بادرەنجى بوياھىندى
蜜蜂花
[تۇنۇش]؛بۇ كالىپۇكسىمان گۈللەر ئائىلسدىكى بىريىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك بادرەنجى بۇيانىڭ پۈتۈن چۈپى بولۇپ،«بادرەنجى بۇيا»نامىدا دۇرىغا ئىشلىتلىدۇ.گۈللىرى ئاق ياكى ئاچ قىزىل،تەمى سەل تاتلىق،خۇش پۇراقكىلدۇ. [تەبىئىتى]؛ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. [خۇسۇسىىيىتى]؛يۈرەكنى قۇۋەتلەش،غەيىرى تەبىئىيبەلىغەم،سەۋدا خلتنى پىشۇرۇش،زەھەر قايتۇرۇش،ماددىلارنى تارقىتىش. [ئىشلىتدىغان كېسەلىكلەر] غەيىرىتەبىئىي سەۋدا ۋە بەلىغەمدىن بولىغان كېسەللەرگە يەنى پالەچ،لەقۋا،يۈرەكئاجىزلىق،قان بېسىمى يۇقىرى بولۇشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك بىئاراملىق كېسەللكى ،باش قېيىش،ئەمچەك ئىششقى زققەقاتارلىقلارغا ئىشلىتلىدۇ. [ئىشلتىش ئۇسۇلى] 1.ئۈستقۇدۇس 10 گىرام،بادرەنجى بۇياھىندى10گىرام،سۇمبۇلىدىن10گىرامدىن ئىلىپ قايناتما تەييارلاپئېچىپ بەرسە نېرۋا ئاجىزلىققا شىپا قىلدۇ. 2.بادرەنجى بۇيا 10گىرام،چىلان 15گىرام،گاۋزىبان10 گىرامدىن قايناتما تەييارلاپ ئېچىپ بەرسە قان بېسمنى چۈشۈردۇ. 3.ئۈستقۇدۇس،گاۋزىبان،بادرەنجىبۇيا،لاچىندانە،قەلەمپۇردىن 5 گىرامدىن ئېلىپ چايلىق تەييارلاپ بىرىلسە،يۈرەكمىڭنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 4.بادرەنجى بۇيا 200گىرام،ناۋاتتىن 100گىرامدىنئېلىپ قاينىتىپ ئېستمال قىلسا يۈرەك ئاجىزلققا مەنپەئەت قىلدۇ. [ئىشلتىش مىقدار ]5~7 [زىيانلىق تەسىر ] بىقىن ئاغىرىقى پەيدا قىلىدۇ. [تۈزەتكۈچسى] كۇندۇر [ئورۇنباسار ] ئەۋىرشىم
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى يازمىسى باشقۇرغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ!
|