新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 2380|ئىنكاس: 23

ئەلسىھەت ئەپەندىم ۋە مەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟  ئالدى بىلەن ئۇستازىم ئەلسىھەت ئەپەندىنىڭ بۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ ئۇيغۇر تىبابىتىنى تور دۇنياسىدا چاقناتماق بولغىنىغا مەننەتتەرلىقىمنى بىلدۈرىمەن.  قايسى كۈنى ئەلسىھەت بىلوگىدىكى ‹ ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرى قۇرۇلدى› دىگەن تىمىنى كۈرۈپ مۇنبەرگە كىردىم ۋە تىزىملىتىپ ئەزا بولدۇم.  نەچچە كۈن مۇنبەردىكى بىلىملەرنى ئۇقۇپ ئۇستازىمنىڭ مىھنەتسىز ھالدا ئۇيغۇر تىبابىتىگە تۆھپە قۇشۇش روھىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم.
مۇنبەرنى شۇنچە ئىزلىسەممۇ ئۇستازىم توغرىسىدا بىرەر چۈشەنچە تاپالمدىم. ئۇستازىم ئۈزنى تۇنۇشتۇرۇشنى خالىمدىمۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ۋە ياكى ۋاقىت چىقىرالمدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. لىكىن ئۇستازىمنى بىر تۇنۇشتۇرۇشنى توغرا تاپتىم.
ئۇستازىم يەنى مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئەلسىھەت ئەپەندىم شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنى 2008 - يىلى پۈتتۈرگەندىن كىيىن قارىقاش ناھىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن بۇلۇپ 2011-يىلى 8 - ئايدا ئىشنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتقان.
دەسلەپ ئۇستازىمنى كۆرگەن ۋاختىمدا بىز بىر ئايلىق پاراكتىكىغا چىققان ۋاختىمىز بۇلۇپ ئۇستازىمنىڭ خىزمەتكە قاتناشقىنىغا 2 يىل بولغان ئىكەن. بۈلۈم مەسئۇلىنىڭ ئۇرۇللاشتۇرىشى بىلەن مەن شاگىرىت، ئەلسىھەت ئەپەندىم ئۇستاز بولۇپ قالدى.
ياش پەرىقىمىز چوڭ بولمىغاچقىمۇ ياكى بۈلۈم بۇيىچە ئەڭ ياش دوختۇر ئەلسىھەت ئەپەندىم بولغاچقىمۇ ئېيتاۋۇر تازا قايىل بولمىغان ئىدىم.  لىكىن بىر مەزگىل ئىشلەش ئارقىلىق شۇنى ھىس قىلدىمكى ئۇستازىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئۈزلىكسىز تىرىشىشى ۋە بىلگىنىنى باشقىلاردىن ئايىماسلىق ئىكەن.
ئايلىق پاراكتىكام توشقاندىن كىيىن تەلەپ قىلىپ يەنە شۇ دوختۇرخاندا تۇردۇم. يەنە شۇ ئۇستامغا قىيماي 6 ئاي كەينىدىن يۇردۈم. 1 يىل ياتاق قوشنىسى بۇلۇپ ئۆتتىم. بۇ جەرياندا ئۇ ماڭا قانداق قىلغاندا بىر ئادەمدەك يەنى ياخشى بىر ئادەمدەك ياشاشنى ئۈگەتتى. يەنە تېخى تەلەپنى قاتتىق قۇيۇپ تىبابەت بىلىملىردىمۇ خېلىلا سەۋيەم ئۆستى.  
ئۇستازىم ئەزەلدىن ئەستائىدىل بۇلۇپ نۇقۇل دورىغا تايىنىشنى تازا توغرا تاپمايدۇ. بىرقىسىم ئاددى بولغان كىسەللىكلەرگە يىمەك ئىچمەك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
تۇمۇر تۇتۇش، كىسەلگە دىئاگۇنۇز قۇيۇش، دورا بۇرۇشلىردىن تارتىپ ناھايتى ئەتىراپلىق ئويلىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىسلەتلىرنى بايقىغان بىرنەچچە ئۇرۇن يۇقۇرى تەمىنات بىلەن كىسەل كۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئۇ رەت قىلدى.
ئۇنىڭ قەنىت سىيىش كىسىلى توغرىسىدىكى بايانلىرنى كۈرۋېتىپ كۈزۈمگە ياش كەلدى. چۈنكى بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.  بۇ داۋالاش لاھىيسى ئاستىدا مىنىڭ كۈزۈم كۈرۈپ 2 قەنىت سىيىش كىسىلى بىمارى ياخشىلانغان. لىكىن ئۇ قانداقتۇر بۇ نەتىجىنى سىرلىق مەخپى ئۇسۇل قاتارىدا ئەمەس بەلكىم ئاددىيلا ئۇسۇل دەپ قارىغان. باشقا ئادەملەر بولسا ئىدى ‹مەندە شۇنداق بىر مەخپى رىستىپ باركى قەنىت سىيىش كىسىلىنى **** قىلىپ ساقايتىۋىتىدۇ....› دىگەندەك بايانلارنى قىلىپ ئوتۇرغا چىقارغان بۇلاتتى.  بۇلام ئەمەس ئۇ سىناقتىن ئۆتكىزگەن نۇرغۇن نۇسقىلارنى ئاشكارلىغاندا ئۇنىڭدىن ‹ بىرەر نۇسقىنى بولسىمۇ مەخپى ساقلاڭ› دىسەم ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ‹ ئۇيغۇر تىبابىتى شۇڭا تەرەققى قىلمىغان. ئويلاپ باققىن مەن قاچان ئۈلۈپ كىتەمەن؟ ئۈلۈپ كەتكىچە بايقىغنىمنى باشقىلارغا دىمىسەم ئۇ مەن بىلەن گۆرگە بېرىپ ئۈلۈكلەرنى داۋالامدۇ؟› دەيتى.
قىسقىسى مەن بۇ ئۇستازىمنىڭ قاتتىق تەربىلىشى نەتىجىسىدە ئۇقۇش پۈتتىرىپلا ئىشقا ئۇرۇنلىشىپ كەتتىم. مەندىن باشقىمۇ ئۇستازىمنىڭ ئالدى كەينى بۇلۇپ قىسقىغىنە 3.5يىلدا 12 شاگىرت تەربىلىگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 1 شاگىرتى مەن بىلەن خىزمەتداش. ھەرقېتىم ئۇستامنىڭ گىپى بولسا ئىككىمىز بەس بەستە ماختىساق ئىشخاندىكى باشقىلارمۇ ئۇستامنى بىر كۈرۈشنى ئىنتىزار بوپ كىتىدۇ.
ئۇستام توغرىسىدا توختالسام گىپىم تۈگىمەيدىغۇ دەيمەن. يەنىلا ئۇستازىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ بۇ يازمنى ئاخىرلاشتۇراي.
ئۇستام سىزگە شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى بىلوگىڭىز ۋە بۇ مۇنبەردە ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇقۇرمەن قالسا شۇ دەل مەن. سىزنىڭ ئىسىل خىسلىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئۆز جىسمىمدا جارى قىلدۇرىمەن.


ۋاقتى: 2012-5-1 01:52:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئىنىم ئاخىرى قەدىمىڭىز يىتىپتۇ ھە بۇ غېرىپ كۈلبەمگە


ۋاقتى: 2012-5-3 21:32:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇزى بوپ قالغۇسى .


ۋاقتى: 2012-5-4 18:00:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىباھا يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 21:32
بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تور دۇنياسىدىكى چا ...


ياخشى تىما  بۇپتۇ بىزمۇ بۇتوغراسىدا تىما يېزىشنى ئويلىشىپ باقماپتۇق كۆپنىڭ ئەقلى ئەلۋەتتە كۆپچە بۇلىدۇ ، سىزگە بىر تەكلىپىم سىز گە شۇ ئۇستازىڭىز ئۈگەتكەن ھۈنەرلەردىن ئانچەمۇنچە قالدۇرۇپ قويسىڭىز ھەممىمىز ئورتاق پايدىلانساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.  رەخمەت........


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-4 22:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 18:00
ياخشى تىما  بۇپتۇ بىزمۇ بۇتوغراسىدا تىما يېزىشنى ئويل ...

ئەلۋەتتە  يوللايمەن. ئالىم ئەپەندىم لىكىن سىز بۇ مۆھتىرەم ئۇستازىمنىڭ ئاغنىسى شۇنداقلا ساۋاقدېشىغۇ دەيمەن. سىزمۇ بولسا مەكتەپتىكى ئەھىۋالنى بىر يېزىپ قويسىڭىز ئۇستازىمىزنىڭ. مەكتەپتىكى ھاياتى توغرىلىق كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەنمەن. پەقەت سىزنىڭ گىپىڭىزنى كۆپ قىلاتتى.  شۇڭا مەكتىپتىكى ئۈگىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر قالدۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.


ۋاقتى: 2012-5-10 20:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 22:08
ئەلۋەتتە  يوللايمەن. ئالىم ئەپەندىم لىكىن سىز بۇ مۆھت ...


مەكتەپتىكى ئەھۋالى ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، شۇنداق بولمىسا بۈگۈنكى بۇسورۇن مۇ بولمىغان بۇلاتتى، ئەلۋەتتە تىرىشچانلىقىغا گەپ كەتمەيتى ،ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان، ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىغا خاس يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دوستۇم ئۇمىنىڭ.  ئەمدى ئۇنۇڭدىنمۇ بەك ماختاپ كەتمەي، تىرىك ئادەمنى بەك ماختاشمۇ ياخشى ئەمەس، قالغىنىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن  گەپلىرىمىزنىڭ راس يالغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ، دىگەنلەرنى ئىسپاتلاپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،  رەھمەت........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-10 21:03  



ۋاقتى: 2012-8-9 13:55:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم . قۇرغۇچىلارنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر !


ۋاقتى: 2012-11-15 23:37:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ ئەلسېھەت مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىم نەچچە ھەسسە ئاشتى.ئەلسېھەت مۇئەللىم.سىزگە ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۈزۈن ئۆمۈر،ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك تىلەيمەن.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.بىلىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز ئۇستاز.


ۋاقتى: 2012-11-16 10:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىۋىبە يوللىغان ۋاقتى  2012-11-15 23:37
بۇنى كۆرۈپ ئەلسېھەت مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىم نەچچە  ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


ۋاقتى: 2012-11-16 10:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمىيلك ۋە تىرىشچانلىق  سىزگە  مەڭگۈ  ھەمرا  بولغاي  ئەلسىھەت ئەپەندىم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش