جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 3

بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەشتىن مەسلىھەت بەرسەڭلەر (宫颈糜烂)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم دۇختۇر ،ياخشىمۇسىز ؟مىەن مەسلىھەت سۇرىماقچى ، مەن بۇ يىل 30 ياش ،دوختۇرغا تەكشۈرسەم بالياتقۇ بوينى 2-دەرجىلىك ياللۇغ دەپ دىئاگونۇز قويدى ۋە بىر قانچە دورا بەرگەن ،ئىچىگە سالدىغان دورىلاركەن ،بىراق ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى ،شۇڭلاشقا مۇشۇ جەھەتتە بىر مەسلىھەت بەرسەڭلەرقايسى دورىلارنىڭ ئۈنىمى ياخشى (ئىمىتىۋاتقان 9 ئايلىق بولغان بىر بالام بار ).


ۋاقتى: 2014-1-23 12:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىياتقۇ بوينى ئىششىقى
سەۋەبى: يۇقارقى غەيرى قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدادىن بۇلىدۇ، ھەمدە يەللىك غىزالارنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندىن ياكى جىنسى مۇناسىۋەتتىكى قۇپاللىقتىن ھەمدە ھاراقكەش، چىكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەرلەر بىلەن بىرگە بۇلۇشتىن بۇلىدۇ.
ئالامىتى: ئىششىق ئىسسىقتىن بولسا قىزىتما بۇلۇش جۇغ-جۇغ بۇلۇش، يۈرەك ھەرىكىتى تىزلەپ كىتىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئاز بۇلۇش، جىنسى يول ئىچكى قىسمىدا چىڭقىلىش پەيدا بۇلۇش، جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاغرىش، ئەگەر زىدىلەنسە زەكەرگە قان يۇقۇپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بۇلىدۇ.
ئەگەر ئىششىق، بەلغەمدىن بولسا قىزىرىش بولمايدۇ، تېلىش، ئالدىغا بىر نەرسە كەپلەپ قويغاندەك چىڭلىق، قۇرۇق ھۆ پەيدا بۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.
ئەگەر ئىششىق سەۋەبىدىن بولسا، بەدەن سۇغۇق، بەدەن تىرىلىرى قۇرغاق بۇلۇش بىلەن بالىياتقۇ بوينىدا قاتتىقلىق بىلىنىدۇ، ھەرىكەت قىلسا ئاغرىيدۇ، بىر ئاز كۆك سۇ كىلىپ تۇرىدۇ.
داۋالاش: ئەگەر ماددىلىق بولسا ماددىسىغا قاراپ داۋالاش كېرەك، ئەگەر يۇقارقىدەك ناچار كەيپىياتلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن بىرگە بۇلۇشتىن بولسا جىنسى مۇناسىۋەتنى توختىتىش لازىم. بىر مەزگىل دەم ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىش، ھەتتا بالنىسىتقا ياتقۇزۇپ داۋالاش لازىم. دۇرىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ داۋائى خىيا شەنبەر، مەجۇنى سۇپارى، جاۋارىش كۇمۇنى، ئىتىرپىل چۈبىچىن، ئەرقى شوخلا، ئەرقى گۈل قاتارلىق دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم. ياغلاش ئۈچۈن گۈل يېغى، بابۇنە يېغى، مەرزەنجۇش يېغى قاتارلىق ياغلار بىلەن ياغلاش كىرەك.
بۇنىڭدىن باشقا مەجۈۈنى ئۆشبە، مائۇلئۇسۇل رەھمى، مەجۈنى ئەفىئى سەغىر دىگەن دورىلارنى يىيىش بىلەن بىرگە ھىلال تابلىتىنى جىنسى يولدىن 18 كۈن سېلىش ئارقىلىق ياخشىلانغىلى بۇلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-23 20:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 12:53
بالىياتقۇ بوينى ئىششىقى
سەۋەبى: يۇقارقى غەيرى قان، سەپ ...

كەچۈرۈڭ مىنىڭ يولدىشىم ئاللاھ خالىسا تەقۋا ئادەم بەش ۋاخ ناماز مەنمۇ ھەم شۇ ،كەيىپ ساپالاردا يوق .مىنىڭدىكى بۇ كىسەللىك تۇغۇتتىن كىيىن بىر شەخسى مۇسلىمە ئايال دوختۇردا داۋالانغان شۇ چاغدا مەلۇم سەۋەپلەر بولدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن ئامال يوق بۇلۇپ قېلىپ توغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالغۇزغان ،شۇ سەۋەپلەر بىلەن بۇلۇپ قالدى ،بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ھەممىنى بىرمۇ بىر دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوك ،شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇ كېسەلگە نىسپەتەن پايدىسى ياخشىراق دارىلارنى بىلسە مەسلىھەت بېرەمۇ دەپ بۇ تېىمىنى يوللىغان .لىكىن سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز ماڭا ماس كەلمىدى .ھەم سىز دىگەن ئەھۋاللار مەندە قىلچىمۇ يوق .


ۋاقتى: 2014-1-23 22:00:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىكا827 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 20:44
كەچۈرۈڭ مىنىڭ يولدىشىم ئاللاھ خالىسا تەقۋا ئادەم بەش  ...

قارىغاندا تېمىنى سىزمۇ چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز. بۇ تېببى ئىلىم. بۇنىڭدا بىر شەخسنىڭ كۆز قارىشى ئەمەس بەلكىم نۇرغۇن تىبابەت ئۇستازلىرىنىڭ تەجىربىسى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى سۆزلىنىدۇ. مەن سىزنى ياكى يولدىشىڭىزنى بىر قانداق دىمەكچى ئەمەس. پەقەت بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبىنى دەپ كۆتتۈم.(مەن دەپ ئۆتكۈنۈم يوق يۇقارقى قاراش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابەت ئالىمى رۇزىباقى ئابدۇۋايىت ھاجىمنىڭ كىتاۋىدىن ئېلىنغان).
يەنە بىر نوختا ئالدىدىلا دىيىلگەندەك ئادەم بەدىنىدىكى 4 خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىمۇ بۇ كىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. سىز شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ مېغىزىدىن پايدىلانسىڭىز بۇلىدۇ. ئەمدى بىزمۇ بەندە، ئەۋلىيا ئەمەس. ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدىغان. بىز پەقەت تېببى ئىلىمنى سۆزلىگۈچىلەر. سۆزلىگەندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئەمەس بەلكىم ئۇستازلىرىمىزنىڭ، ئالىملىرىمىزنىڭ كۆز قارىشنى سۆزلىگۈچىلەر.
تىببى ئىلىممۇ ھەم ئىنسانلارنىڭ تەجىربىسى جەريانىدا توپلانغان. بۇنى %100 توغرا دىيىشكە ھەم بولمايدۇ. كۈتكىنىڭىزدەك جاۋاپ بىرەلمىگەن بولسام كەچۈرۈم سۇرايمەن. چۈنكى مەنمۇ بىر يېڭى ئۈگەنگۈچى (گەرچە 12 يىلدىن بۇيان ئۈگىنىۋاتقان بولساممۇ).


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش