ئېمۇنىت ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يىمەكلىك
كىلىنكىدا مۇنداق قارايدۇ، ھەر خىل رادىئاكسىيە خەتىرىنىڭ ئاساسلىق ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ مېڭە ۋە يىلىككە تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ئېمۇنىت سېستىمىسنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىتىدۇ، بۆرەكنى قۇۋەتلەيدىغان نەرسىلەرنى كۆپ يىگەندە ئورگانىزىمدىكى ھۈجەيرە ئېمونىتىنى ، بەدەن سۇيۇقلۇق ئېمونىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ.
پەمىدۇر؛ پەمىدۇر بولسا رادىئاكسىيەنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمدە يۈزدىكى داغلارنى يوقىتىپ تېرىنى ئاقارتىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، دائىم پەمىدۇر ياكى پەمىدۇردا ياسالغان يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلدىغانلارنىڭ رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بۇلىدۇ. ھەمدە رادىئاكسىيە سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىش نىسپىتىمۇ تۆۋەن بۇلىدۇ، تەجىربە شۇنى ئىسپاتلايدىكى ، رادىئاكسىيەگە يۇلۇققان تېرە ئادەتتىكى تېرىدىن لېكوپىن %46-%31 ئاز بۇلىدۇ، لېكوپىن يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن گېنغا بۈسۈپ كىرىپ يۈز تېرىسىدە بىر قەۋەت توسۇش ھاسىل قىلىپ رادىئاكسىيە ۋە كۈن نۇرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلايدۇ،
لازا؛ ھۈجەيرىنى ئاسىرغۇچى DNA رادىئاكسىيەنىڭ بۇزغۇنلىقىغا ئۇچۇرمايدۇ.
لازىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ بۇلۇپ، ئاساسلىق تەم تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئوخشاشلا يەنە رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرىدىغان تەبىئىي يىمەكلىك، لازا ئىستىمال قىلغاندا پۈتۈن بەدەندىكى ئېمۇنىت سېستىمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، ،لازا، قارمۇش، كۇررى، زەنجىۋىل قاتارلىقلار ھۈجەيرىلەرنى قوغداپ DNA نىڭ رادىئاكسىيە نۇرىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
زىسەي؛ رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرىشتىكى ئەڭ ياخشى يىمەكلىك.
زىسەي رادىئاسىيەگە ، ئۇشتۇمتۇت ئۆزگۈرۈش، رادىئاكسىيە قاتارلىقلارغا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، زىسەينىڭ تەركىبىدە ئاساسلىق سېلىن بار بۇلۇپ بۇ ئاساسلىق ئېمۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ھەمدە ئادەم بەدىنىنى ساغلام قىلىدۇ، شۇڭا دائىم زىسەي ئىستىمال قىلغاندا ئېمۇنىت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن يەنە رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرىدۇ.
يېشىل چاي؛ يېشىل چاي تەركىبىدە پوللېفىنول بولسا بىر خىل رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرغۇچى ماددا، بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدىكى يامان تەسىرلەرنى ۋە رادىئاكسىيە نۇرىنىڭ بولغان زىيىنىنى ئازلىتىدۇ، چاي تەركىبىدە يەنە لىپوپورىساخارىت قاتارلىق تەركىبلەر قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
خەيدەي ؛ رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە،
يېقىندا تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىنىشىچە، خەيدەينىڭ رادىئاكسىيەگە قارىشى تۇرۇش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېمۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
سامساق؛ رادىئاكسىيە نۇرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
سامساق بولسا ھەر كۈنلۈك تەمىقىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تېتىتقۇ بۇلۇپ، سامساق تەركىبىدە سېلىن بىر قەدەر كۆپ ، ئوكسىدلىنىشقا قارىشى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ،ھەمدە رادىئاكسىيە قارىشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى،
يېشىل ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلاپ چىقىشىچە، يېشىل پۇرچاق تەركىبىدە بەدەندىكى زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق ماددا بار ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، ھەمدە بەدەندىكى كېرەكسىز بۇلغانمىلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ
پۇرچاق؛ بەدەن ئىچىدىكى زەھەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق.
/forum.php ... id=73&special=0مەنبە: