新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 2183|ئىنكاس: 14

تەبئى مىزاج ۋە ئۇزۇقلىنىش پىرىنسىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەنلەر. يېقىندىن بۇيان ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن  تىما يېزىپ يوللاپ بۇلالمدىم. شۇنداقتىمۇ غېرىپ كۈلبەمنى زىيارەت قىلىپ تۇرغىنىڭلاغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بۈگۈن قارىسام مۇنبەرنىڭ ئىشلىرنىمۇ بىر قاتالىق ئىزىغا چۈشۈپ قالدى. دەم ئېلىش كۈنۈم بولغاچقا ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ بىر تىما يازاي دەپ ئولتۇردۇم. بۈگۈن توختىلىدىغان تىمىمىز مىزاج ۋە ئۇزۇقلىنىش بولسا قانداق؟  بۇ توغرىدا توختىلىشتىن بۇرۇن مىزاج توغرىسىدا قىسقىغىنە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
مىزاج بولسا ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى تۆت چوڭ ماددىنى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك تەركىپلار ۋە ئۇلارنىڭ كەيپىياتلىرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىشىشى چە بىرىكىشى جەرياندا شەكللەنگەن بائارلىق شەيىلەرگە ئۇرۇنلىشىپ ئۈستۈنلىك ئۇرۇندا تۇرغان كەيپىياتنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ ئىنسان مىزاجى چوڭ جەھىتتىن سەپىرا<قۇرۇق ئىسسىق>، قان<ھۆل ئىسسىق>، بەلغەم<ھۆل سوغوق>، سەۋدا<قۇرۇق سوغوق> تىن ئىبارەت تۆت خىل بۇلىدۇ. لىكىن مۇتلەق بىر مىزاجدىكى كىشىلەر ناھايتى كەم ئۇچىرايدۇ.
سەپىرا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھدىلىكى: سىرىتقى ئامىللار تەسىرنى نەزەرگە ئالمىغان ئاساستا بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تىرە رەڭگى سارغۇچ، كۆز ئېقى سارغۇچراق، ئىېىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرغاق، كۆپ ئۇسايدىغان، بەدەنى قىززىق، تۇمۇرى تىز ۋە ئىنچىكە سالدۇ. ئۈسۈپ يىتىلىشى ئۇرۇقىراق بۇلىدۇ. ئاچچىقى تىز كىلىدۇ ھەم تىز قايتىدۇ، ئاداۋەت تۇتمايدۇ. نىرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تىز، سەزگۈر ھىسىياتى كۈچلۈك، ئۈزىنى تۇتالمايدىغان، ئۇيقىسى كەم، تۇراقسىز بۇلىدۇ.  بۇنداق كىشىلەر سالقىن، ھاۋالىق جايلارنى ياخشى كۈرىدۇ، سوغوق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق بۇلىدۇ. نەزىريە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر ھۆل سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەك بىلەن ئۇزۇقلانسا مىزاجنى تەڭشەپ تۇرالايدۇ.
قان مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى: بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ تىرە ماي قاتلاملىرى ياخشى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ بەدەن ھارارىتى نىسپەتەن يۇقۇرى، تىرىللىرى سىلىق، چىرايى نۇرلۇق، تىتىك ۋە جانلىق بۇلىدۇ. ئېغىز تەمى تاتلىق، ئۇيقىسى كۆپىرەك، پۇت قوللىرى ئاسان قۇلىشىدىغان بۇلىدۇ. تۇلا ئەسنەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇش پىل، ئۇچۇق چىراي، قارىماققا غەمسىزدەك كۈرلىدۇ. باشقىلارنى ئاسانلا ئۈزىگە جەلۇپ قىلىۋالالايدۇ. باشقىلارنى ماختاش ئۇلارنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى.  بۇنداق كىشىلەرگە مايلىق. كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ. مىۋە چىۋە، يىشىل كۆكتات ۋە قۇرۇق سوغوق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئىستىمال قىلسا ياخشى.
سۆل سوغوق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھدىلىكى: بۇن خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققى قىلغان، چىرايى ئاق، قىرىسى قولغا نەم ۋە سوغوق بىلىندۇ. تۇمۇرى توم ئاستا سالىدۇ. قارىماققا ئېغىر بېسىق، بىغەم كۈرىلىدۇ. بىر ئىشلارغا ئاسان تەسىرلەنمەيدۇ لىكىن تەسىرلەنسە ئەسلىگە قايتمىقىمۇ تەس بۇلىدۇ.  تىل ئۈستىدە ئاق گەز بار بۇلۇپ كۆپ ئۇخلايدۇ. بۇخىلدىكى كىشىلەرگە ھۆل ۋە سوغوق تەبىئاتتىكى تاماقلار زىيان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەر قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرۇشى كىرەك.
سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى: بۇخىل مىزاجلىق كىشىلەر قارىماققا جىمغور، كەم سۆز بۇلۇپ ئۇرۇق، بەدىنى ئاجىز كۈرىلىدۇ. تىرىسى قولغا قۇرۇق سوغوق، يىرىك بىلىندۇ. تىل ئۈستىدە ئۈكۈچ گەز بۇلىدۇ، چاچ – مۇيلار تەرىققى قىلغان بۇلىدۇ، بىر ئىشلارغا ئاستا تەسىرلىنىدۇ، خىيال ۋە ئارزۇ ئىچىدە ياشايدۇ.  يالغۇزلۇقنى خالايدۇ. رىياللىقى يوق پىكىر ۋە ئارزۇلانى كۆپ قىلىدۇ. بۇنداق دىسەم <ساراڭ كىشلەركەن> دىمەڭ. بۇنداق كىشىلەردىن ئالىم كۆپ چىقىدۇ.  بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تاماق تاللاپ كەتمەيدۇ. لىكىن ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرگىنى ياخشى.  
شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىمۇ پۈتتى.  ئەمدى مۇشۇ يازمىنى ئۇقۇپ ئىنكاس يازمىغانلا بەلغەم مىزاج، كۈرۈپلا ئاچچىقلانغانلا سەپىرا مىزاج، <ياخشى، باركاللا> دىگەندەك ئىنكاس يازغانلا قان مىزاج، سۈكۈتتە تۇرغانلا سەۋدا مىزاج ھې ھې ھې  
ئىلان چىكىشنى تاپىلمىساممۇ بۇلا.



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
ۋاقتى: 2012-5-6 19:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم بۇ تىمىنى ئوقۇپ.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


ۋاقتى: 2012-5-6 19:54:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راست ، ئىۋۇ كاۋاپلارنى بىزنى يىسۇن دەپ ئەكەلگەنما؟ باشقىلار كىرگۈچە يىمەي ، ئوغۇرغا بەرمەي ساقلاپ تۇغاچ تۇراي ئەمىسە ،


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-6 21:03:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىباھا يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 19:54
ھە راست ، ئىۋۇ كاۋاپلارنى بىزنى يىسۇن دەپ ئەكەلگەنما؟  ...

كاراپلارنى ئىسسىقىدا يەۋىرىڭ. باشقىلا سىرىتتا تاماق تەپ كىرىدىغان چېغى


ۋاقتى: 2012-5-7 14:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 21:03
كاراپلارنى ئىسسىقىدا يەۋىرىڭ. باشقىلا سىرىتتا تاماق  ...


ماقۇل ئەمىسە ، چۈشلۈك تاماقمۇ بولاپ قاپتۇ ، تارتىنمىدىم ، ھىلىمۇ سوۋۇپ قاپ بولاپتۇ ، ئىسسىتىپ يىگۈدەكمەن تىخى... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىباھا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-7 14:04  



ۋاقتى: 2012-5-7 21:54:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىسام مۇنبەردە بەلغەم مىزاج بىلەن سەۋدا مىزاجلىقلا كۆپ چېغى ھە ئۇستاز.  كۈرلىشى 30 قېتىم، ئىنكاس 4 قېتىم
ھەقىھەتەن ياخشى بىلىم بوپتۇ. سىز بۇنداق ھەممە ئادەمگە ئۈگۈتۈپ قويسىڭىز بىز نىمە ئىش قىلىمىز‹چاخچاق ھە›


ۋاقتى: 2012-5-7 21:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭمۇ مىزاج ئۈستىدە تىما يازغلى ۋاختىڭىز چىقىپتۇ ھە  بۇنداق كىچىك ئىشلانى بىزگىلا قۇيۋىتىڭ. سىز ئاۋۇ ساقايمىغان كىسەللىكلەرنى داۋالاش لاھىيەسى ئۈستىدە توختۇلۇڭ.  ھازىرمۇ دىئابىتلىق پۇت ئاقمىسىنى داۋالاۋاتامسى؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 22:08:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 21:58
سىزنىڭمۇ مىزاج ئۈستىدە تىما يازغلى ۋاختىڭىز چىقىپتۇ ھ ...

قانداق قىلاي ئەمدى؟ مۇنبەردە ئالىم ئەپەندىم، ئەزمەت ئەپەندىم، ئاداش ئىنىم بار دىسەم تۈزۈكىرەك ياردەمدە بولمىساڭلا. نەزىرىيە تۈگىمەي ئەمىلىيەتكە قانداق ئۆتكىلى بولسۇن.   
ئۇنداق كىسەللەرنى ھازىرچە داۋالمدۇق. ۋاقىت ئالدىراش ھەم ئۇنداق كىسەللىكلەرنى داۋالغىلى شارائىت يوق.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 22:10:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 21:54
قارىسام مۇنبەردە بەلغەم مىزاج بىلەن سەۋدا مىزاجلىقلا  ...

ھە ئىنىم قىزغىۋاتامسىز؟  ھىچ بولمىسا نىما يىيىش نىمە يىمەسلىكنى بىلىۋالسۇن دىدىم شۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-7 22:10:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش يوللىغان ۋاقتى  2012-5-7 21:54
قارىسام مۇنبەردە بەلغەم مىزاج بىلەن سەۋدا مىزاجلىقلا  ...

ھە ئىنىم قىزغىۋاتامسىز؟  ھىچ بولمىسا نىما يىيىش نىمە يىمەسلىكنى بىلىۋالسۇن دىدىم شۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش