新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلاردا تىبابەت نەزەرىيسىنىڭ پەيدا بولۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-30 23:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇرلار ھازىرىغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكى ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىقى  بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئېھىتياجلىرىغا ئاساسەن، ئۆز تۇپرىقنىڭ تەبىئى شارائىتى ۋە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلرىنىڭ تىبابىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئۇيغۇرلار ياشاپ كېلۋاتقان جايلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئۆزگىرشچان، تۆت پەسلى ناھايتى رۇشەن بۇلۇپ، يازدا قاتتىق ئىسسىق ، قىشتا قاتتىق سۇغۇق بولىدۇ، بەزى جايلاردا يامغۇر، قار كۆپ ياغىدۇ، بەزى جايلاردا قۇرغاقچىلىق كۆپ يۈز بىرىدۇ، بەزى جايلاردا دەريا-كۆللەر، يايلاق ،ئورمانلىقلار، بەزى جايلاردا قۇملۇقلار كۆپرەك، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ خىللىرى كۆپ، تەبىئى ئاپەتلەر كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ھەرخىل ھادىسلەرگە ئۇچىراپ تۇرۇشى تۇرغان گەپ. ئۇيغۇرلار مۇنداق يامان تەبىئىي شارائىت ئاستىدا داۋاملىق تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزلىرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان. يۇقارقىدەك سەۋەپلەردىن ئۇيغۇرلاردا تىبابەتنىڭ پەيدا بولىشى باشقا جايلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق شەكىللەنگەن .

   بۇرۇنىقى زاماندا كىشلەر ئۆيلەرگە ۋە ئورمانلىقلارغا ئوت كەتىسە سۇ بىلەن ئۆچۈرگەن، يامغۇر ياكى سۇ ئاپەتلىرنىڭ ئالدىنى تۇپراق بىلەن، قۇرغاچىلىقنىڭ ئالدىنى سۇ بىلەن ئالغان ھەم يەنە بۇ ئۇسۇلنى ئۆز بەدەنلىرىگە تەدبىقلاپ ئۈنۈمنى كۆرگەن، مەسىلەن: كىشلەر بەدىنى قىزىپ كەتكەندە سۇغۇق سۇغا چۆمۈلۈش ياكى سۆرۈن ھاۋادا سەگىدەش ئارقىلىق ، تۇڭلاپ كەتكەندە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بەدىندە ھۆللۈك كۆپىيىپ كەتسە قىزىق قۇمغا كۆمۈلۈش، كۈن نۇرۇىغا قاقلاش ياكى ئىسسىق  ھاۋاغا قاقلىنىش ئارقىلىق بەدەن ھارارىتىنى تەڭشىگەن.

بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇيغۇرلار تەبئىي شارائىيتى ئوخشاش  بولمىغان جايلاردا ياشاپ كەلگەن.بەزى يەرلەردە ئۆسۈملۈكلەر،ھايۋانلار ۋە كان قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ خىللىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ بۇنداق جايلاردا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تەبئىي بايلىقلار  ئۇستىدە ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇنى ئۆز بەدىنىدە تەجىرىبە قېلىپ كۆرۇپ ،قېزىلما بايلىقلارنىڭ خېلمۇ خىل شىپالىق خوسۇسىيەتلىرنى تېپىپ چىققان.بۇ جەھەتتە دۇنياغا مەشھۇر تېببىي تارىخىي پەنلەر ئالىمى رەشىد رەھمەتى ئارات ئۇيغۇر تىبابىتى يازغان بېغىشلىمىسىدا خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ :<<ئۇيغۇرلاردا تېبابەت خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ،بۇنداق بۇلىشىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپتىدائىي جەمىيەتتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ۋە جىسمانى قۇرۇلمىسى ،مىجەزى {پىسخىك خاراكتىرى }،ياشىغان مۇھىتى ،ھاۋا كىلىماتى ،تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ تەقەززاسى ھەم يەنە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى سەۋەب بۇلغان >>.ئۇيغۇر تىبابىتىگە كىيىنكى ۋاقىتلاردا چەت ئەل تىبابىتىنىڭ بەزى تەجرىبىلىرى قۇشۇلۇپ قالغان بۇلسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجادچىسى ئۇيغۇرلار بۇلغاچقا ،<<ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى >>دەپ ئاتىلىشى كېرەك -ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرنى  تۇنۇشى <،تۆت چوڭ ماددا>>ئاساسىغا قۇرۇلغاچقا ،ئۇلارنىڭ تېبابەت نەزىرىيە ئاساسلىرىمۇ تۆت چوڭ ماددا ئىچىدە بۇلىدۇ .

ئۇيغۇر تىبابەت نەزىريىسى ئادەم بەدىننىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە ،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا ھەمىشە زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۇرسىتىدۇ .ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسىدە كەڭ تەبىئەت دۇنياسى تۆت چوڭ ماددىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ،تەبىئەت دۇنياسى تۆت چوڭ ماددا ئارسىىدىكى زىددىيەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلدىغانلىقى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىقنىڭ ،جۇملىدىن ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ تەسىردە بۇلدىغانلىقى،ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يېتىلمەيدىغانلىقى ،ھاياتلىقنىڭمۇ مەۋجۇت بۇلمايدىغانلىقى تەكىتلىندۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە تۆت چوڭ ماددائوخشاش بۇلمىغان تۆت خىل خۇسىسىيەتكە ئىگە بۇلۇپ ،ئوت بولسا قۇرۇق ئىسسىق خۇسىسىيەتكە ،ھاۋا بۇلسا ھۇل ئىسسىق خۇسۇسىيەتكە ،سۇ بۇلسا ھۇل سۇغۇق خۇسۇسىيەتكە ،تۇپراق بۇلسا قۇرۇق سۇغۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە .ئۇلار خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە زىت بۇلسىمۇ ،ئەمىليەتتە بىر -بىرىگە ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ ،ئۇلار ئادەم بەدىندە ئىسسىقلىق ،سۇغۇقلۇق ،ھۆللۈك ،قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ ،تۆت خىل كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارىمۇ قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بۇلىدۇ ،دەپ قارىلىدۇ {خەلىق ئارسىدا بۇ <<مىجەز >>دەپمۇ ئاتىلدۇ }.

كەيپىيات ۋە مىزاج ھەققىدىكى تۆت چوڭ تەلىمات قەدىمكى كۆز قاراشلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ ،ئۇ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە قۇللىنىلدىغان ئىنتايىن مۇھىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىندۇ .

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئادەم بەدىندىكى تۆت خىلىت تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئادەم تىنىدىكى ۋەكىلى دەپ قارىلدۇ .تۆت خىلىت دىگىنىمىز ،سەپرا {قۇرۇق ئىسسىق}،قان{ھۇل ئىسسىق }،بەلغەم {ھۇل سۇغۇق }،سەۋدا{قۇرۇق سۇغۇق }خىلىتلىردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ،بۇ خىلىتلار بىر-بىرىگە تۇپتىن ئۇخشىمايدىۈان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە .خىلىتلار ھاياتلىق جەريانىدا بەدەندە ئۈزلۈكسىز ئىشلىنىپ ،يەنە بەدەنگە سەرىپ قىلىنىپ ،ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ ،ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ .خىلىتلار بىر-بىرىنى تىزگىنلەيدۇ ،تۇلۇقلايدۇ خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى مۇقىم بۇلمايدۇ ،لېكىن ئۇلار ئارىسىدىكى زىدىيەت مۇتلەق بۇلىدۇ .خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بەدەندە ھەر خىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

دېمەك ،ئۇيغۇر تىبابىتى نەزەرىيىسى ئىنسان بەدىندىكى ئىچكى -تاشقى ئامىللارنىڭ بىرلىكى ۋە زىددىيىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ ھاياتلىق جەريانىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى شەرھىلەيدۇ .

ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش پىرىنسىپلىرى تۆت چوڭ ماددا ئاساسىدىكى مىزاج ،خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇلۇپ بۇنىڭدا مىزاجنىڭ خىلىتلىق ۋە خىلىتسىز بۇزۇلىشى ھەن ئۇنى تۇزىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق داۋالاش كۇپرەك تەكىتلىندۇ .
مەنبە:كىلاستىك كىتاپلار


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش