新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 2117|ئىنكاس: 17

قەنىت سىيىش كىسەللىكنى داۋالاش لاھىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەتداشلار ياخشىمۇ سىلەر. بۈگۈن تەنتەنە بىلەن جاكالايدىغىنىم قەنىت سىيىش كىسىلى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىمدىن ئازىراق نەتىجە كۈرۈلدى. نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇ قەنىت سىيىش كىسلى توغرىسىدا ئاز بولمىغان ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ ئاز بولمىغان بىمارلار ئۈستىدە تەجىرىبە قىلغان بولساممۇ لىكىن داۋالاش ئۈنىمى %30 تىن ئاشمىغان ئىدى. يېقىندا تۈزگەن داۋالاش لاھىيەم بۇيىچە 2 بىمارنى داۋالاپ نەتىجە قازاندىم. بۇ بىمارلانى ‹ساقىيىش› دەمدۇق ياكى ‹ ياخشىلىنىش› دەمدۇق بۇنى بىرمەزگىل شۇ تەجىرىبە ئوبىكتى بولغان قېرىنداشلارنى كۈزۈتۈش نەتىجىسىدە  كۈرەمىز.
داۋالاش لاھىيەم: 1- تاماقتىن پەرىز قاتتىق تاپىلاندى. يەيدىغان يىمەيدىغان، ئىچىدىغان - ئىچمەيدىغان يىمەك ئىچمىكى تەپسىلى جىكىلەندى. ئادەتتە قارا ئاشلىق ۋە كۆكتاتلا يىيىشكە بۇيرۇلدى.
2- كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا سوغوقتىن بولغان ۋە ئىسىقتىن بولغان قەنىت سىيىش كىسىلى دەپ تۈر تۇرغۇزۇلۇپ مۇناسىپ مەتبۇخ زىئابىت تەييارلاپ بىرلىلدى. ئادەتتە 12 كۈن ئىچىشكە بىرىلدى.
3- قۇرسى زىئابىت، ۋە سىپوپى زىئابىت بىرىلدى. بۇممۇ بىمارنىڭ كىسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن تەييارلاپ بىرىلدى.
4- باشقا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۈرۈلسە مۇناسىپ دورىلارنى كۇمۇلاچ شەكلىدە ياساپ بەردىم ياكى سىرتىدىن داۋالاش ئېلىپ باردىم.
5- قان قەنتى نورماللاشقاندىن كىيىن ئالاھىدە نۇسخا بۇيىچە كۇمۇلاچ دورا ياساپ بەردىم. بۇ كۇمۇلاچنىڭ تەركىبى ھەببى زەرئۇنىغا ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەببى زەر ئۇنى دەپ نام قۇيۇپ تۇردۇم.  ئاساسلىق بەدەننى قۇۋەتلەپ ئىممونىت كۈچىنى يۇقۇرلىتىدۇ.
نەزىرىيەدە مانا بىردەمدە بۇ دۇنيا ‹ساقايماس كىسەل› دەپ نام قويغان كىسەللىكنى ساقايتىۋەتتۇق. لىكىن بۇ نەزىرىيەنى يىغىنچاقلاش ئۈچۈن 8 يىللىق ئىزدىنىشىم كەتتى. ئەمدى گەپ ئەمىلىيەتتە سىناشتا قالدى. ھازىر سىناش باسقۇچىدا سىناققا قاتناشقان بىمار 2 نەپەر. ساقايغان بىمار 2 نەپەر. بىرى 58 ياشلىق ئەر. قەنىت سىيىش كىسىلى بولغىنىغا 2 يىل بولغان. ئىنسولىننى كۈندە 24 بىرلىك ئۇرۇدىغان بۇلۇپ داۋالاشنى باشلىغاندا ئىنسولىن ئۇرماي تاماقتىن بۇرۇنقى قان قەنتى 14.6 مىللىمول \لىتىر، تاماقتىن كىيىنكى قان قەنتى 26.3مىللىمول \لىتىر، سۈيدۈكتە +++ قەنىت كۈرۈلگەن.  داۋالاش جەريانىدا قان قەنتنىڭ تۈۋەنلىشىگە ئاساسەن ئىنسولىن مىقدارنى تۈۋەنلىتىپ 23 كۈندە ئىنسولىندىن قۇتۇلدى. 45 كۈندىن كىيىن قان قەنتى نورماللاشتى. ئۇمۇمى داۋالاشقا كەتكەن ۋاقىت 65 كۈن. ھازىر نورمال تاماقلارنى يىگەندە قان قەنتى نورمال.
يەنە بىرى ئايال 33 ياش بۇلۇپ قەنىت سىيىش كىسىلى بايقالغلى 7 ئاي بولغان. ئىنسولىن ئۇرمىغان. داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇنقى قان قەنتى تاماقتىن بۇرۇن 10.3مىللىمول \لىتىر، تاماقتىن كىيىن 17.2مىللىمول \لىتىر. سۈيدۈكتە قەنىت كۈرۈلمگەن بۇلۇپ دورا ئىشلىتىپ 17 - كۈنى تاماقتىن بۇرۇنقى قان قەنتى 5.8مىللىمول \لىتىر، تاماقتىن كىيىنكى قان قەنتى 9.8مىللىمول \لىتىر. داۋالاشقا ئۇمۇمى كەتكەن ۋاقىت 25 كۈن. ھازىر نورمال تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلانغاندا قان قەنتى نورمال.  
ئەمدى مۇيىم گەپكە كەلدۇق. ئۇنداقتا بۇ خىل داۋالاشنىڭ تەنەرخى بەك قىممەتمۇ قانداق؟ بۇ كۆپچىلىك بەك كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسىلە. مەن بۇ داۋالاش لاھىيەسى ۋە ئىشلىتىلگەن دورىلار سىناقتىن ئۆتكىچە دورىنىڭ پۈتۈش پۇلى يەنى خام دورىلارنىڭ پۇلىنىلا ئېلىپ سىناق قىلماقچى. شۇنداق بولغاندا مەتبۇخ زىئابىت 1 كىلوگىرامى 40 يۈئەن، بىر كىلوسى 4 ~6 كۈنگىچە يىتىدۇ. سىفوفى زىئابىت بۇممۇ ئىجادى نۇسقا بۇلۇپ بىر نۇسخىدىن 200گىرام تەييار بۇلىدۇ، باھاسى 200 يۈئەن، 10 كۈن يىتىدۇ. قۇرسى زىئابىت 100 گىرامى 50 يۈئەن، 10 كۈن يىتىدۇ. چايلىق زىئابىت بىرىلىدۇ. ئاخىردىكى ھەببى زەرئۇنى 200 گىرامى 250 يۈئەن بۇلۇپ 10 كۈن يىتىدۇ.  مۇشۇ بۇيىچە بولغاندا بىزنىڭ ئەر بىمارىمىزغا كەتكەن چىقىم 3680 يۈئەن. ئايال بىمارىمىزغا كەتكەن چىقىم 970 يۈئەن بولدى.
داۋالىنىشنى تەشەببۇس قىلىشتىن بۇرۇن دەيدىغىنىم 1- سىزدە مۇستەكەم ئىرادە بولسۇن. يەنى داۋالاش تۈگىگەنگە قەدەر پەرىزنى قاتتىق تۇتۇسىز. 2- دورا ئارىسىدا زەھەرلىك دورا يوق. رىئاكسىيە بىرىشى يوق دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىرقىسىم دورىلار بىرنەچچە كۈنگۈچە مىجەزىڭىزنى چېلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتلىق مەسىلە. 3- بىز پەقەت سەۋەپ قىلغۇچى، سىز تەلەپ قىلشۇچى شىپاسىنى اللە بىرىدۇ، قالغىنىنى دىمىسەممۇ چۈشىنىسىز. 4- بۇ سىناق باسقۇچ، سىناقتىن ئۆتسە مەسئۇلاتلارنى ئاندىن تۈركۈملەپ ئىشلەپ بازارغا سالىمىز. بىزدە تەجىربىخانا، تەجىرىبە توشقىنى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاجمىز. لىكىن چۇقۇم ساقايتىمىز دەپ كاپالەت بىرەلمەيمىز. كاپالەت دىسىڭىز سىزنىڭ ياخشىلىنىشىڭىز ئۈچۈن كىچە كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز دىيەلەيمىز.
سەمىمىلىك بىلەن قېرىنداشلارغا مۇرەجەت قىلىدىغىنىمىز ئەگەر سىز ۋە يېقىنلىرىڭىزدا مۇشۇ خىل كىسەللىك بولسا بۇ كىسەللىكنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى چۈشىنىسىز. بۇ ئالەم سەۋەپنىڭ ئالىمى، ئازىراق چىقىمدىن قورقىمىسىڭىز سىنىقىمىزغا قاتنىشىڭ. مەنمۇ ۋاختىمنى ۋە كۈچۈمنى چىقىرىپ سىز ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ كىسەللىكتىن ساقىيىشىڭىزغا تىرىشىمەن. بۇ سىناق تەجىربىدىن ئۆتۈپ قالسا سىزدە ۋە مەندەك نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈمۈت چىرىقى يېقىپلا قالماستىن ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بۇلىمىز.
بۇنىڭغا دائىر سۇئال بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
ۋىتامىن بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2012-9-5 21:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-9-6 20:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەممە ئۇستام ئاشۇ سىفوفى زىئابىتنىڭ نۇسخسىنىلا 20000 غا ئالاي. بىر بەمەمسىز؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-6 21:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 20:54
ئەممە ئۇستام ئاشۇ سىفوفى زىئابىتنىڭ نۇسخسىنىلا 20000 غا  ...

20000 كۇيىڭىزغا 20 كىلوگىرام ياساپ بىرەي. مەيلى يەمسىز ياكى ساتامسىز 10 يىل يىتىدۇ سىزگە.


ۋاقتى: 2012-9-13 15:41:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 21:09
20000 كۇيىڭىزغا 20 كىلوگىرام ياساپ بىرەي. مەيلى يەمسىز ي ...

ئۇنىمايدىغىنىڭىزنى بىلىتىم شۇ


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-3 20:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. بۈگۈن بۇ قېتىمقى سىناققا قاتناشقان ئاۋالقى 8 قېرىندىشىمىزنىڭ قاندىكى قەنىت ماددىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ نەتىجىلەرنى كۈرۈش ئارقىلىق 8 قېرىندىشىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ قان قەنتنىڭ تۈۋەنلىگەنلىكى ئايان بولدى.
ئەڭ زور تۈۋەنلەش 9 كۈندە تاماقتىن بۇرۇنقى قان قەنتى 12.7 مىللىمول/ لىتىردىن 8.2 مىللىمول/ لىتىر. تاماقتىن كىيىنكى قان قەنتى 19.3مىللىمول/ لىتىردىن 14.1 مىللىمول/ لىتىر غا چۈشۈپتۇ. ئەڭ تۈۋەن بولغان قېرىندىشىمىزنىڭ تاماقتىن بۇرۇنقى قان قەنىتى 17.3 مىللىمول/ لىتىردىن 14.8مىللىمول/ لىتىرغا، تاماقتىن كىيىنكى قان قەنتى 24.6 مىللىمول/ لىتىردىن 21.2 مىللىمول/ لىتىرغا تۈۋەنلەپتۇ. ھەر بىر قىرىندىشىمىز بىلەن تىلفۇن ئارقىلىق تەپسىلى پاراڭلىشىپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلا تەكىتلەندى.  بۇ تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملىك بۇلۇشى ئۈچۈن دىئابىت كىسىلى بىمارلىرىغا تەييارلىنىدىغان تاماقلار تەييارلىنىش ئۇسۇلى بۇيىچە يوللىنىپ تۇرىدۇ.  
بۇ سىناققا قاتناشقان تورداشلارنىڭ ئىچكى ئاجىراتما كىسەللىكلىرى سەھىپىسىگە نەزەر سېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-23 11:41:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بوپ قېلىپ بۇ 10 قېرىندىشىمىزنىڭ داۋالىنىش ئەھۋالىنى دۇكىلات قىلالمىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى يوللاپ قۇياي دىدىم. كۈرۈپ بېقىڭلار.

  
ئىنسولىن مىقتارى
  

10.23 قان قەنتى
  
  
10.17 قان قەنتى
  
  
10.10 قان قەنتى
  
  
10.03 قان قەنتى.
  
  
دەسلەپكى قان قەنتى
  
  
يېشى
  
  
ئىسمى
  
  
ھازىر
  
  
بۇرۇنقى
  
  
تاماقتىن كىيىنك
  
  
تاماقتىن بۇرۇنقى
  
  
تاماقتىن كىيىنك
  
  
تاماقتىن بۇرۇنقى
  
  
تاماقتىن كىيىنك
  
  
تاماقتىن بۇرۇنقى
  
  
تاماقتىن كىيىنك
  
  
تاماقتىن بۇرۇنقى
  
  
تاماقتىن كىيىنكى
  
  
تاماقتىن بۇرۇنقى
  

  
8
  
  
32
  
  
12.1
  
  
7.2
  
  
11.9
  
  
6.7
  
  
13.6
  
  
7.8
  
  
14.3
  
  
7.6
  
  
17.3
  
  
9.8
  
  
56
  
  
ئىمىن
  

0  
  
  0
  
  11.2
  
  
  7.3
  12.8
  
  6.3
  
  14.1
  
  7.4
  
  16.7
  
  8.4
  
  18.3
  
  8.6
  
  
  33
  
مەريەمگۇل
  

  0
  
  0
  
  12.2
  
  
  8.1
  
  13.6
  
  7.6
  
  13.3
  
  9.2
  14.1
  
  8.7
  
  19.3
  
  
  12.7
  43
  
  
ئەسەت
  

  
  0
  
  36
  
  11.9
  
  8.7
  
  14.6
  
  9.9
  
  18.5
  
  13.7
  
  21.2
  
  14.8
  24.6
  
  17.3
  
  46
  
  
توختاخۇن
  

  
  0
  
  0
  
  10.6
  
5.8
  
  12.3
  
5.4
  
  11.3
  
  7.8
  
  9.3
  
  8.4
  
  15.4
  
  11.6
  
  34
  
ئەكبەر
  

  
  0
  
  0
  
  11.4
  
  5.8
  
10.2  
  
  6.6
  
  9.8
  
  6.3
  
  11.2
  
  8.1
  15.6
  
  9.3
  
  37
  
  
زۇلپىيە
  

  
  0
  
  0
  
  10.8
  
  6.8
  
  11.3
  
  7.3
  
  13.1
  
  8.2
  
  14.6
  
  8.9
  
  17.7
  
  10.3
  42
  
  
مىجىت
  

  
  0
  
  0
  
  10.2
  
  6.9
  
  10.8
  
6.6
  10.9
  
  
  7.4
  
  11.9
  
  7.2
  
  
  
  
  
  29
  
زورىگۇل
  

  0
  
0
  
  11.6
  
  5.3
  
  11.4
  
  6.8
  
  12.3
  
  7.6
  
  14.6
  
  8.6
  
  
  
  
  
  26
  
  
ئۈمەر
  

يۇقارقى بىر ئايلىق داۋالاش جەريانى. ئەسكەرتىشتىكى ۋاقىت شۇ كىشىنىڭ بۇ كىسەللىك بىلەن ئاغرىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-4 11:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگە قارغىدەك ۋاقىت بولمىغان ئىدى. مانا بۈگۈن قەنىت سىيىش كىسىلى بىلەن داۋالىنۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئەۋەتكەن تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىنى كۈرۈپ ھاياجاندا بۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئاۋالقى بۇ 10 قېرىندىشىمىز ئىچىدە قۇۋەتلەش باسقۇچىنى تۈگەتكەن قېرىنداشلىرىمىز 4 بۇلۇپ ھېيىتتا ئائىلە تامىقى بىلەن ئۇزۇقلانغاندا قان قەنتىدە يۇقۇرلاش بولمىغان. يەنە 5 قېرىندىشىمىز ھازىر قۇۋەتلەش باسقۇچىدا. يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنسولىن مىقدارى يۇقۇرى بولغاچقا توختۇتۇشقا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىپ ھازىر يەنىلە قان قەنتىنى تۈۋەنلەتكۈچى دورىلارنى يەپ تۇرۇغلۇق. ئاللا خالىسا يەنە 1 ھەپتىدىن كىيىن دۇۋەتلەش دورىللىرنى ئىستىمال قىلىدۇ. قارىغاندا بۇ قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاشتىكى ياخشى بىر بۈسۈش بۇلۇپ قالغۇدەك.


ۋاقتى: 2013-7-2 12:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەنت كېسىلىنىڭ ئلدىنى ئېلىشتىكى چارە-تەدبىرلەر بولسا بىزمۇ بىلىپ قالساق بولاتتى....


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-2 13:00:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 12:50
قەنت كېسىلىنىڭ ئلدىنى ئېلىشتىكى چارە-تەدبىرلەر بولسا  ...

ھەر كىشى مۇۋاپىق ئۇزۇقلقنىش جىسمانى ھەركەتنى كۆپ قىلىش بۇ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل.  يەنى قۇساق بەك تويغۇدەك تاماق يىمەسلىك، تاماق يەپلا يېتىۋالماسلىق كىرەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش