۇپمۇ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان بىرەر ئېش ياكى نىرۋىسىغا تەسىر قىلىدىغان بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئاغرىق تۇتىدىكەن ،لىكىن ئادەتتە ھىچقانداق ئىش يوقكەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىككى قېتىم Bچاۋغا سېلىپ ھەم يۈرەك كاردىئوگراممىسى بىلەن تەكشۈرۈلگەن بولسىمۇ (دەل ئاغرىق تۇتقان ۋاقىتتا تەكشۈرگەن ئىكەن )ھىچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، شۇڭا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇرتېبابەت دوختۇرخانىسىدا تىۋىپلار تەكشۈرگەندە باشتا دىيىلگەندەك دىئاگنوز قۇيۇپ رىتسىپ يېزىپ يېزىپ بەرگەن ،.

سىز چە بۇخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلارغا قايسى خىل رىتسىپلار بەكرەك مۇۋاپىق كىلىدۇ؟
داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ ؟
ئەگەر كېسەللىك داۋاملىق تەرەققى قىلسا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؟

مەن ئىلگىرى كىتاپنى كۆپ ئوقۇغان بولساممۇ لىكىن يۈرەك كېسەللىكى بىمارىغا تۇنجى قېتىم يولۇقىشىم، يەنە كىلىپ يېقىن دوستۇم بولغاچقا ياردەم قىلغۇم بار ئىدى ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلى تەجرىبىللىرىڭىزگە ئاساسەن مەسلىھەت بىرىپ باقسىڭىز.

ھۆرمەت بىلەن يېڭى ئەزا: شىلەيلې


ۋاقتى: 2012-9-26 12:11:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىسەللىك ئالامىتىدىن قارىغاندا يۈرەك سانجىقىدەك تۇرامدۇ نىمە؟   ھەرقېتىم يۈرەك ئاغرىغاندا قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدىكەن.  يەنە ئۇ دوستىڭىز نەچچە ياش، ئەرمۇ ئايال؟ كەسپى نىمە؟ بۇ نوختىلانى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-26 14:00:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئەر، 26ياش ھەرقېتىم ئاغرىغاندا 15-30مىنۇتقىچە داۋاملىشىدىكەن. كەسپى : باققال


ۋاقتى: 2012-9-26 14:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا باشتىكى دىئاگۇنۇز توغرا ئىكەن. دورىلارمۇ ناھايتى ياخشى بوپتۇ.  بولسا مىڭىنى قۇۋەتلەيدىغان مەجۈنى نۇجاھ  قۇشۇپ بىرىڭ. دوستىڭىزنىڭ پاتىراق ياخشىلىنىشغا تىلەكداشمەن.


ۋاقتى: 2012-9-26 17:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئاغىنىڭىزنىڭ ئىشلىرى ئۆي ئىچى قانداقراق ئەگەر كۆڭلىدىكىدەك بولمايۋاتقان ئىشلىرى بىئارام قىلىۋاتقان بولسا بۇ ئىشلارنى تىزراق باشقا ئېلىپ چىقىشىنى غەم قايغۇ ئەندىشىدىن خالى بۇلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .............


ۋاقتى: 2013-8-12 17:25:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك سانجىقى بولغان بولسا -مىنىڭ تەكلىۋىم ، 1-مۇشۇ كىسەل توغرىسىكى كىتاپتىن بىرنى چوقۇم سېتىۋىلىڭ ؟ 2-تاماقنى ئاران تويغۇدەك يەڭ ،ھايۋانات يېغى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى يىمەڭ ، 3-بەك كۈچەپ كەتمەڭ ، يەڭگىل ئىشلارنى قىلىڭ ،4-ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ ،خەخ بىلەن تىركەشمەڭ ، شۇنداق قىلسىڭىز يىگەن دورىنىڭ ئۈنىمى بولىدۇ .


ۋاقتى: 2013-8-12 17:34:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولغىنى 15يىل بولدى  ھازىر شۇنداق ياخشى تۇرىۋاتىمەن ،دىققەت قىلساملا سانجىق تۇتمايدۇ .66ياشقا كىردىم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش