مەزى بىزىدە كۈرۈلگەن كىسەللىكلەر ساقىيامدۇ؟
ئالدىنقى يازمىلاردا دەپ ئۆتكەندەك مەزى بىزى بىر خىل بەز ئازا بۇلۇپ قان تۇمۇرلار ناھايىتى ئاز بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزى بىزىنىڭ تۈزۈلىشى قەۋەتسىمان بۇلغاچقا دورنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ئاجىز كىلىپ كۈرىنەرلىك ئۈنۈم كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزى بىزى كىسەللىكلىرى كۈپۈنچە نىرۋا پونكىسىيەسنى چىكىندۈرۈپ نىرۋا ئاجىزلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن بىمار داۋالاش ئۈنىمى تۈۋەن بولغاندەك ياكى ئۈنۈم بولمىغاندەك ھىسياتتا بۇلىدۇ. بۇ سەۋەپمۇ مەزى بىزى كىسەللىكنىڭ ساقايماس بوپ قالغنىنىڭ بىر سەۋەبى.
ئەمدى كەمىنى نەچچە يىللىق تىببى تەجىربەم ئارقىلىق يەكۈنلىگەن داۋالاش لاھىيسىنى سۆزلەپ ئۆتسەم:
1: مەزى بىزى كىسىلى بىمارلىرىغا قارتا روھى داۋالاش مۇيىم ئۇرۇندا تۇردىغان بۇلۇپ ئىمكان بولسا ئۇلار بىلەن كۆپ سىردىشىش، روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش ۋە تىۋىپقا ، داۋالاشقا بولغان ئىشەنچنى قولغا كەلتۈرۈش داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى. 2: كىسەللىك سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىش. بۇ توغرىسىدا مەزى بىزىدە كۈرلىدىغان كىسەلىكلەرنىڭ ھەر قايسى تۈرىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. 3: ئىچى – سىرتىدىن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق كىسەللىكنىڭ ساقىيىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى ھەمدە داۋالاش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بۇلىدۇ. 4: پەرىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، يەنى دورا ئىستىمال قىلغان مەزگىلدە جىنسى تۇرمۇش قېتىمى، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش كىرەك. 5: دورا ئىشلىتىشتە ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە دورا قىلغاندىن سىرىت يەنە مىڭە – يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلىگۈچى دورىلارنى مۇۋاپىق بىرىش كىرەك. مەزى بىزى كىسەللىكلىرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان دورىلار مەزى بىزىدىكى شۇخىل كىسەللىكنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرىشىدە بار. دورا رىتسىپى ۋە ياساش تەرتىبى رىتسىپلا سەھىپسىگە يوللىنىۋاتدۇ.