新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 1175|ئىنكاس: 1

‏‏ئۇنتۇلماس ئاياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-26 18:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
         ‏رابىئە ئەدەۋىيەنىڭ ھاياتى
   پانى دۇنياغا مۇھەببەت باغلاپ ھەقىقى مەھبۇبىنى ئۇنۇتقانلارغا; ھاۋا ھەۋەس ۋە ھىسسىياتىغا بېرىلىپ رەببىدىن يىراقلاشقانلارغا ئاللاھ ئاشىقى رابىئە ئەدەۋىيەنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلىمەن.          ‏         
رابىئە ئەدەۋىيە ئىسمائىل ئەدەۋىيە دېگەن كىشىنىڭ قىزى بولۇپ¸ ھىجرىنىڭ 95- يىلى ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى ئەسىرىدە بەسرە شەھىرى ئۆلىمالارنىڭ دەرسخانىلىرى¸ بايلارنىڭ سارايلىرى ۋە نامراتلانىڭ كەپىلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان بىر شەھەر ئىدى.          رابىئە ئەدەۋىيە ئەنە شۇ نامراتلارنىڭ كەپىلىرىدىن بېرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىدى. رابىئەنىڭ ئۆزىدىن چوڭ ئۈچ ھەدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسى ئۇنىڭغا تۆتىنچى قىز دېگەن مەنىدە رابىئە دەپ ئىسىم قويغان.          ‏          رابىئە ئەدەۋىيە ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە تىز تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى بىلەن مەشھۇر بولغان¸ كىچىك يېشىدىلا قۇرئان كېرىمنى تولۇق يادىلاپ بولغان.          بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى:          بەسرىدە ناھايىتى قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. رابىئەنىڭ ئائىلىسى تارقىلىپ كېتىپ ئۆزى ئەسىر چۈشتى.          رابىئە ناھايىتى چىرايلىق قىز ئىدى¸ خوجايىنى ئۇنى سورۇنلاردا ناخشا ئوقۇتاتتى. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم بېرەتتى. رابىئە بۇ ئازاپ ئىچىدە بەسرىنىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى ۋە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ كۆپ دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى بۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كۈندۈزلىرى خوجايىنىنىڭ زورلىشى بىلەن سورۇنلارغا ناخشا ئوقۇسىمۇ¸ كېچىسى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتەتتى. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانسىرى قەلبى يورۇپ¸ كۆڭلى ئارام تاپاتتى.          ‏          كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېچىدە خوجايىنى رابىئەنىڭ سەجدىگە باش قويۇپ يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ رابىئەگە يېقىنلىشپ ئۇنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى: "ئەي رەببىم! سەن مېنىڭ قەلبىمدىكىنى بىلىسەن¸ قەلبىم ساڭا ئىبادەت بىلەن ئۆتۈشكە ئىنتىلىدۇ¸ كۆڭلۈم ساڭا يېقىن بولۇش بىلەن ئارام تاپىدۇ. ئەگەر ئىش مېنىڭ قولۇمدا بولغان بولسا¸ ساڭا مۇناجات قىلىشتىن ۋە سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىشتىن ھەرگىز توختىمايتتىم. لېكىن سەن مېنى بەندىلىرىڭ ئىچىدە مۇشۇ مەخلۇقنىڭ قول ئاستىغا تاشلاپ قويدۇڭ."          ‏          بۇ دۇئانى ئاڭلاپ خوجايىننىڭ قەلبى يۇمشاپ¸ رابىئەنى ئازات قىلىۋەتتى ۋە مۇنداق ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشنى تەكلىپ قىلدى: ئەگەر خالىساڭ مېنىڭ يېنىمدا ئىززەت ھۆرمەت بىلەن ياشىغىن¸ مەن ساڭا خىزمەتچى بولاي¸ خالىساڭ قەيەرگە بارىمەن دېسەڭ شۇ يەرگە كەتكىن¸ مەن ساڭا ئىختىيارنى بەردىم¸ دېدى. رابىئە ئىنسانلارنىڭ دۇنياسىدىن يىراق¸ ھېچكىمنىڭ مىننىتى ئاستىدا قالماستىن ياشاشنى تاللىدى.          ‏          رابىئە كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق يەردە كەپىدە ئولتۇرۇپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللىدى. ئۇ بەسرىدىكى سالىھ ئۆلىمالارنىڭ ۋەز نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايتتى. كېچىنىڭ ئازراق بىر بۆلۈمىدە ئۇخلايتتى¸ قالغان ۋاقتىنىڭ ھەممىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئۇخلىماقچى بولسا¸ ئەي نەپسىم! قانچىلىك ئۇخلايسەن¿ بەلكى ئۇيقۇڭدىن ئىسراپىلنىڭ ئاۋازى بىلەن ئويىغىنىشىڭ مۇمكىن¸ دەيتتى. ئۇ دۇنيادىن ئايرىلغۇچىلىك مۇشۇ ئادىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ دائىم غەم قايغۇ ۋە يىغلاش بىلەن ئۆتەتتى. ئۇ دوزاخنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ھامان يىغلاشقا باشلايتتى. ئۇنىڭ كۆپ يىغلىغانلىقىدىن سەجدە قىلىدىغان يېرى دائىم ھۆل تۇراتتى.          ‏          نەسىھەتلىرى:          بىر كۈنى بىر ئادەم ئۇنىڭغا: ھاجىتىڭىز بولسا¸ ماڭا دەڭ¸ دېدى. رابىئە: مەن دۇنيانىڭ ئىگىسىدىن ئۇنى تەلەپ قىلىشقا ئۇيىلىدىغان تۇرسام¸ ئۇنى ئىگە بولمىغان كىشىدىن قانداق تەلەپ قىلىمەن¿ دېدى.          ئۇ رىيا توغرىلىق مۇنداق دېگەن: ياخشىلىقىڭلارنى يوشۇرۇڭلار¸ يامانلىقىڭلارنى يوشۇرماڭلار.          بىر كىشى كېلىپ: مېنىڭ گۇناھىم بەك كۆپ¸ ئەگەر تەۋبە قىلسام قوبۇل بولامدۇ¿ دەپ سورىدى. رابىئە: ياق¸ بەلكى ئاللاھ سېنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلسا¸ ئەلبەتتە تەۋبە قىلىسەن. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن¸ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر¸ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە تەۋبە: 118]          رىۋايەت قىلىنىشىچە¸ بىر كۈنى سالىھلارنىڭ بىرى دۇئا قىلىپ: ئە ئاللاھىم! مەندىن رازى بولغىن¸ دېدى. رابىئە ئۇنىڭغا: سەن ئۆزەڭ رازى بولمىغان زاتنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىشتىن ئۇيالمامسەن¿ ئەللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى¸ ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولدى.» [سۈرە بەييىنە: 8- ئايەت]          ‏رابىئە ئەدەۋىيەنىڭ شېئىرلىرىدىن نەمۇنە:          ئۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ¸ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭنى ئىزھار قىلىسەن. بۇنداق قىلىش ئىنتايىن يامان ۋە قەبىھ بىر ئىش. ئەگەر سەن ئاللاھنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن بولساڭ¸ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلاتتىڭ. چۈنكى ياخشى كۆرگەن كىشى¸ مەھبۇبىغا ئىتائەتمەن بولىدۇ.          رىۋايەت قىلىنىشىچە¸ سۇفيان سەۋرى بىر كۈنى رابىئەگە: ھەر بىر كېلىشىمنىڭ شەرتى¸ ھەر  بىر ئىماننىڭ ھەقىقىتى بولىدۇ. سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ ھەقىقىتى نېمە¿ دېدى. ئۇ جاۋابەن: "مەن ئاللاھنىڭ دوزىخىدىن قورقۇپ¸ جەننىتىگە تەلمۈرۈپ ئىبادەت قىلمىدىم. ئۇنداق قىلسام خۇددى مۇكاپىتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ئىشلىگەن ناچار ئىشچىغا ئوخشاش بولىمەن. بەلكى مەن ئاللاھ تائالانى سۆيۈپ¸ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشقا ئىنتىلىپ ئىبادەت قىلدىم" دېدى.          ‏          ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن كۆرۈشۈشكە بولغان ئىشتىياقى:          رابىئە ئەدەۋىيە بۇ پانى دۇنيادىن ئايرىلىپ كەتكۈچىلىك¸ قاتتىق ئىشتىياق ۋە ئىنتىلىش بىلەن ياشىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبى ۋە روھى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشقى بىلەن تولۇپ تاشقان¸ شۇڭا ئۇ دائىم ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولۇشقا ئىنتىلىپ ياشىدى. ئۇ سەكسەن يىلغا يېقىن ئۆمۈر كۆردى. پۈتۈن مۇشۇ ئۆمرىدە بىر لەھزە ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كېپىنىنى ئالدىدىن ھەرگىز يىراق قىلمىدى.          ‏          رابىئە ئەدەۋىيەنىڭ خىزمەتچىسى ئەبدە بىنتى ئەبۇ شەۋۋال مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقتىدا ماڭا: ئەي ئەبدە! مېنىڭ ئۆلىمىم بىلەن كىشىلەرنى بىئارام قىلمىغىن¸ مېنى مۇشۇ پەرەنجەمگە كېپەنلىگىن¸ دېدى. ئۇنىڭ كېچىلىرى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىدىغان يۈڭدىن بىر پەرەنجىسى بار ئىدى. ئاخىرقى نەپىسىنى بېرىدىغان چاغدا يېنىدىكىلەرگە: "چىقىپ كېتىڭلار¸ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە يول ئېچىڭلار" دېدى. بىز تاشقىرى چىقىپ ئىشىكنى ياپتۇق. ئۇنىڭ ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ¸ دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق.          ئەبدە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە¸ مېنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر ئىشنى دەپ بىرىڭ¸ مەن شۇ ئىشنى قىلاي¸ دېۋىدىم¸ ماڭا: ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغىن¸ دېدى.          ‏          ئاللاھ تائالا رابىئە ئەدەۋىگە رەھمەت قىلسۇن. ئۇ ۋۇجۇدىنىڭ بارلىق زەررىسى بىلەن ئاللاھ تائالانى سۆيگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىشقى مۇھەببىتى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئۆتكەن.مەنبەسى خانىملار


ۋاقتى: 2014-1-2 18:25:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى زور تېمىكەن، تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش