新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 282|ئىنكاس: 2

ئاچچىقلىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                               ئاچچىقلىنىش سالامەتلىككە زىيانلىق

سەپكۈن پەيدا قىلىدۇ.
ئادەم ئاچچىقلانغاندا ، كۆپ مىقداردىكى قان باش تەرەپكە ئاقىدۇ ، بۇ چاغدا قاندىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارى ئازلاپ ، توكسىن كۆپىيىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن توكسىن تۈك خالتىلىرىنى غىدىقلاپ ، تۈك خالتىلىرى ئەتراپىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ سەپكۈن پەيدا قىلىدۇ .
مېڭە ھۈجەيرىسىنى قېرىتىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا، كۆپ مىقداردىكى قان باش قىسىمغا ئېقىپ ، مېڭە قان تومۇرىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قاندىكى توكسىن كۆپىيىپ ، ئوكسىگېن ئازلايدۇ–دە، مېڭە ھۈجەيرىسىنى قېرىتىۋېتىدۇ.
ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ.
ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ ، بىۋاستە يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاستىلىتىپ ، ئىشتىھاسىزلىققا سەۋەپ بولىدۇ . ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان كۆپ مىقداردا چوڭ مېڭە ۋە يۈز قىسىمغا ئاققاندا يۈرەك تەمىنلىنىدىغان قان ئازلاپ، يۈرەك مۇسكۇلىدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ–دە، يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەسسىلەپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ.
جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا ئادەم بەدىنى«كاتېخولئامىن»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، مەركىزىي نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى توكسىننى كۆپەيتىۋېتىدۇ .
قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئاچچىقلىنىش ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن ، قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورموننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ ، تەدرىجىي قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
كەيپىيات جىددىيلەشكەندە نەپەسلىنىش تېزلىشىدۇ، ھەتتا نەپەس سىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئۈزلۈكسىز كېرىلىپ يىغىلىدىغانغا ۋاقىت بولمايدۇ–دە، ئۆپكە ئارام ئالالماي، ئاخىرىدا ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاچچىقلانغاندا چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىندىن ئۆزگەرگەن پوستىلاق سترول ئاجرىتىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ . بۇنداق ماددا ئادەم بەدىنىدە ئۈزلۈكسىز يىغىلىۋەرسە ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ھەركىتىگە توسالغۇ بولۇپ ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ.

مەنبە: http://anadiyar.cn/eser/show.php?id=543



ۋاقتى: 2014-1-11 05:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  بىلەن  گەپ  ھەقىقەتەن  ئاچچىقلىنىشتىن  پايدا  يوق .زىيان چىقسا   چىقىدۇكى  ھەرگىز  زىيان چىقمايدۇكە


ۋاقتى: 2014-1-11 05:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدا  چىقمايدۇكە  دىمەكچى  ئىدىم   سەل  چارچاپ قاپ  خاتا  يىزىپ  قاپتىمەن


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش