新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 1899|ئىنكاس: 23

Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. يېقىندىن بۇيان مۇشۇ Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى توغرىسىدا مەسلىھەت سۇرىغان قېرىنداشلار كۆپبيبپ قالدى. بۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى يىغىنچاقلاپ جاۋاپ يېزىپ قويسام باشقا مۇشۇ كىسەلگە مۇپتىلا بولغان قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم. تورداشلارنىڭ سۇرۇغان سۇئالى ۋە چۈشەنچەم تۈۋەندىكىچە:
1- Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى قانداق كىسەللىك؟
Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇش نىسپىتى يۇقۇرى بولغان بىرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىك.
2- بۇ كىسەللىك قايسى يوللا ئارقىلىق يۇقىدۇ؟
بۇ كىسەللىكنىڭ يۇقۇش يۇلى ئاساسلىق بەدەن سۇيۇقلىقى ئارقىلىق دەپ قارلىپ كەلمەكتە. يەنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش يەنى تاماق قاچىسى ، لوڭگە ، تەرەت قاچىسى قاتارلىق بويۇملارنى ئورتاق ئشلەتسە، قان ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.  لىكىن ئۆتكۈر يۇقۇش مەزگىلىدە ‹大三阳› ناھايتى ئىھتىيات قىلىش كىرەك. بۇ مەزگىلدە بىمارنىڭ تۈپۈرۈكى ساق كىشىنىڭ شىللىق پەردىللىرىگە تەگسىمۇ يۇقۇش ئىھتىماللىقى بار. تىبابەت ئالىملىرى مۇنداق بىر تەجىرىبە ئىشلىگەن - ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىكى بىمارنى بىلىق قاچىسىدىكى بىلىجانلارغا كۈزىنى ئۈزمەي قاراشقا بۇيرىغان. بىمارلار 1 سائەت ئەتىراپىدا قاراپ ئولتۇرغاندىن كىيىن بىلىق قاچىسىدىكى بىلىجانلا ئۈلۈپ قالغان. بىلىق قاچىسىدىكى سۇ ۋە ئۈلۈك بىلىجاننىڭ رەڭگى ساغىرىپ كەتكەن.  شۇنىڭدىن كۈرىۋېلىشقا بۇلىدىكى ئۆتكۈر يۇقۇملۇق مەزگىلىدە ياخشىسى ئارلىق ساقلىغان ياكى ئايرىپ داۋالىغان ياخشى.
3- ئانىدىن بالغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلامدۇ؟
تۇغۇت دوختىرىغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ قويسىڭىز تۇغۇتتىن بۇرۇن ئانغا ۋاكسىنا ئەملەيدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تۇغدۇرۇلغان باللارنىڭ %90 ساغلام تۇغۇلغان يەنى بۇ كىسەللىك كۈرۈلمىگەن.
4- بۇ كىسەللىك بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغان دوختۇر سېستىرالار نىمە ئۈچۈن بۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايدۇ؟
ئەلۋەتتە دوختۇر سېستىرالاردىنمۇ يۇقۇملانغانلا بار. ھازىر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يۇقۇرى بۇلۇپ مەشخۇلات قائىدىسگە رىئايە قىلغان دوختۇر ۋە سېستىرالار بۇ كىسەللىك ۋە باشقا يۇقۇملۇق كىسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشتىن يىراق شۇنداقتىمۇ ئۇلار ھەرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ۋاكسىنىسنى ۋاختىدا ئەملىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئۆز نۆۋىتىدە ئالدىنقى سەپتە جاپا چىكىۋاتقان ئاشۇ كەسىپداشلىرىمىزغا مەڭگۈلۈك ساغلاملىق تىلەيمىز.
5- B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كىسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىنمۇ؟
بۇ نوختىغا كەلگەندە پىكىر بىردەكلىكى يوق. غەرىپ تىبابەتى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم پۇت تىپىشىپ قالدۇ.
يەنى غەرىپ تىبابەتتە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسىنى توڭلىتىش ئارقىلىق كىسەللىكنى تىزگىنلەيمىز دەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە بولسا يۇقۇرى تىمپۇراتۇردا بۇ ۋىروس ئۈلىدۇ دەپ قارلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئالىمى، ئۇستازىمىز رۇزى باقى ھاجىم بۇ كىسەللكنى داۋالاش توغرىسىدا ‹ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى 15 كۈن 38.5 سىلسىگىرادۇستىن يۇقۇرى تۇتۇپ تۇرالىغاندا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى ئۈلىدۇ. ئاندىن جىگەرنى قۇۋەتلەپ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى چارە قىلماق زۈرۈر› دەپ تەلىم بەرگەن ئىدى. بەدەن تىمپىراتۇرسىنى يۇقۇرلىتىش ئۈچۈن ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار بىرلىدۇ. غەرىپ تىبابەتنىڭ دورىللىرى بولسا سوغوق تەبىئەتلىك دورىلار.
6- ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۇ كىسەللىكنى داۋالاش لاھىيەسى قانداق بۇلىدۇ؟
بۇ يەردە بىمارنىڭ ئىرادىسى كۈشلۈك بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. چۈنكى بۇ كىسەللىكنى داۋالاشتىن باشلاپ ساقايغۇچە بولغان ئارلىقتا 6 ئاي ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6 ئاي. لىكىن بۇ ئالتە ئايدا سوغوقلۇق ۋە ئىسپىرىت تەركىپلىك نەرسىلەر چەكلىنىدۇ. ھەم ئىقتىسادنىمۇ كۆپ تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كىسەلگە ئىشلىتىلدىغان شەربىتى B تىپ، داۋائى كۆركەم، مەجۈنى ئەمىرسىيا، مەجۈنى دەبدىلۋەرد، مەجۈنى جىنتىيانا دىگەن دورىلارنىڭ ھەممىسى زەپە، ئىپار، ئەنبەر ئەشەب تەركىپلىك دورىلار بولغانلىقى ئۈچۈن دورىللىرىمۇ قىممەت چىقىدۇ.  شۇنىڭغا تەييارلىقى بولغان بىمارلارنى داۋالاشتا 15 كۈن شەربىتى B تىپ، مەجۈنى دەبدىلۋەرد، مەجۈنى جىنتىيانا بىرلىدۇ. بۇجەرياندا بىمارنىڭ ئۇسۇلقىغا قارتا ئەرقى بەدىيان ئەڭ ياخشى. بەزى تىۋىپلا ئەرقى كاسنىنى تەشەببۇس قىلىدۇ لىكىن ئەرقى كاسنە سوغوق تەبىئەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 15 ~20 كۈن ئارلىقىدا بىمار قىززىپ بىئارام بۇلىدۇ. كۈرۈلگەن ئالامەتكە قارتتا ۋاختىدا چارە قىلىندۇ. زۈرۈر بولغاندا ھەببى تەرياق ياكى قۇرسى شىپا بىرىلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى نورماللاشقاندىن كىيىن  مەجۈنى ئەمىرسىيا، مەجۈنى دەبدىلۋەرد، مەجۈنى جىنتىيانا تەييارلاپ بىرلىدۇ. بۇ دورىلار 3~6 ئايغىچە ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
7- سىز بۇ كىسەللىكنى قول سېلىپ داۋالاپ باققانمۇ؟
نەچچىنى داۋالىغان. كۈپۈنچىسى ئۈزىدىكى كىسەللىك ئالامەتلىرى يۇقىشى بىلەن داۋالاشنى توختاتقان. پوسكامدىن بىر قىزچاق 6 ئاي دورا يەپ ساقايغان.  بىكىتىمىزنىڭ ۋە دۇكىنىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارى ‹ سەۋەپ بىزدىن، تەلەپ سىزدىن، شىپاسى اللەدىن›.
ئارلىقتا بۇ كىسەللىكنىڭ ئالامىتى توغرىسىدا سۇرالغان سۇئال بار ئىدى. ئالامىتىنى يازساق  شۇ ئالامەتتىن بىر ئىككىسى كۈرلۈپ قالغان تورداشلار ئۈزىدىن غەم يەپ كىتىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالامىتىنى يازمىدىم. توغرا چۈشىنىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.


ۋاقتى: 2012-9-25 13:36:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-25 13:50:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
007 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 13:36
رەھمەت سىزگە، كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم

ئەرزىمەيدۇ


ۋاقتى: 2012-9-29 10:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە شۇنچىلىك تىببى بىلىم بىرىۋاتقان ئەلسىھەت ئۇستازغا رەخمەت...
يەنەبىرگەپ ئەلسىھەت دىگەن نىمە مانانى بىلدۇرىدۇ ..چۈشىنىشلىك مەنىسى نىمە...؟؟؟؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-29 12:04:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقىل يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 10:57
بىزگە شۇنچىلىك تىببى بىلىم بىرىۋاتقان ئەلسىھەت ئۇستاز ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.  ئەل - خەلىق ، سىھەت(سھت) -  ساقلىق، ساغلاملىق  مەنىسىدە


ۋاقتى: 2012-9-29 20:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەن


ۋاقتى: 2012-9-30 19:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-30 19:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاپادار يوللىغان ۋاقتى  2012-9-30 19:43
سىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ؟

چ چ 2335767417  


ۋاقتى: 2013-1-2 22:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇسلار بۇ خىل كسەلىنىڭ دۇرسىنى قانداق ستىۋالغىلى بۇلىدۇ ؟


ۋاقتى: 2013-1-2 22:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت ئۇستاز  بۇ خىل كسەلىنىڭ دۇرسىنى قانداق ستىۋالغىلى بۇلىدۇ ؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش