新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 0

غەيرى تەبئى خلىتلارنىڭ تىل ئېغىرلىقىنى پەيدا قىلىش مىخانىزىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-24 10:15:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
              تىل ئېغىرلىق بولسا ھەر خىل سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن تىل ھەركىتى پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۇردىغان قۇۋەت توسقۇنلققا ئۇچراپ كىلىنكىدا سۆزلەش قىيىنلىشىش،سۆزلەرنى تەكرار ھالدا قايتىلاش،دۇدۇقلاش،تاۋۇشلارنى توغرا تەلەپۇز قىلالماسلىق،قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكتىن ئىبارەت.                          
تىل ئاساسلىقى توغرا يوللۇق مۇسكۇللاردىن تۇزۇلگەن بۇلۇپ «^»شەكىللىك ئېرىقچىنى چەك قىلىپ تىل ئالدىنىقى ئۇچتىن ئككى قىسىمى تىل تىنى ئۇچتىن بىر قىسىمى تىل تۇۋى بۇلۇپ،تىل ئۈستى شىللىق پەردسدە نۇرغۇنلىغان شورغۇچلار بۇلۇپ،ئۇنىڭدا مول تەم سىزىش ئاپاراتلىرى بۇلىدۇ.تىل سەزگۇ نېرۋىلىرنىڭ تارقىلىشى بولسا تىل ئالدىنقى ئۇچتىن ئككى قىسىمدا ئۇچلۇق نېرۋىنىڭ تىل نېرۋىسى كەينى ئۇچتىن بىر قىسىمىدا تىل يۇتقۇنچاق نېرۋىسى بۇلىدۇ.تىل ئاستى نېرۋىسى بولسا ھەركەت نېرۋىسدۇر.تىل ئاستى شىللىق پەردە قىسىمىدا نۇرغۇنلىغان قىل قان تۇمۇرلار ۋە تىل ۋىناسى بۇلۇپ،بۇلار بىر قان تۇمۇر تورنى تەشكىل تاپىدۇ.
تىل ئېغىرلىق كىلىنكىدا تۇغما ۋە كىيىن بولغان تىل ئېغىرلىق دەپ ئىككىگە بۈلۇندىغان بۇلۇپ تۆۋەندە مەن كىيىن بولغان تىل ئېغىرلىقنىڭ پەيدا بۇلۇش مىخانىزمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەن.
1  .تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.      
  بۇ خىل خىلىت سەپرا خىلتى تەركىبىگە قۇيۇق بەلغەم خىلتى ئارلىشىشىتىن ھاسىل بولغان مەلۇم يېپىشقاقلىققا ئىگە . غەيرى تەبئى سەپرا خىلتى بولۇپ ، بۇ خىل غەيرى تەبئى سەپرا خىلتى تىلدىكى ئىنىچكە قىل قان تومۇرلار توقۇلما ھۈجەيرىلەرىگە قان ئايلنىش ئارقىلىق كېرەكسىز ماددا سۈپىتىدە ساقلىنىپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قىيامى قۇيۇلۇپ ،چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك غىدىقلاش ، قورۇش تەسىرى بىلەن تىلدىكى ئىنىچكە قىل قان تومۇرلار توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ھەم سىپازمىلاندۇرۇپ تىلنىڭ روھى ھايۋانى بىلەن تەمىنلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ سەزگۈ ھەركەت قۇۋەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى قۇرتۇپ ، تىل كەينى ھەركەت نېرۋىلىرنىڭ قۇماندانلىقنى سۇسلاشتۇرۇپ ، تىل ھەرىكتىنى توسقۇنلققا ئۇچىرتىپ ، تىل ئېغىرلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
                2.كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ .                              
    بۇ خىل غەيرى تەبئى خىلىت بەدەندە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەندە قان ئايلىنىش ئارقىلىق تىل قان-تۇمۇرى ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلىرگە تەسىر قىلىپ ، تىلنىڭ قۇرۇق سوغوق كەيپىياتىنى ئاشۇرۇپ ، قۇرۇق سوغوق كەيپىياتقا تايىنىپ خىزمەت بىجىردىغان قۇۋۋتى ماسىكەنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ كۆپلىگەن غەيرى تەبئى سەۋدا خىلتىنىڭ تۇتۇپ تورىلشىشنى پەيدا قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ خىل كىرەكسىز خىلىتلار كۆپلەپ يىغىلىپ ، تىل ئىنىچكە قىل قان-تۇمۇرلىرى ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلىرگە چۆكمىگە چۈشۈپ ، تىل ئىنىچكە قىل قان-تۇمۇرلار ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەرنى غىدقلاپ سىپازمىلاندۇرۇپ توسۇلىشىنى پەيدا قىلىپ ، تېلنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىمگە ئۇچىرتىپ ، ھەركەتلەندۈرگۈچى قۇۋۋەتنىڭ خىزمتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ تىل ئېغىرلىقى پەيدا قىلدۇ .
3.تەمسىز بەلغەم خىلتى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ .                                 
      بۇ خىل زىيادە ھۆللۈككە ئىگە بولغان غەيرى تەبئى بەلغەم خىلتى ئۆزىنىڭ سۇسلاشتۇرۇش ، بوشاشتۇرۇش تەسىرى ئارقىلىق قان-تۇمۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرۇپ ، ھەمدە تۇقۇلما ھۈجەيرلەرنىڭ ھۆللۈكىنى ئاشۇرۇپ ھەركەتلەندۈرگۈچى قۇۋەتنىڭ خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، تىل ھەركىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ تىل ئېغىرلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
مەنبە:تېۋىپلار تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش