新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 174|ئىنكاس: 0

بابۇنە ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بابۇنە
洋甘菊
[تونۇش] بۇ بۇ مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بابۇنەنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ «گۈلى بابۇنە» يىلتىزى «بىخ بابۇنە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . گۈلى سېرىق ئېچىلىدۇ . چۆپى سارغۇچ يېشىل رەڭدە ، ۋەزنى يەڭگىل ،تەمى قېرىق ، بىر ئاز پۇراقلىق كىلىدۇ .
[تەبىئىيتى] ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
[خۇسۇسىيتى] غەيرىي تەبىئى بەلغەم خىلتىنى پىشۇرۇش ،ئىششىق تارقىتىش ، يەل ھەيدەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئاشقازان، مېڭە ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش ، ئاغرىق پەسەيتىش .
[ئىشلىتىلدىغان كىسەللىكلەر] جىگەر ، تال ، بالىياتقۇ،مەقئەت ئىششىقلىرى، ھەرخىل ياللۇغلىنىشلىق كىسەللەر، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ،ھەيزتۇتۇلۇش ، بۇغۇم ئاغرىقى ، قۇلاق ئاغرىقى ، ھەرخىل قاتتىق ئىششىقلار ، سېرىقلىق چۈشۈش ، ئۈچەي توسۇلۇش ، مېڭە ۋە پەيلەرنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى] 1.بابۇنە 15 گرام ،بىخ كاسىنە 15 گرام ، بىخ كەرەپشە 15 گرام ، قىزىلگۈل 15 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ھەرخىل ئىششىقلارنى قايتۇرىدۇ. 2. ئىكلىمىلىك ، ئاق لەيلىگۈل ، بابۇنە ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ، ھەر بىرى 15 گرامدىن ، گۈل يېغى 60گرام ، قائىدە بويىچە تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپىئەت قىلىدۇ . 3. بابۇنە 10 گرام ، ئىكلمىلىك 5 گرام ، ئەنگۇر شىپا 10 گرام ، كاكنەچ10 گرام ، تاۋۇز ئۇرۇقى 10 گرام ، قۇغۇن ئۇرۇقى 10 گرام ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغ ھەم ئىششىقلارغا شىپا بولىدۇ. 4. بابۇنە يېغى تەييارلاپ ، قۇلاققاتېمىتىپ بەرسە ، سوغوقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپىئەت قىلىدۇ .
[ئىشلىتىش مىقدارى] 2~10 گرام .
[زىيانلىق تەسىرى ] گالغا ، كۆكرەككە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ .
[تۈزەتكۈچىسى] ھەسەل ، بىنەپشە ، نېلۇپەر .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش