جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 835|ئىنكاس: 4

رەئىشە كىسەللىگى توغرىسىدا قىسقىچە چۇشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    ‹‹‹ رەئىشە›››   
بۇ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە پەي مۇسكۇل ۋە نېرىپلارنىڭ كىسەللىك ئۆزگۈرۈشىدەكلا ئىپادىلىنىدىغان ھەم شۇ ئاساستا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان شۇنداقلا ‹‹باش ،مىڭە كىسەللىكلىرى ››بابىدا سۈزلىنىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ ئوخشاش بولمىغان ئەزاغا چۈشۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مەسىلەن يۇقارق مۆچە (ئىككى قول) تۆۋەنكى مۆچە (ئىككى پۇت) باش قاتارلىق كىسەللىك چۈشكەن ئۇرۇندا توختاۋسىز تىتىرەش شۇ ئەزادا ھەركات قىلغاندا كۈرۈنەرلىك ئېغىرلاش ياكى جىم تۇرغاندا تىتىرەشتىن توختاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان باشلىنىشى شەكىللىنىشى پەي مۇسكۇللادىكىدەك كۈرۈنسىمۇ مىڭە بىلەن زىچ مۇناسۋەتلىك بولغان كىسەللىك .‹‹دەستۇرۇل ئىلاج›› دا  رەئىشەدە پەي سۇسلىشىپ پالەچكە ئېلىپ بارىدۇ دىيىلگەن  
  پەرىقلەندۇرۇش :
تەشەننۇچتىن پەرىقلەندۈرۈلىدۇ : تەشەننۇچنىڭ پەرقى شۇكى تەشەننۇچنىڭ ھەركىتى توختاۋسىز بولمايدۇ تىنىچ ھالەتتە تارتىشىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ  
ئىختىلاج دىن پەرىقلەندۈرىلىدۇ :پەرقى شۇكى ئىختىلاجدا ئەزا ھەركەتلەنسۇن ياكى جىم تۇرسۇن ھەركەت كۈرۈلىدۇ تەشەننۇچتا ئەزا ھەركەتتىن توختىسا ھەركەت كۈرۈلمەيدۇ ياكى تۈۋۈنلەيدۇ  (بۇنۇڭدىكى ھەركەت تىتىرەشنى كۆرسىتىدۇ)
‹‹دەستۇرۇل ئىلاج››دا ئېيتىلغىنىدا
سەۋەبى 6خىل بۇلۇپ
1- پەي مىزاجىدا سوغوقلۇق ئېشىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بۇلىدۇ: بۇ ئەھۋال قېرىغان كىشىلەردە ،سوغوق سۇنى كۆپ ئىچىدىغان ياكى ھاراكنى كۆپ ئىچىدىغان كىشىلەر دە كۆپ كۈرۈلىدۇ  
2- بەدەندىكى قۇيۇق خىلىتلاردىن پەيدا بۇلىدۇ:  ھەزىم بۇلۇشى قىيىن بولغان قۇيۇق يەل پەيدا قىلىدىغان تاماقلارنى ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن بۇلىدۇ شۇنداق كىسەللىك تارىخى بۇلىدۇ
3-بەدەن كۈچى ئاجىزلىشىپ ناچارلاشقاندىن پەيدا بۇلىدۇ :تۇلا ئاچچىقلىنىش ،قورقۇش خىجىل بۇلۇش، تاماقنى ئاز يەپ جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن كۆپ شۇغۇللانغانلىقتىن بۇلىدۇ ۋە شۇنداق كىسەللىك تارىخى بۇلىدۇ
4- مىزاجىدا قۇرۇقلۇق ئارتىپ كەتكەنلىكتىن بۇلىدۇ: شۇنداقلا پەينىڭ ھۆللۈك ياكى ئسسىخلىقنىڭ كەملىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ   قۇرۇقلۇقنىڭ ئارتىپ كىتىپ قۇرۇتقانلىق سەۋەبىدىن بۇلىدۇ
5- ئۆتكۈر ماددىدىن بۇلىدۇ: قىززىش ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ
6-  پەي-مۇسكۇللارغا ئاغرىق يەتكەنلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ: پەينىڭ كۈيۈشى ياكى سوغوق ئۈتۈپ كىتىش سەۋەبىدىن بۇلىدۇ شۇنىڭغا ئالاقىدار كىسەللىك تارىخى بۇلىدۇ
‹‹تىببى ئەكبەر››دە ئېيتىلغىنىدا   
بۇ كىسەللىك ھەركەت ئەزالىرىدا كۈرۈلىدىغان بۇلۇپ 3 خىل سەۋەپتىن بۇلىدۇ
1- ھەركەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولىدىغان رەئىشە
بۇ ئىككى شاخچىگە بۈلۈنىدۇ (1)كىسەل كىشى باش قا كىسەل بىلەن ئاغرىغاندنى كىيىن پەيدا بۇلىدۇ بۇ ئەگەشمە كىسەللەك دەپ ئاتىلىدۇ يەرلىكتە يەنە  جىنسىمۇناسىۋەت نى كۆپ قىلىش قورساق توق ۋاقىتتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش
(2) زىيادە ھاياجانلىنىشتىن پەيدا بۇلىدۇ مەسىلەن قورقۇنۇشلۇق نەرسىلەرگە يۇلۇققاندا ئىگىز بىنادىن تۈۋەنگە قارغاندا دىگەندەك
2- ھەركەت ئەزالىرىنىڭ ئاجزىلىقىدىن  پەيدا بولغان رەئىشە
.......بۇ ئۈچ خىل بۇلىدۇ
(1) پەيلەر گە سوغوقلۇق يىتىش سەۋەبىدىن بۇلىدۇ  
(2) ماددىلار تۇلۇپ قېلىشتىن بۇلىدۇ - ئۆز ئارا ئالمىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىراش سەۋەپلىك
(3) پەيلەردە قۇرۇقلۇق غالىپ كەلگەن يەنى قۇرۇقلىقى زىياەا ئارتىپ كەتكەن بۇلىدۇ
3-ھەركەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەت ۋە ھەركەتلەندۈرگۈچى ئەزالارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پەيدا بۇلىدۇ بۇتاشقى سەۋەپ ياكى ئىچكى سەۋەپلەردىن  نېرۋا ۋە پەيلەرنىڭ زىيانلىنىشى سەۋەپلىك پەيدە بۇلىدۇ  
مەسىلەن قاتتىق سوغوققا ئۇچىراش زوھەرلىك ياكى زەھەرلەنگەن ھاشارەتلەر چېقىۋېلىش زەخمىلىنىش تاشقى سەۋەپلەردىن  بەك سوغوق ياكى بەك ئىسسىق خىللىتلار بىر ئەزاغا يىغىلىپ قېلىپ پەيلەرگە ئازار يەتكۈزگەندە ئىچكى سەۋەپ لەر تۈپەيلىدىن ھەركەتلەندۈرگۈچى ئەزە ۋە قۇۋۋەتلەردە ئاجىزلىق پەيدا بۇلىدۇ  شۇ سەۋەپتىن رەئىشە پەيدا بۇلىدۇ
يەنە بىز بۇتۈردىكى كىسەلنى داۋالاش جەريانىدا يەنەبىر سەۋەپنىمۇ قۇشۇپ قويدۇق  
ئەقلى ئەمگەك بىلەن كۆپ شۇغۇللانغۇچىلاردىمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ
بۇ مىڭىنىڭ زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن كىلىپ كىلىپ چىقىدۇ     
سەۋەبى :قىسقىچىلا چۇشەندۈرۈلدى   چۈنكى ھەربىر سەۋەپنىڭ يىشىمى ئۈزىگە خاس ئالاھىدىلىك بولغاچقا ھەممىنىڭ يىشىمىنى يازغۇچىنىڭ ۋو ئۇقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىھتىياجى بارلار چۈشەنمىگەنلەر قايسى سەپەلكگ ئالاقىدار بولسا شۇ مەزمۇننىڭ يىشىمىنى ئۆز نۆۋىتىدە يىشىپ بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم  
داۋالاش :قا كەلسەك بۇ كىسەل مۇنتىزىم ياتاقتا يېتىپ داۋالىىنىشقا تىگەىشلىك بۇلۇپ شۇنداقتىمۇ بىلسەك بۇلاتتى دىگەنلەرگە ئاساسى داۋالىغۇچى دۇرىلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ   ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنزىچ مۇسھىل سەبىنى تېپىپ سەۋەبىگە چارە قىلىش سەۋەبى يۇقۇتۇلغاندىن كىيىن يەرلىك ئۇرۇنغا دۇراقىلىش ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش باسقۇزلىرى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا سەۋەبىنىڭ يىشىمى بولغىنىدەك ھەربىر سەپتىىن بولغىنىغا ئايرىم داۋالاش ئۇسۇلى بۇلىدۇ  بۇنىمۇ شۇ ئىھتىياجى بارلارغا ئايرىم- ئايريم شۇ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ قويساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن
ئورتاق بولغان ئۆيدىكى كۈتۈنۈشى : بىمارنىڭ بۇكىسەلدىن قۇتۇلالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمۈدىنى ئۈزۈۋەتمەسلىكى، ئاچچىغىنى كەلتۈرۈش، كەيپىياتىنى بىئارام قىلىىپ قۇيۇشتىن، بەك زىيادە خۇشال بۇلۇشتىن  ساقلىنىش ھەم  ئاسان سىڭىدىغان قۇۋۋىتى يۇقۇرى يمەكلىكلەر بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش( تۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىنبولمىغان بولسا)، كىسەللىك پەيدا بولغان ئۇرۇننى يەڭگىل دەرەجىدە ئۇۋلاش ھەم ئىسسىق يۈرۈشنى  قولغا كەلتۈرۈش كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىغا شۇنداقلا ئېغىرلاپ كەتمەسلىكىگە ئۈنۈمى خېلىلا يۇقۇرى بۇلىدۇ
ئاخىردا ئىھتىياجى بارلارنىڭ سۇئاللىرىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىنى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ خاتا يېزىلغان ياكى كەم قالغان مەزمۇن سۆزلەر بولسا دادىل، رەدىيە ،تۈزۈتۈش  تەلىم، بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ........


ۋاقتى: 2012-8-14 14:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ. بىرنەچچە كۈن تورغا چىقالمايدىغاندەك قىلىمەن. مۇنبەرگە كۆپىرەك كىرىپ تۇراسىز.  يەنە ئىملاغا دىققەت قىلىڭ.


ۋاقتى: 2012-8-17 21:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .ئامىن !
بۇ كېسەللىك تۇغما بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولامدۇ ؟
يەنەبىر سوئال قايسى كەسىپ بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالىدۇ ؟ رەھمەت!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-24 16:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibirayim يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 21:15
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن .ئامىن !
بۇ كېسەللىك تۇغ ...

تۇغما بۇلۇش  ئىھتىماللىغنى بۇچاققىچە ئۇچۇرتۇپ،كۈرۈپ ياكى ئاڭلاپ باقمىدۇق  ئىنسانلارنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ كىسەللەرمۇ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ قالغىنى ئاللاھنىڭ ئۈزىگە ئامانەت
ئەمدى قايسى كەسىپتىكىلەردە كۆپ ئۇچىراي دۇ: دىگەنگە كەلسەك ھازىر ھەممە ئشلار جاپانى ئاز تاتىپ ئەقىلنى كۆپرەك ئىشلىتىشكە، ئىلىكتىرونلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان جەمىئەتتە جىسمانى ئەمگەك ئاز ،ئەقلى ئەمگەك كۆپ ئۇستازلىرىمىزدا ، شۇنداقلا ئېچىۋىتىلگەن جەمىئەتتە ئاشنا ئويناش ياكى شەھۋەتكە بەك بىرىلىپ كىتىپ جىمادىن ئۈنۈملۈك ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا بەھىرلىنەلمىگەنلەر،  شۇنىڭغا يېقىنلىشىدىغان روھنى، قۇۋۋەتنى، خورىتىدىغان ئادەملەردە كۆپرەك كۈرىلىۋاتقان، ھەمدە ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ كۈرۈلىدىغان كىسەللىك.


ۋاقتى: 2013-7-26 17:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش