新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 235|ئىنكاس: 0

دانچە ياسالمىسى تەركىبىدىكى يىلىم تۇردىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 16:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دانچە ياسالمىسى تەركىبىدىكى يىلىم  تۇردىكى دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىش توغىرسىدا ئويلىغانلىرىم
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر

قىسقىچەمەزمۇنى:بۇماقالىدە ئۇيغۇر تىبابەت –دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كەلگەن دانچە ياسالمىسى تەركىبدىكى يىلىم تۈردىكى دورىلانى  تەييارلاشتىكى بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىىرى توغىرسىدىكى كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: دانچە ياسالمىسى يىلىم  دورىلار ،بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى .
ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش ئىشلىرنىڭ تەرەققي قىلىش راۋاجلىنىشى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشى ئارقىسىدا داۋالاش–دورىگەرلىك ئشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ياسالما تەييارلاش جەريانىدا بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەر سەۋەبىدىن دوراسۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تۈۋەنلەپ تۈرلۇك ئەھۋللار يۇز بىرىۋاتىدۇ .ھازىرقى دەۋىرگە كەلگەندە پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققي قىلغان بولسىمۇ ئەمما كورىنەرلىك نەتيجىلەر قولغا كەلمىدى
بىزلەر ۋە باشقلار بۇ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلىقئاراغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئلغار پەن –تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇنۈمى يۇقۇرى ئىشەنچىلىك ،كۆركەم بولغان دورا تەييارلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئىشلىرى ئۇچۇن يول  ئېچىلىشقا  يول  تېپىش كىرەك.
شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتى ياسالمىسى بولغان دانچە ياسالمىسنى تەييارلشتىكى يىتەرسىزلىك ۋە كۆرۇلگەن مەسىللەرنى بىرتەرەپ قىلىش توغىرسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
دانچە ياسالمىسى :تەييارلانغان خام دورا ماتىرياللارنى قاينىتىپ جەۋھىرى ئېلىنغاندىن كېيىن
نۇرمال بېسىم ۋە نۇرمال تىمپىراتۇرا ئاستىدا قۇيۇلدۇرۇپ قىيام ھالەتكە كەلگەندە شىكەر پاراشۇكى ئارقىلىق يۇغۇرۇپ چىقىرلغان دانچە ياسالمىسىدىن ئىبارەت
دانچە ياسالمىسى بىر كىلوگىرام دورا جەۋھىرىگە 5-6 كىلوگىرامغىچە شىكەر پاراشۇكى سېلىپ يۇغۇرۇپ دانچىلاش ماشىنىسى ئارقىلىق دانچىلاپ قۇرتۇش ئۈسكۇنىلىرىدە قۇرۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ .بۇدورىنى دانچىلاش جەريانىدا%95لىك ئسپىرىت پۈركەپ تۇرۇش ئارقىلىق دانچە چىقىرىلىدۇ
تۈۋەندە بۇ دورىنى تەييارلاشتىكى يىتەرسىزلىكلەر توغىرسىدا توختالماقچىمەن
بەزى بىر دانچە ياسالمىسىغا يىلىم  تۇردىكى دورىلارمۇ رىتىسىپ تەركىبىگە چۇشكەچكە دورىنىڭ ئىرىشچانلىقى ۋە سۈپتىگە  ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇسەۋەپتىن بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەر ساقلىنىۋاتىدۇ.      
مەسىلەن1)دانچە تەركىبىگەيىلىم تۇردىكى دورىلارنى ئىزىپ دورا جەۋھىرىگە قوشقاندا دورىنىڭ تەسىرى تۈۋەنلەپ كېتىدۇ.يىلىم كاللاكلىشۋېلىش نەتىجىسىدە دۇرىدا ئىرىمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،
(2)بۇتۈردىكى دورىلارنى يىلىم دۇرىلارنى قاينىتىش ئارقىلىق جەۋھەرنى ئىلىش تەس بولۇپ دۇرىغا بىۋاستە سالغاندادورنىڭ سان ۋە سۈپەت تۈرلۈك نۇرمالىسزلىق ئەھۋالىىرى كۈرلىدۇ.
(3)دانچە دورىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا توغىرا كەلگەندە دورا تەركىبى قۇرۇتلاش ئەھۋاللىرى يۇزبىرىپ دورىنىڭ تەسىرىگەۋە سۈپىتىگە تەسىر يىتىۋاتىدۇ.
مەسىلەن:بادام جەۋھىرى ،سەرپىستان جەۋھىرى ،چىلغوزا جەۋھىرى قاتارلىقلار....
دانچە ياسالمىسى تەركىبىدىكى مېغىز دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىش قەدەم باسقۇچى ۋە ئۇسۇللىرى .
(1)مېغىز تۇردىكى دورىلارنى قاينىتىش ئارقىلىق قۇۋۋىتىنى ئاجىرتىپ ئېلىش ئۇسۇلى:
بۇئۇسۇل قەدىمى ئۇسۇل بۇلۇپ قەدەم باسقۇچلىرى ئاددى مەشخۇلاتى ئاسان بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى .بۇ ئۇسۇلدا مېغىز تۇردىكى دورىلارنى مېغىز ئىزىش ماشنىسى ئارقىلىق ئىزىپ تەييارلانغاندىن كېيېن قاينىتىپ قۇۋۋىتنى ئاجىرتىپ ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاجىرتىش قازىنىدا قاينىتىپ ئېلىپ ئىلىغان دورا سۇيىنى قۇيۇلدۇرۇپ ئاخىرىدا دورا جەۋھىرىگە قېتىپ دانچە چىقىرلىدۇ.بۇ ئۇسۇل بىخەتەر بولغان ئۇسۇللاردىن ئىبارەت.

(2)مېيىنى چىقىرىش ئارقىلىق تەييارلاش ئۇسۇلى :
مېغىز تۇر دىكى دورىلارنى ياغ چىقىرىىش ئۇسكىنىسىدە ياغ چىقىرىپ ياغنى قاينىتىپ ئېلىنغان دورىغا بىۋاستە قوشۇپ قۇيۇلدۇرۇپ جەۋھىرى ئېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن دانچە چىقىرلىدۇ بۇئۇسۇلمۇ قوللىنىشقا بولىدىغان ئاددي بولغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلدا تەييارلانغان دورا ئۇنۇمىگە كاپالەتلىك قېلغىلى بۇلىدۇ.
(3)تەتۇر ئاققۇزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاجىرتىپ ئېلىش ئۇسۇلى:
بۇ ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بولغان مېغىز تۇردىكى دورىلارنى قۇرۇلمىغا سالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق ئىرىتكۇچى قوشۇپ نۇرمال بېسىم ۋە نۇرمال تىمپىراتۇرا ئاستىدا قاينىتىپ جەۋھىرى ئېلىنىپ دورا سۇيۇقلىقىغا قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
بۇخىل ئۇسۇل بىر قەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ ئەمما ئۇنۇم،سۇپەت جەھەتلەردە تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بۇلىدۇ.
(4)خېمىيىلىك ئىرىتكۇچىلەر ئارقىلىق ئاجىرتىپ ئېلىش ئۇسۇلى:
بۇ ئۇسۇلدا مېغىز تۇردىكى دورىلارنى چالا سوقۇپ قۇرۇلمىغا سالغاندىن كېيىن ئۈستىگە     %95لىك ئىسپىرىت ياكى خىلىروبىروم قۇيۇپ سۇس ئوتتا ۋە تۇۋەن بېسىمدا قاينىتىپ قۇۋۋىتى ئاجىرتىلىپ ئېلنىدۇ.
بۇ ئۇسۇل مۇرەككەپ بولغان ئۇسۇل بۇلۇپ ئەمما مېغىز دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاختى قىسقا ئىشەنچىلىك دورا سۇپىتىنى ،ئۇنۇمىنى يۇقۇرى كۈتەرگىلى بۇلىدىغان بىردىن بىر ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ.
.        دىمەك:دانچە ياسالمىسى تەركىبىدىكى مېغىز دورىلارنى ياخشى لايىقلاشتۇرالماسلىق ياخشى بىر تەرەپ قىلالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يۇقاردىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دورا ئۇنۇمىنى ،سۇپىتىنى ۋە ساقلىنىش ۋاختىنى ئۇزاتقىلى بۇلىدۇ. شۇنداقلا دورىگەرلىك ئشلىرىدىكى بەزبىر يىتەرسىىزلىكلەر تۇزۇتۇلۈپ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى ئۇنۇمىگە ئرىشكىلى بۇلىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1)«دوراسازلىق ئىلمى» .قەييۇم مەتشىرەپ، يۇسۇپ ئەخمەت 2000-يىل 12-ئاي نەشىرى
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالي تېخنىكومى سىناق دەرەسلىكى.
2)«دورىگەرلىك خېمىيسى» مۇختەر نۇرمەمەت 2000-يىل 12-ئاي نەشىرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالي تېخنىكومى سىناق دەرىسلىكى.
3)«ئۇيغۇر تىبابەت –دورىگەرلىگى» رۇقىيەم سادىق.1988-يىل 1-نەشىرى
قەشقەر خەلىق نەشىرياتى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش