چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئالاي دېسىڭىز...
بېسىمنى يەڭگىللىتىڭ. ئادەم ئۇزاق مۇددەت بېسىم ئىچىدە ياشىسا DNA زىيانغا ئۇچراپ، چاچ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش كېرەك.
تاماكا تاشلاڭ. ئادەتتە تاماكا چېكىدىغان ئادەملەرنىڭ چېچىنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشى ئادەتتە ئادەملەرنىڭكىدىن تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا تاماكىنى تاشلاڭ .
سۇ تولۇقلاڭ. بەدەندە سۇ كەمچىل بولسا، چاچ يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئاقىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قۇرغاق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
ئاقسىل تولۇقلاش. چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل بولغاچقا، پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەككەن.
http://www.nigarim.cn/art/nigarim_asar_635.htmlمەنبە: