جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 0

ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ 8خىل يامان تەسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ 8خىل يامان تەسىرى

ئورۇقلاش مودا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر جاپا تارتمايلا دورا ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، چوڭ-كىچىك كارخانىلار بۇنى تېپىلغۇسىز سودا پۇرسىتى ھىساپلاپ ھەسسىلەپ پايدىسى قالىدىغان ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى بەس-بەستە بازارغا سالماقتا ۋە بەس-بەستە ئېلان بەرمەكتە...ئەمما ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك مۇھىم بولغىنىدەك سالامەتلىكمۇ مۇھىم،  نۆۋەتتىكى ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەكس تەسىرى بار.
   1-كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئېغىرراق بولغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش.بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دورىدا (Amphetamine)تەركىبى بولغانلىقىدا، بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسىنى ئىشلەتكەندە، دەسلىۋىدە ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقىت ئۇزارغانچە كەيپىيات تۇراقسىز بۇلۇش، قالايمىقان خىياللارنى كوپ قىلىش، قاتارلىق نېرۋا سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىدەك  ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.يەنە كېلىپ بۇ خىل  دورىلار ئاسانلا خۇمار قىلىشتەك  ئەكىس تەسىرى بۇلۇپ يېنىكلىك بىلەن  دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالماي تۇرۇپ  دورىنى  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
   2-ھاجەتكە كۆپ بېرىش : ئورۇقلىتىش دورىسىنى يېگەندىن كىيىن قورساق بىئارام بۇلۇپ،  تولا ھاجەتكە بېرىش، ئىچى كۆپ سۈرۈش،
     بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ خىل دورا تەركىبىدە ((罗氏鲜نىڭ بولغانلىقىدا (Xenical)  بۇ خىل  دورىلار مايلىق  يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلدىغان كىشلەرگە ئۈنىمى بىر قەدەر ياخشى بۇلۇپ،   بۇ دورىنى ئىستىمال قىلغۇچىلار دورا ئىشلىتىش داۋامىدا ۋىتامىنلىق  دورىلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.  بۇ تۇردىكى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولسىمۇ 18 ياشتىن كىچىك بالىلار، ئېغىر بوي ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    3. ئىشتىھا تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان بۇلۇپ قېلىش:بېشى قېيىش، كۆزى  قاراڭغۇلۇشۇپ  تورلىشىش، بېشى ئېغىرلىشىپ،  ئۇيقۇسى كۆپ بۇلۇش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ  سەۋەبى دورا تەركى(Fen-phen芬芬)بۇلۇپ ئاساسلىق رولى ئىشتىھاسىنى تۇتۇش بۇلۇپ ، بۇ دورا   fenfluramine  خەلقئارادا  ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بېكىتكەن چەكلەنگەن  دورا.
     4-ئېغىزى قۇرۇپ يېرىلىش: دورىنى يېگەندىن كىيىن ئېغىز قورۇپ، تىلى قېتىپ، لەۋلىرى يېرىلىش، ھەتتا باش ئاغرىپ،  كەچتە ئۇيقىسى كەلمەسلىك،  يۇرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە ،بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە 西布曲明(Sibutramine Meridia) بۇلۇپ بۇ دورىنىڭ رولى  نېرۋىلارنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۇش ئىقتىدارىنى تورمۇزلاش  ئارقىلىق ئىشتىھانى كونترول قىلىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بىراق بۇ تۇردىكى دورىلار ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچۇرتۇپ، خاتىرىسى قالايمىقانلىشىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق بىر قارتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ..
     5-ئۇخلاپ ئويغىنالمايدىغان بۇلۇپ قېلىش: بۇ خىلدىكى ئورۇقلىتىش دورىسىنى يېگەندىن كىيىن كۆپ ئۇخلاش، لەۋلىرى قۇرۇپ يېرىلىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش، كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە  بۇ دورا  تەركىبىدە PPA بار بۇلۇپ  بۇمۇ چەكلەنگەن رېتسپسىز ئېلىشقا بولمايدىغان دورا.
     6-ھەددىدىن زىيادە ئىچى سۇرۇپ كېتىش، ۋە كۆپ ياندۇرۇش:بۇ تۇردىكى ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە ساناغا ئوخشاش سۈرگە دورىلىرى بۇلۇپ، ئادەتتە كىشلەر سانانى تەبى ئۇسۇملۇك دورا ئەكىس تەسىرى يوق دەپ قاراپ، خالىغانچە ئىستىمال قىلىدىغان خاتا كۆز قاراش بار . سانانى ئۇزۇن مەزگىل ئىچكەندە قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ھەتتا ئېغىرراق بولغاندا ھەزىم يوللىرى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، دورىنى توختاتقاندىن كىيىنكى ئېغىر دەرىجىدىكى قەۋزىيەتنى بەزىبىر روھى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    7-قورساق كۆپۇش: بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسىدا 醣禄锭(Acarbose,Glucobayتەركىبى بۇلۇپ، ئاساسلىق رولى قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش. بۇ خىلدىكى دورىنى جىگەر ياللۇغى بولغانلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    8-كىچىك تەرەتنىڭ زىيادە كۆپ بۇلۇپ، قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى: بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بۇلۇپ، بۇ تۇردىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە كۆپ مىقداردىكى بەدەن سويۇقلىغى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ  سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ھازىرغا قەدەر  ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق، ئورۇقلىتىش دورىسى يوق ئىكەن. ناۋادا گۈزەللىك ئۈچۈن ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مەخسۇس ئوزۇقشۇناس دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئېلىپ، يېمەكلىكىنى كونترول قېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر ئورۇقلاش ئۇسۇلى. سالامەتلىگىڭىز  ھەممىدىن مۇھىم.


مەنبە: http://www.nigarim.cn/art/nigarim_asar_402.html








كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش