新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 0

ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يانفون دېگەن نەرسە چىققاندىن كېيىن، ھەممە ئادەمنى كەچ ئۇخلايدىغان قىلىۋەتتىغۇ دەيمەن. ئۇخلايمەن دەپ يېتىپمۇ يانفون ئويناپ، ئۈندىدار ئويناپ يەنە بىر مۇنچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتىمىز. سائەتكە قارىساق 12 بولغان، ئەمدى ئۇخلاي دېگەندە قورساق ئېچىۋاتقان، قوپۇپ يەنە بىر نەرسە يەۋاتقان، ئۇ سىڭمەي ئۇيقۇ كەلمىگەن….مۇشۇنىڭدەك نورمال بولمىغان ئادەتلەر ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. شۇڭا سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن، نورمال بولغان تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى ھەققىدە بىلىپ قويسىڭىز زىيىنى يوق.سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ
ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.
سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما جىگەرنىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە
كىرىپ، زەھەر تازىلايدۇ.
سائەت 3:00 تە پۈتكۈل بەدەن دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار تولۇق بوشىشىدۇ.
سائەت 4:00 تە قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلاردا مېڭە،
قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 5:00 تە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
سائەت 6:00 دە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەشكە، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىشكە باشلايدۇ.
سائەت 7:00 دە ئادەمنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
سائەت 8:00 دە تېرە زەھەرلىك ماددىلارنى ئاساسەن ئاجرىتىپ چىقىرىپ بولىدۇ. جىنسىي ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كېلىدۇ.
سائەت 9:00 دا تېرىنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا ئوكۇل ئۇرۇپ داۋالىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
سائەت 10:00دا ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 11:00 دە ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، چارچاش ھېس قىلمايدۇ.
سائەت 12:00 دە ئادەم يېرىم كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بەلگىلىك ئارام ئېلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
سائەت 13:00تە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىدۇ
. تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم سەل چارچاش ھېس قىلىدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى زۆرۈر.
سائەت 14:00 تە ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل بەدەننىڭ ئىنكاسى ئاستىلايدۇ.
سائەت 15:00 تە تەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ. خىزمەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
سائەت 16:00 دە قان قەنتى ئۆرلەيدۇ.
سائەت 17:00 دە ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
سائەت 18:00 دە ئادەمنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 19:00 دا قان بېسىمى سەل ئۆرلەيدۇ، كەيپىياتى ئاسانلا تۇراقسىزلىشىدۇ.
سائەت 20:00 دە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ تېز بولىدۇ.
سائەت 21:00 دە نېرۋا سىستېمىسى ئەڭ جانلىق ھالەتكە كىرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
سائەت 22:00 دە نەپەسلىنىش ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
سائەت 23:00 تە ئورگانىزملار ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىپ، بىر كۈندىكى چارچاش تۈگەشكە باشلايدۇ.
سائەت 00:0 دە ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ. تەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
مەنبە: تور خۇمار تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش