جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 0

كۈتۈنۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن «بەش قىيىن»نى يېڭىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-19 18:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تويۇنۇش مەسلىسىنى ئاللىبۇرۇنلا ھەل بولغان بولسىمۇ لېكىن قانداق كۈتۈنۈش مەسىلىسى ھازىرىقى جەمىيەتتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە ، بىز مەيلى تېلېۋىزورنى ئاچايلى ، مەيلى گېزىت كۆرەيلى ئۇلارنىڭ  ھەممىسىدە مۇتەخەسىسلەرنىڭ رەڭدار بولغان كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلايمىز ۋە كۆرىمىز . ئۇنداقتا قانداق كۈتۈنۈش كېرەك؟ بىز ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى «بەش قىيىنچىلىق»نى يېڭىشنى ئۆگىنەيلى.
بىرىنچى قىيىنچىلىق : نام –مەنپەئەت قوغلىشىش
جاڭ جۇڭ جىڭ «كىزىك توغرىسىدىكى تەلىمات » دېگەن ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە نۇرغۇن ئادەملەرنى تەنقىد قىلىپ « نام –مەنپەئەت ئۈچۈن » دېگەن. بىز ئەتىدىن –كەچكىچە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەنپەئەت قوغلىشىپ ئۆتىمىز ، كۆڭلىمىزنى سىرتتىكى ئىشلارغا ، مەنپەئەتكە قارىتىپ ، ئۆز بەدىنىمىزنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئانچە كارىمىز بولمايدۇ ، بۇنداق بولغاندا بەدىنىمىزدىكى ئەزالاردا ئاللىبۇرۇنلا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرىلىدۇ ۋە يۈرەككە قۇتۇلدۇرۇش سىگىنالى ئەۋەتىدۇ. يۈرەكتىن ئىبارەت بۇ رەئىس ئەزا ئۇ بىسىمنى كۆتۈرۈپ بولالماي قالىدۇ دە ، بىز  ئۆزىمىز بۇنى سەزگەن چاغدا ، ئىنتايىن تەستە قۇتۇلغىلى بولىدىغان باسقۇچقا بېرىپ قالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ سىرتقا بولغان تەلىپىمىزنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنىڭ  نەتىجىسىدىن بولىدۇ. بىراق ئادەم بولسا جەمىيەتتىكى  بىر جانلىق(ئىجتىمائي ھايۋان) بولغاچقا  پۈتۈنلەي نام –مەنپەئەتتىىنمۇ ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ ، بۇ بىز بىلىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا . سىرتتىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىمىزگىمۇ ، سالامەتلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى.
2- قىيىنچىلىق :  خۇشاللىق ۋە  قايغۇنى چىقىرىپ تاشلىيالماسلىق(كەيپىياتى تىز ئۆزگۈرۈش)
ئادەتتە ئادەمدە يەتتە خىل كەيپىيات(ھېسىيات) بولىدۇ ، ئۇلار خۇشاللىق ، ئاچچىقلىنىش ، ئىككىلىنىش ، تەپەككۇر قىلىش ، ئازاپلىنىش ، قورقۇش ، ھەيران بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ  بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇشال بولۇشلا ئادەم يۈرىكىنىڭ يايرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى  ، ئاچچىقلىنىش بولسا جىگەردىكى ھاۋانىڭ كۆپىيىشىنىڭ  ئىپادىسى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزدە كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ يەردىكى خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدىكى خۇشاللىنىش ۋە ئاچچىقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ، خۇشاللىنىش يۈرەكتىكى ھاۋانىڭ تارقىلىپ قايتىپ كەلمىگەنلىكى بولسا خاپا بولۇش جىگەردىكى ھاۋانىڭ تارقالمىغان ھالىتى بولۇپ، بۇ مۇتلەق ھالدا ئۇ ئەزالارغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. قېتىپقالغان باشقا بەش خىل كەيپىياتمۇ ئەگەر ھەددىدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە ، ئوخشاشلا ئورگانىزمغا زىيانلىق . ئازاپلىنىش ئۆپكىگە ، قورقۇش(ھەيران قىلىش)بۆرەككە ، تەپەككۇر قىلىش تالغا زىيانلىق.
3- قىيىنچىلىق  :سىرتقى دۇنيادىكى غىدىقلىنىش ۋە جىنسى تۇرمۇش
چىراي ۋە نام –ئەمەلگە ئىنتىلىش ئاچكۆزلۈكىنىڭ ئىپادىسى ، نېمىشقا بۇنى ئىككىگە بۆلىمىز؟ بۇ يەردە يىغىش ۋە قويۇپ بېرىش ئوخشىمايدۇ. نام-ئەمەلگە ئىنتىلىش بولسا ھەمشە ئۆزىگە تارتىدۇ، ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇلىنىڭ كۆپ بۇلىشىنى ، ئابرويىنىڭ چوڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، بۇلار ھەممىسى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ يىغىلىشى؛ چىرايغا ئىنتىلىش بولسا ئۆزىدە بار نەرسىنى يوق قىلىش (بۇزۇپ چېچىش) ، ئاز بولسىمۇ لاتاپەت بولسىمۇ لېكىن دائىملا ئۇنى دەسمايە قېلىۋەرگەندە ، بىر كۈنلەرگە بارغاندا روھسىزلىنىدۇ.
4- قىيىنچىلىق:  نامۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك

بۇ نۇقتىنى چۈشىنىش ئاسان ،يەنى  ئۆزىنىڭ ئاغزىنى باشقۇرالمىسىمۇ، بىزنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقان يېمەكلىكىمىز ئاشقازان ، تال ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىش ئارقىلىق ئېنېرگىيىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تال ۋە ئاشقازان ئاجىزلاشسا ، بەك كۆپ يېمەكلىكنى كۆتۈرەلمەيدۇ-دە ، بەدەندە يىغىلىۋېلىپ ئۈچ ئېگىز ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ، يېمەك-ئىچمەكتە رىتىملىق بولۇش ،  ياخشى يىمەكلىكلەرنى ياخشىكەن دەپ ھەددىدىن زىيادە يېمەسلىك ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى يىنىك ۋە سويۇق بولغان يىمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.

5 –قىيىنچىلىق : يوقىلاڭ خىياللارغا بېرىلمەسلىك

بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، قايمۇقتۇرىدىغان تەدبىر . ھېساب قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار چېچەنرەك بولمىسا بولمايدۇ. بىر ئىش دائىم كۆڭلىمىزدە بولسا ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ ئىشنى قىلىش ھېسسىياتىمىز ناھايىتى ئاسانلا قېتىۋالىدۇ ياكى راۋانلاشمايدۇ، بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قان ۋە ھاۋا(يەل) توسۇلۇپ قىلىشى نەتىجىسىدە كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا باشقىلار بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولۇپ ، بىر  خىل مۆتىدىل كەيپىياتنى ساقلىشىمىز لازىم. خۇددى بۇرۇنقىلار ئېيتقاندەك، بىر قەدەم چېكىنىپ كۆكسى-قارنىمىزنى كەڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

شۇڭلاشقا بىز كۈتۈنۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن يۇقۇرىدىكى بەش قىيىنچىلىقنى يەڭدۇقمۇ يوق دېگەنگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ۋە باشقا ئىنچىكە تەرەپلەرگە دىققەت قىلشىمىز، ھەرگىزمۇ بۇ نۇقتىلارغا سەل قاراپ ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش