جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 1

پۇت ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئون خىل ئەھۋال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇت ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئون خىل ئەھۋال

كىشىلەر ئادەتتە پۇت ساغلاملىقىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇت ئادەم بەدىنىدە بېسىمغا ئەڭ ئۇچرايدىغان ھەم ئەڭ چارچايدىغان ئورۇن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا پۇت ساغلاملىقى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرايدۇ.

   1. بەدەن ئېغىرلىقى نورمىدىن ئېشىپ كېتىش

   پۇت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن%120 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇت كېسەللىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، سېمىزلىك پۇتنىڭ بېسىمنى ئاشۇرۇپ ، ئاسانلا پۇت ئاستى سېرىق ئەت ياللۇغى ۋە تاپان ئاغرىقىنى پەيدا قىلىپ، دوناي بارماق ۋە باش بارماق ياللۇغى پەيدا قىلىدىكەن، شۇڭا سېمىزلىكتىن ساقلىنىش كېرەككەن.

   2. قەنت كېسىلى

   پۇت يۈرەكتىن ئەڭ يىراقتا بولغاچقا، ئاسانلا قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق ۋە سېزىمنى يوقىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىككى خىل ئەگەشمە كېسەل يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق، پىچىلىپ كېتىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا قەنت كېسىلى بارلار ھەر يىلى ئىككى پۇتىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئايىغى چوقۇم راھەت بولۇشى، پۇتنى قىستايدىغان ئاياغ كىيىم كىيمەسلىكى كېرەك.

   3. قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پۇت ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قىسىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئەتراپ قانتومۇرلاردىكى كېسەل ئۆزگىرىشلىرى پۇتنىڭ كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا تاماكا چېكىشمۇ قان ئايلىنىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   4.ئاتا – ئانىسىنىڭ پۇتى ئاغرىش

   پۇت كېسەللىكىمۇ ئېرسىيەتلىك بولىدۇ، ئاتا – ئانىلىرىدا پۇت كېسەللىرى بولغانلار پۇت ساغلاملىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

   5. تۆگىتاپان ياكى بەك كۆتۈرۈلگەن تاپان

   تۆگىتاپان مۇسكۇل ۋە پەيلەرنىڭ سوزۇلۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۆكچە پېيى ياللۇغى ۋە بوغۇم ياللۇغلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بەك كۆتۈرۈلگەن تاپان پۇتنىڭ ھەرىكىتىنى قولايسىزلاشتۇرۇپ، تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش رولىنى ئاجىزلىتىدۇ، تىز ۋە دۈمبىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئالدىنقىسىنى تۈزىتىش ئايىغى كىيىش ئارقىلىق ياكى شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۈزەشكە بولىدۇ، كېيىنكىسىدە يۇمشاق چەملىك كەڭتاشا ئاياغ كىيىم ئارقىلىق پۇتقا چۈشىدىغان زەربىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ.

   6.ئاياغ كىيىم پۇتقا دەل كەلمەسلىك

   ئامېرىكا پۇت كېسەللىرى جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، %34 تىن ئارتۇق ئەرلەرنىڭ ئاياغ كىيىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن كارى بولمايدىكەن، %20 ئايالنىڭ ئاياغ كىيىمى ھەر ھەپتىدە پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پۇت كېڭىيىدۇ، ئۇزىرايدۇ، شۇڭا ئاياغ كىيىم سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى كۆپرەك سىناپ كۆرۈشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.

   7.دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىم ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇتقا چۈشىدىغان كۈچ تاپان ۋە پۇت ئالدى ئالقىنىغا مەركەزلىشىپ قېلىپ، دوناي بارماق، نېرۋا ئۆسمىسى، باش بارماق ياللۇغى ۋە پۇت تىرنىقى مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا پاشنىنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

   8 . پۇت كۈن كۆرمەسلىك

   ئىللىق نەم مۇھىت زەمبۇرۇغلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇڭا پۇتنى دائىم كۈنگە قاقلاپ تۇرۇش، ئۆيگە كىرگەن ھامان پايپاقلارنى سېلىۋېتىپ پۇتتىكى تەرلەرنى قۇرۇتۇش، ئادەتتىكى چاغلاردا تەر سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى پايپاقلارنى كېيىش كېرەك.

   9.دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك

   ئادەتتە بەدەندىكى باشقا ئەزالاردا كېسەل كۆرۈلسە، دوختۇرغا كۆرۈنىدىغانلار كۆپ، بىراق پۇتتا كېسەل كۆرۈلسە، كۆرۈنىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ۋاقتىدا داۋالىتىش، دورىلىق پېتەكلەرنى ئىشلىتىش ياكى تۈزىتىش ئارقىلىق كېسەل ئەھۋاللىرىنى تېزدىن يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

10.يول يۈرۈشى ئاز بولۇش

   كۆپرەك يول يۈرۈش ئارقىلىق پۇت مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇش، ئىككى پۇتنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولىدۇ.


مەنبە: http://www.qahna.com/web/show_sahlam.asp?id=324


ۋاقتى: 2014-1-13 11:35:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇت ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئەھۋاللارنىڭ يەنە بىرى  .  بازارلاردىكى كونا ئاياغ  .
بازارلاردا ھەرخىل كونا ئاياغلار سېتىلىدۇ  ، بۇ ئاياغلارنى قانداق ئادەملەرنىڭ كەيگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ ، قانداق كېسەللىك مىكروپلىرى يۇشۇرۇنغانلىقىنى تېخىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ  .  
‹‹  كاللا ئىشلىمىسە پۇت - قولغا ئارام يوق  ›› دىگەندەك  ، نىمكەش ئاياغلارنى پاقىرىتىپ مايلاپ قويسا يېڭى ئىكەن دەپ سېتىۋىلىپ  ، ئارقىدىن كېسەل يۇقتۇرۇپ ، دوختۇرخانىغا قاتىراپ تېخىمۇ كۆپ پۇل بىلەن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ .



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش