新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 675|ئىنكاس: 0

ئەيدىز كىسىلنىڭ تارقىلىش يوللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار . ئالدىنقى يازمىلاردا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامىتى توغرىسىدا توختالغان ئىدۇق.  بۈگۈن ئەيدىز كىسىلنىڭ يۇقۇش يۇلى توغرىسىدا توختىلىمىز.

ھەمىمىزگە مەلۇم بولغاندەك ئەيدىز كىسىلنىڭ تارقىلىش سۈرىتى دىيارىمىزدا بەك تىز بوپ كىتىۋاتدۇ. ئۇنداقتا بۇ نىجىس كىسەللىك ۋىروسى ئادەم بەدىنىگە قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟ قىزىقسىڭىز تىمىنىڭ داۋامىغا قاراڭ.
AIDS ۋىروسى شىلىمشىق پەردە ۋە يارلانغان تېرە ئارقىلىق ئادەم تېنىگە كىرىدۇ.
ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلى ئاساسلىق ئۈچ خىل بۇلىدۇ: قان ئارقىلىق يۇقۇش، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش.
1. قان ئارقىلىق يۇقۇش. ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ قېنى ساغلام كىشىگە بېرىلسە، ساغلام كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىروسى بىلەن بىر قېتىمدا يۇقۇملىنىش نىسپىتى %95 تىن يۇقۇرى بۇلىدۇ. قان ياسالمىلىرنى سېلەشتىنمۇ يۇقىدۇ.  ئادەتتە تەركىبىدە ئەيدىز كىسىلى ۋىروسى بار قان سېلىنغان ساغلام كىشىلەر ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا بۇ قاندىن يۇقۇملىنىش دىيىلىدۇ. بۇ خىل يۇقۇش شەكلى قان سالغاندا، قان ياسالمىللىرىنى ئىشلەتكەندە، زەھەرلىك چىكىملىك چەككەندە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتكەندە، تەركىبىدە HIV بار بولغان قان بىلەن بۇلغانغان داۋالاش سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە، HIV بىلەن يۇقۇملانغان يىڭنە، پىچاق، قايچا قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە ۋە بۇلاردىن زەخملەنگەندە يۈز بەرگەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش. دۇنيادىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانغانلار ئارىسىدا جىنىسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلار %85~75 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەچچىۋازلار ئەڭ كۆپ بۇلىدۇ.  نەزىرىيە جەھەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇش نىسپىتى ئاياللادىن ئەرلەرگە يۇقۇش نىسپىتى ئەرلەردىن ئاياللارغا يۇقۇش نىسپىتىدىن تۈۋەن بۇلىدۇ دىيىلىدۇ. بۇ يەردە مەن بۇ پىكىرگە تازا قۇشۇلمايمان. ئادەتتە بۇ ‹تۈۋەن› %40 يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بىر كىچىدە بىرگە بۇلۇش قېتىمى 3 قېتىم بولسا چۇقۇمكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھالال خۇتۇن بىلەن بىرگە بولغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا غى+ تى = ساغلام  بولغىلى بۇلىدۇ.  جەمىيەتتە ئۈزىنىڭ چىراينى دەسمى قىلىپ ئازغۇن ئەرلەرگە بۇ نىجىس كىسەللىكنى يۇقتۇرماق بۇلىۋاتقان ‹ ئاۋانگارتلار› ئاز ئەمەس، ئەرلەردىنمۇ بۇنداق كىشىلەر يوق ئەمەس ئەلۋەتتە.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلى بار ئانا بالىغا يۇقتۇرىدۇ. بۇ ئاساسەن ھامىلدارلىق دەۋرىدە بالا ھەمىراھى ئارقىلىق يۇقۇش، بۇشانغاندا تۇغۇت يۇلى ئارقىلىق يۇقۇش، تۇغۇتتىن كىيىن ئانا سۈتى ئارقىلىق يۇقۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئەگەر ئانا HIV بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ %30 ، ئەيدىز كىسىلى ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. بۇنداق بۇۋاقلارنىڭ كۆپ قىسمى بەش يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئەيدىز كىسىلنىڭ يۇقارقىدەك ئاساسلىق ئۈچ خىل تارقىلىش يۇلى بۇلىشتى باشقا يەنە قان بىلەن ئۇچىرشىدىغان ئەسۋاپ - ئۈسكىنىلار، چاچ - ساقال ئېلىش بۇلۇپمۇ ئۇستىرا ياكى بىرتىۋا بىلەن، ھۆسىن تۈزەشتىكى سايمان - جابدۇقلار، تىرناق ئالغۇچ، چىش چوتكىسى، چىش داۋالاشتىكى ئەسۋاپ ئۈسكىنىلار، بەدەنگە گۈل چىكىدىغان يىڭنە، يىڭنە سانجىپ داۋالاشتىكى يىڭنە، تۇرمۇش بۇيىملىرى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىشلارمۇ ئەيدىز كىسىلى ۋىروسىنى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقتۇرىدۇ.

يېقىندىن بۇيان چ چ توپلىرىدا بىر ئۇچۇر ئېقىپ يۈرىدۇ. يەنى ئەيدىز ۋىروسنىڭ ئامىرىكىدا يېڭى تارقىلىش يۇلى بايقالغانمىش. يانى بىر خىل قۇرۇت كىسەل كىشىنى چېقىپ كىيىن ساق كىشىنى چاققاندىن كىيىن ساق كىشى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىندىكەن. بۇ ئىشەنچىلىك خەۋەرمۇ نىمە بۇنى بىلمىدىم.   

شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىروسى ۋە ئەيدىز كىسىلى توغرىسىدىكى  چۈشەنچە ئاياقلاشتى. باشقا مۇنبەر ۋە تور بەتلەردىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى بۇ سەھىپگە يوللاپ  تۇرىمىز. نەزىرىڭلار ئەلسىھەت ساغلاملىق مۇنبىرىدە بولسۇن.


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش