新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 5

يەل كىندىك

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ،يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى نەتىجىسىدە، كىندىك ئاستىدىكى سېرىق ئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پولتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى :
1) بالا جىم ياتقان ۋاقتىدا چىققان كىندىكىنى بېسىپ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېتىپ، چىققان كىندىكنىڭ چوڭلۇقىچىلىك پاختىنى كاللەكلەپ، كىندىك ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستىدىن قەۋەتلەنگەن داكا بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ تېڭىۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن بىر نەچچە ۋاقىت يىغلىسىمۇ چىقالمايدىغان قىلىۋېتىلسە، بارا-بارا چىقمايدىغان بولىدۇ.زۆرۈر تېپىلغاندا، مەجۈنى جاۋارىش كۇمۇنى (126-نۇسخا) دىن بىر ئاز ئېلىپ سۇدا ئېرىتىپ، بالىغا ئىچۈرۈپ  بەرسە بولىدۇ.
2)تۆۋەندىكى زىمادلارنى قويۇپ تېڭىپ بەرسە بولىدۇ:
(1)زىمادى پەتەق1
جۇۋىنە، سەبرە، يىلان تۇخۇمى  ھەربىردىن 10گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد قىلىپ، يەل كىندىكى ئۈستىگە چىلاندەكتىن قويۇپ تېڭىۋېتىلىدۇ. 3 كۈندە 1قېتىم تېڭىق ۋە دورا ئالماشتۇرۇلىدۇ.
(2) زىمادى پەتەق 2
مەستىكى رۇمى، ئەنزۇرۇت، كۇندۇر، جويۇر، ئاقاقىيا، زەمچە، سەبرە سۇقۇتىرى، جۇۋىنە، زىرە ھەر بىردىن10گىرام ئېلىپ،يۇمشاق سوقۇپ،45گرام بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ  تەييارلىنىدۇ، تېڭىش ئۇسۇلى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش.
(3) زىمادى پەتەق 3
مەستىكى رۇمى، ئەنزۇرۇت، كۇندۇر، جويۇز، قارىغاي يوپۇرمىقى، ئاقاقىيا، ئانار گۈلى، مۇرمەككى، پىرسىياۋشان، زەمچە، رۇسۇت، ئارچا مېۋىسى، سەبرە سۇقۇتىرى ھەربىردىن  10گرام ئېلىپ،20گرام بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلىنىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئالدىنقىسغا ئوخشاش.بىراق بۇ،چوڭراق بالىلارغا ئشلىتىلىدۇ.                   (يەكەن ھۆكۈمالىرىنىڭ تەجىرىبىسىدىن ئۆتكەن)
3)يەر مەرىزىنىڭ قۇرۇقىدىن ئېلىپ ئېزىپ،سىركە، بېلىق يېلىمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ چىقىپ قالغان كىندىكى، كىچىك بالىلارنىڭ پەتەق كېسەللىكى ۋە باشقا پەتەقلەرگە ئىشلەتسە، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.      
ئۇيغۇر تىبابىتىدە تەجىربىدىن ئۆتكەن رىتسىپلا دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.         
  


ۋاقتى: 2012-5-8 20:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-8 20:40:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزىمەيدۇ.  بۇممۇ سىزنى قوللاش ئۈچۈن خالاس.  


ۋاقتى: 2012-5-10 20:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-8 20:40
ئەرزىمەيدۇ.  بۇممۇ سىزنى قوللاش ئۈچۈن خالاس.

پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرىكەن .............رھمەت


ۋاقتى: 2012-5-11 22:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، كىچىك بالىنى چوڭ قىلماق تەسكەن جۇمۇ ، بىلىۋالدىم.


ۋاقتى: 2012-5-12 16:16:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىباھا يوللىغان ۋاقتى  2012-5-11 22:15
ھەي ، كىچىك بالىنى چوڭ قىلماق تەسكەن جۇمۇ ، بىلىۋالدىم.

ئاسان دەپ ئويلىغانمىدىڭىز؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش