جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 0

ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراق>>قا بولغان چۈشەنچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-30 23:20:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇرلاردا <<ئوت>>نى قوياش،ئادەتتكى كەلگەن ئوتنى قۇياشتىن كەلگەن ماددا دەپ تۇنىغان.ئۇلار ئوت<<قۇياش>>تەبىيەت دۇنياسىدا كەم بولسا بولمايىدىغان چۇڭ ماددا،چۇنكى ئۇ تەبىيەت دۇنياسىغا يۇرۇقلۇق ئاتا قېلىدۇ.تۆت پەسلىنى ۋە كىچە -كۇندۇزنى ھۇجۇتقا كەلتۇرۇپ ،دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جەيلىرىغا ئىسسقلىق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.ئوت تەبىيەت دۇنياسىنى قىزىتىش،جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۈزۈش، پۇشۇرۇش،تەركىبلەرگە ئايرىش،قاتتىق جىسىملارنى ئىرىتىش ،ماددىلارغا رەڭ پەيدا قېلىش ،سۇنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشنى،تۇپراقىنىڭ سۇغۇقلىقنى تەڭشەش قاتارلىق رۇللارنى ئويناپ،دۇنيانى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ،دەپ قارالغان.شۇڭا،ئەجداتلىرىمىزئوتنىڭ  تەبئەت دۇنياسىدىكى مۇھىملىقنى تۇنۇپ يىتىپ ئۇنى مۇقەددەس ئىلاھ دەپ قاراپ ،ناھايتى ئۇزۇن ۋاقتقىچە چۇقۇنۇپ ئوتنى ئۇلۇغلىغان.

ئۇيغۇر ۋە تۈركيى مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان زەردۇشت<<ئاتەشپەرەسلىك>>دىنى،شامان دىننىڭمۇ مۇشۇ قاراشىتىن كىلىپ چىققانلىقى ئىھتىمالغا ناھايتى يېقىن ،ئويغۇرلار قوياشنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئىچىدە تەرتىپلىك دەۋىر قېلىپ،جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ كۈپۈيىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسىسقىلىق بىلەن تەمىن ئىتىدىغانلىقىنى ۋە ئىسسىقلىقلارنىڭ ھەر قايسى ئايلار ۋە پەسىللەردە ئوخىشاشمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقنى بايقىغان.

ئۇلار قۇياش ئىسسقلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆيدۈرۈش ،قۇرۇتۇش،تارتىش،تېپىش ،پۇشۇرۇش،ۋە ھەركەتلەندۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنى ئادەتتىكى ئوتقا ئوىشاتقان ،چۈنكى ئوتمۇ كۆيدۈرىدۇ،ئىسستىدۇ،پۇشۇرىدۇۋە يۇرۇقلۇق چىقرىدۇ،شۇنڭغا ئاساسەن،ئوتنى قوياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى دەپ قاراپ،ئوتنىڭ تەبئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جىسىملار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكنى ،ئۇ باشقا ئۈچ چوڭ ماددا  ھاۋا،سۇ،تۇپراق،دىن يەڭىگل بولۇپ ،ھاۋانىڭ ئۈستىدە پۇتۇن يەر شارىنى قاپلاپ تۇردىغانلىقنى بىلگەن ھەم يەنە ئوتنى قۇرۇق ئىسسىق تەبئەتلىك چۇڭ ماددا دەپ ھىسابلىغان.

ئۇيغۇرلار <<ھاۋا>>   قەدىمقى ئۇيغۇر  يىلىدا <<يەل>>دېيلىدۇ.ئىنسانلارنىڭ نەپەسلىنشكە ئېھتىياجىلىق بۇلغان ماددا ،ھاۋاجانلىقىلارنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.رۇھ ئاتا قىلىدۇ،مۇھىتتىكى بوشلىقىنى تۇلدۇرىدۇ.قۇياشنڭ ياكى ئوتنىڭ سۇغا ۋە تۇپراققا بولىدىغان زىيادە تەسىرنى پەسەيتىدۇ.بارلىق ھاياتلىقلارنىڭ تەبئىي ھالدا نۇرمال ياشىشى ئۈچۈن مۇھىم رۇل ئوينايدۇ،چۈنكى ئىنسانلار ئۇزۇق-تۈلۈكسىز بىر نەچچە كۈن ياشىيالىششى مومكىن،ئەمما ھاۋاسىز بىر نەچچە مىنۇتمۇ ياشىيالمايدۇ،دەپ قارىغان.

ئۇيغۇر تېۋىپلرى گەرچە ھاۋانى كۆزبىلەن كۆرگىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولمسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ كۆپلگەن ئۇششاق ماددىلارنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان چوڭ ماددا ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ھەم يەنە ھاۋانى ئوتتىن ئېغىرراق،سۇدىن يەڭگىلىرەك بولغان چۇڭ ماددا دەپ قاراپ،ئۇنى ئوتنىڭ ئاستىدا ،سۇنىڭ ئۈسىتدە پۇتۇن  يەر شارىنى ئۇراپ تۇرىدۇ،دەپ قارىغان.قەدىمقى ئۇيغۇرلار يەنە ھاۋانىڭ جىسىملارغا گاھى ئىسسىق،گاھى ھۆللۈك ئۆتكۈزۈش تەسىرنىڭ بارلىقنى بايقاپ ،ئۇنى ھۆل  ئىسسىق تەبئەتلىك چۇڭ ماددا دەپ ھىسابلىغان.

ئۇيغۇر تېۋىپلرى سۇنمۇ ئوت، ھاۋاغا ئوخشاش مۇھىم ماددا دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائاليىتى ئۈچۈن سۇ جانلىقلارغا زۇرۇر بۇلغان ماددىلارنى تېگشلىك ئورۇنلارغا يەتكۇزۇپ بېرىش ،كېرەكلىك ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش ،ھەرىكەتلەندۇرۇش ،ئېرىتىش ۋە پارچىلاش ،جىسىملارنى {قۇياش }نىڭ زىيادە قىزدۇرۇپ پارچىلىۋېتىشىدىن ،تۇپراقنىڭ قۇرۇتۇۋېتىشىدىن ساقلاش ،ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھاسىل بۇلغان كېرەكسىز ماددىلارنى ھەر خىل يۇللار بىلەن چىقىرىۋېتىش رۇلى بار ،دەپ قارىغان .ھاياتلىق ئۇچۇن سۇ ھاۋادىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردىغان چوڭ ماددا ،چۇنكى ئادەم تاماق يېمەي بىر ھەپتە ياشىيالىشى مۇمكىن ،بىراق سۇ ئىچمەي بىر نەچچە كۇنمۇ ھايات تۇرالمايدۇ .شۇڭا ،ئۇيغۇر تىۋىپلىرى سۇنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا كەم بۇلسا بۇلمايدىغان زۇرۇر ماددا ئىكەنلىكىنى چۇشەنگەن ھەم سۇنىڭ نەملەش ،سۇۋۇتۇش ،ماددىلارنى ئېرىتىش،ئېقىتىش خۇسۇسىيەتلىرگە قاراپ سۇ بۇلمىسا پۇتۇن كائىناتنىڭ ھالاك بۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئوۇلاپ يەتكەچكە ،ياشاش ئۇچۇن سۇلۇق جايلارنى ئىزدەپ ،دەريا -ئېقىن بۇيلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .سۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھۆل سۇغۇق تەسىربېرىدىغانلىقىنى ،سۇنىڭ ھۆل سۇغۇق تەبىئەتلىك چۇڭ ماددا ئىكەنلىكنى ،سۇنىڭ ھاۋدىن ئېغىرراق ،تۇپىراقتىن يەڭگىلىرەك بۇلىدىغانلىقنى چۇشىنىپ ،سۇنىڭ تەبىئەت دۇنيادسىدىكى ئۇرنى ھاۋنىڭ .اسىتدا،تۇپراقنىڭ ئۈسىتدە تۇرىدۇ،دەپ ھىسابلىغان.

ئۇيغۇر تېۋىپلرى يەرنى<<تۇپراق>>دەپ كۈرسەتكەن ھەم يەنە تۇپىراقنى مۇتلەق ئەڭ ئېغىر ماددا دەپ بېلىپ،ئۇنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز جىسىملارنىڭ شەكىلنى پەيدا  قىلدۇ.سۇپتنى  ساقلايدۇ ۋە بارلىق جانلىقلار تۇپراقىتن  چىقىدىغان ئۇزۇقلىقتىن بەھىرى ئالىدۇ.ئاخىرىدا يەنە تۇپراققا قايتدۇ ھەمدە تۇپراقتىن تەبىئەت دۇنياسىدا سۇنىڭ زىيادە سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشنى ، قۇياشنىڭ زىيادە قىزتىۋېتىشىنى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تەڭشەپ تۇرىدۇ،پۇتكۇل جانلىقلارغا زۇرۇر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يىتەرلىك مىقتداردا ساقلايدۇ.تۇپراقنىڭ يەنە جىسىملارنى پارچىلاش، پىششىقلاش روللىرىمۇ بار،دەپ قارىغان.ئۇيغۇر تېۋپلىرى يەنە تۇپىراقنىڭ رۇلىغا قاراپ ئۇنى <<بارلىق مەجۇداتنىڭ ئانىسى>>دەپ چۇشەنگەن .ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋە كۆپ ساندىكى ماددىي ئەشىياللارنىڭ تۇپىراقىتىن يىتىشىپ چىقىدىغانلىقى ۋە تۇپىراقتا مول ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ساقلىنىدىغانلىقنى ،ھاياتلىق پائالىيتدە سۇ، ھاۋا، تۇپراقنىڭ چۇڭ رول ئوينايدىغانلىقنى ، قوياشنىڭ تەسىرى بىلەن يېتىشىدىغانلىغنى ،شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ئىنسانلار يەردىن چىقىدىغان ئۇزۇقلۇقلارغا تايىنىپ ياشايدىغانلىقنى ۋە تۇپراقنىڭ ئادەم بەدىنىگە قۇرۇق سۇغۇق تەسىر قىلىدىغانلىقنى ،تۇپراقنىڭ قۇرۇق سۇغۇق تەبىئەتلىك ئەڭ ئېغىر چۇڭ ماددا ئىكەنلىكنى بىلگەن .

   دىمەك،ئۇيغۇر تىبابەتچلىكىدە تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چۇڭ تۈۋرىكى، ئەگەر بۇ تۈۋۈرۈكلەرنىڭ  بىرى مەۋجۇت بولمىسا، تەبئىيەت دۇنياسى مەۋجۇت بولالمايدۇ، دەپ قارالغان.بۇنداق چۈشەنچە يالغۇز قەدىمىقى ئۇيغۇر خەلىقىدىلا مەۋجۇت بولماستىن ، يەنە باشقا مىللەت ۋە باشقا مەملىكەت خەلىقلىرىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى.

<<قەدىمىقى كىلاستىك تۇپلاملىرى>>دىن ئېلنىدى.
مەنبە:ئويغۇرتىبابەت تورى



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش