|
بۈگۈن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2013-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارىغىمۇ دەل 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دىئاگىنوز قويۇلغان.
1988-يىلى 1-ئايدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلدىكى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە تۈرلۈك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.
دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ بەلگىسى بولغان «قىزىل لېنتا» ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا، ھەمدە بىرلىكتە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشقا سىموۋۇللۇق قىلىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە، ئەيدىزگە ئائىت بىر باش تېما چىقىرىدۇ، ھەمدە شۇ تېما مەزمۇنى ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يىللىق باش تېما ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى «نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى». بۇنىڭ مەنىسى- ئەيدىزنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى، ئەيدىزنى كەمسىتىشنى ۋە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتىنى نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى، دېگەنلىك بولىدۇ.
ئۇنداقتا، بىز 1988-يىلىدىكى تۈنجى ئەيدىز كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان باش تېمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!
1988-يىلى
دۇنياۋىي ھەرىكەتكە قاتنىشايلى!
Join the Worldwide Effort
全球共讨,征服有期
1989-يىلى
تۇرمۇشىمىز، دۇنيايىمىز—بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنەيلى!
Our Lives, Our World-Let's Take Care of Each Other
我们的生活,我们的世界——让我们相互关照
1990-يىلى
ئاياللار ۋە ئەيدىز
Women and AIDS
妇女和艾滋病
1991-يىلى
ئەيدىزنىڭ رىقابىتىنى تەڭ كۈتىۋالايلى!
Sharing the Challenge
共同迎接艾滋病的挑战
1992-يىلى
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار!
A Community Commitment
预防艾滋病,全社会的责任
1993-يىلى
ھەرىكەتكە ئاتلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى!
Time to Act
时不我待,行动起
1994-يىلى
ئەيدىز ۋە ئائىلە
AIDS and the Family
艾滋病和家庭
1995-يىلى
ھوقۇقتىن تەڭ بەھىرلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىمىزگە ئالايلى!
Shared Rights, Shared Responsibilities
共享权益,共担责任
1996-يىلى
ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئۈمىد
One World. One Hope
同一世界,同一希望
1997-يىلى
ئەيدىز دۇنياسىدا ياشاۋاتقان بالىلار
Children Living in a World with AIDS
生活在有艾滋病世界中的儿童
1998-يىلى
ياشلار ئەيدىز بىلەن كۆرۈش قىلىدىغان غالىب كۈچ!
Force for Change: World AIDS Campaign with Young People
青少年:迎战艾滋病的生力军
1999-يىلى
ئاڭلاڭ، ئۆگىنىڭ، ھۆرمەتلەڭ!
Listen, Learn, Live!
倾听,学习,尊重
2000- يىلى
ئەرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى
Men Make a Difference
男士责无旁贷
2001- يىلى
ھەممىمىز بىرلىكتە قاتنىشايلى!
I Care. Do You?
你我同参与
2002- يىلى
ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ، ھاياتتىن بەھىرلىنەيلى!
Live, Let Live
相互关爱,共享生命
2003- يىلى
ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ، ھاياتتىن بەھىرلىنەيلى!
Live, Let Live
相互关爱,共享生命
2004-يىلى
ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەيدىزگە قارشى تۇرايلى!
Women,Girls,HⅣand AIDS
关注妇女,抗击艾滋
2005-يىلى
ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
Stop AIDS. Keep the Promise
遏制艾滋,履行承诺
2006-يىلى
ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
Stop AIDS. Keep the Promise
遏制艾滋,履行承诺
2007- يىلى
رەھبەرلەر رولىنى جارى قىلدۇرايلى: ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
Take the Lead: Stop AIDS, Keep the Promise
发挥领导作用:遏制艾滋,信守承诺
2008-يىلى
رەھبەرلەر رولى ۋە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
Lead, Empower, Deliver
领导作用、增强力量和履行承诺
2009-يىلى
مۇمكىنچىلىكنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ئوموملاشتۇرايلى!
Universal Access and Human Rights
普遍可及和人权
2010-يىلى
مۇمكىنچىلىكنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرايلى!
Universal Access and Human Rights
普遍可及和人权
2011-يىلى
ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!
Getting to Zero
行动起来,向“零”艾滋迈进
2012-يىلى
ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!
Getting to Zero
行动起来,向“零”艾滋迈进
2013-يىلى
ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!
Getting to Zero
行动起来,向“零”艾滋迈进
*مەنبە: نۇر تورى
|
بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار
مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش
x
|