新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 0

چايانىنڭ شىپالىق تەسىرلىرى تۇغىرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 15:57:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
چايانىنڭ شىپالىق تەسىرلىرى تۇغىرىسىدا
چايان ئامبۇرسىمان سېرىق ئىشەك  ئائىلىسىدىكى ھايۋاناتنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن تىنىدىن ئىبارەت. ئۇ زەھەرلىك بولۇپ پۈتۈن تېنى دورا سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
تەبئەت جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسق بولۇپ ئاساسلىق تەسىرلىرى بولسا ئاغرىق قالدۇرۇش، چۆچىشتىن بولىدىغان تارتىشىپ قېلىشنى يوقۇتۇش، ئېغىز ۋە كۆز قىيسىيىپ قېلىش، ھەرخىل چاقا- جاراھەت، بەزگەك، قاتما، سەكتىدىن بولىدىغان يېرىم پارالىچ، يۈز پارالىچى، قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى، رېماتىزىم، چوڭ- كىچىك مۆچىلەر ئاغرىقى، بۆرەك ۋە دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇش، بوۋاسىر، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ئەمچەك راكى ئۈچۈنمۇ ئوبدان شىپا بولىدۇ.چايانىنڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا چايان زەھىرى،ترىمېتلامىن ،بېتائىن ،يۇمشاق ماي كىسلاتاسى ، قاتتىق ماي كىسلاتاسى، ئامىنۇ كىسلاتا تۇزلىرى بار.
چايانىنى يەككە ھالدا ئىستمال قىلىشقا بولمايدۇ. چايان تەركبدىكى زەھەرلىك تەركىپ بولسا دۇرىلىق سۈپىتدە كەڭ كۈلەمدە ئىشلتىپ كىلىنمەكتە.
بۇ دۇرا ئاساسلىقى يەرلىك ئۇرۇندىكى كىسەللىك ماددىلىرنى قۇزغىتىپ بەدەندە شەكللەنمەكچى بولغان تۈرلۈك ئۈسمە ۋە كىسەللىك ئەھۋاللىرنى كۈرنەرلىك ياخشىلاپ ئورگانىزىمنىڭ نۇرماك بولغان فىزىئۇلوگىيلىك پائالىيەتلەرنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.بۇ دۇرا تەركىبدىكى خمىيلىك ماددىلار ئادەم بەدىندە ئۆزىنىڭ ماددى تەسىرلىرنى كۈرستىش ئارقىلىق يەرلىك ئۇرۇنغا بېرىلىپ يەرلىك ئۇرۇندا تۇرۇپ قالغان تۈرلۈك كىسەللىك ماددىلىرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇرگانىزىمدا نۇرمال بولغان فىزىئۇلۇگىيلىك پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرلشى ئارقىسدا مىتابولىزىم پائالىتيى ئەسلىگە كەلتۈرلىدۇ.ھەمدە يەرلىك ئۇرۇندا پەيدا بۇلغان بىر نۇرمال تۇقۇلمىلارنىڭ ئەسىلىگە كىلشى تىزلىشىپ يەرلىك ئۇرۇنىڭ قان،ئوكسىگىن ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنىلىشنى كاپالەتگە ئىگە قىلنىدۇ.بۇ دۇرا ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى يەلدىن بولغان ئۆسمە ۋە راك قاتارلىق بىر قاتار خەتەرلىك بولغان كىسەللىكلەرگە كۆپرەك ئىشلتىلدۇ.بۇ دۇرا كانالچە ئەزالارداھاسىل بولغان تاشلارنى پارچىلاش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشىلاش خوسۇسىىيتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.بۇ دۇرىلارنى تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۈرنەرلىك بولىدۇ.
قولاق ئاستى بېزى ياللۇغىدا چاياننى كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ كۈنىگە 2 قېتىم، بىر دانىدىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.
چايان ۋە سەكسەن پۇت بىر دانىدىن، دورىلىق ئەڭلىك ئوت 10gدىن ئېلىپ سارغايغىچە قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ كۈنىدە 2 قېتىم g6 دىن ئىستىمال قىلىپ بەرسە يارتا پاراللىچ، تىلى تۇتۇلۇش، ئېغىز مايماقلىشىش كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ.
كۆيدۈرۈلگەن چايان كۈلىدىن g3 ئېلىپ ml 30 زەيتۇن يېغىغا ئاراشتۇرۇپ، سىرتىدىن ئىشلىتىپ بەرسە چاچ چۈشۈشنى توسۇپ چاچ ئۆستۈرىدۇ.
رەۋەن، سەئىدى كوفى، جىنتىيانا، بىخ كەبىرلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چالا سوقۇپ كۇنجۈت يېغىغا چىلاپ 10 كۈن تومۇز ئاپتاپقا سېلىپ ئاندىن ئۇنىڭغا تىرىك چاياندىن 10 دانە سېلىپ 7 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ سىرتتىن ئىشلىتىپ  بەرسە پاراللىچ، لەقۋا، يانپاش ئاغرىقى ۋە چوڭ كىچىك مۆچىلەر ئاغرىقى ئۈچۈن شىپا بولىدۇ، ھەمدە بوۋاسىر ئۆسمىسىنى چۈشۈرىدۇ.
كاكىنەچ، نىلۇفەر، كاسىنە، ئىت ئۈزۈمى، بىنەپشە، پىرسىياۋشان g25 دىن، چايان g10 ئېلىپ ml500 شەربەت تەييارلاپ كۈندە 3 قېتىم ml100~50 ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، سىيگەندە ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يوقىتىدۇ.
زەنجىۋىل، پىلپىل، خولىنجان، قارىمۇچ، جىنتىيانا g6، كاكىنەچ g20، چاياندىن g10 ئېلىپ قۇندۇز قەھرى g10 ئېلىپ مەجۈن تەييارلاپ كۈندە 2 قېتىم g 9 دىن ئىستىمال قىلسا بۆرەك ۋە سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشلارنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈك يوللىرىدىكى ھەرخىل جاراھەت ۋە ياللۇغلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.
چاققان چاياننىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ تىنىنى يېرىپ چايان چاققان ئورۇنغا تاڭسا زەھرىنى قايتۇرىدۇ (تەجىربىدىن ئۆتكەن)، ياكى ھاك بىلەن ئۈژمە يوپۇرمىقىنى ئىزىپ قوي يېغى بىلەن ئالاشتۇرۇپ چايان چاققان جايغا چاپسا شىپا بولىدۇ.
چايان g1.5، سازاڭ g3، بىخ سۇس g1.5 ئېلىپ كۈندە 2 قېتىم g3 دىن ئىستىمال قىلسا باشنى يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە) گە شىپا بولىدۇ.
چوڭ- كىچىك بوغۇملار ئاغىرش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە
يارتا پالەچ، تىلى تۇتۇلۇش، ئېغىز مايماقلىشىشتا چايانg6، سەكسەن پۇت بىردانە، دورىلىق ئەڭلىك ئوت g10 ئېلىپ، بۇلارنى سارغايغىچە قورۇپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە 2 قېتىم ھەر قېتىمدا g6 دىن ئىستىمال قىلىنىدۇ، سېرىق ھاراق بىلەن ئىچىلىدۇ.
كانالچە ئەزالاردىكى تاشلارنى ئىزىپ چىقىرىش ئۈچۈن، تومۇز كۈنلىرى چاياننى شىيشىگە سېلىپ ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ قۇۋۋىتى مايغا چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ تاشنى ئىرىتكۈچى مۇناسىپ دورىلار بىلەن ئىچىلىدۇ(مۇجەررەپ).
قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغىدا چاياننى كۈنجۈت يېغىدا قورۇپ كۈنىگە 2 قېتىم 10 دانىدىن 2 قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.
دوۋسۇن ۋە بۆرەكتىكى تاشلارنى پارچىلاشتا راۋانلاشتۇرۇش، مەزى بېزى ياللۇغىدا مەجۇنى ئەقرەپ بېرىلىدۇ. تەركىبى: چايان g10، جىنتىيانا g5، زەنجىۋىل g3، پىلپىل، قارىمۇچ g6، كاكىنەچ g17، قۇندۇز قەھرى g12(نۆۋەتتە شىپاخانىمىزدا ئىشلىتىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى) يۇقىرقى دورىلارنى قائىدە بويىچە مەجۈن قىلىپ كۈنىگە 2 قېتىمدىن g4 گىرامدىن ئىستىمال قىلىدۇ. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىقىدا چايان g1.5 ، سازاڭ g3، بىخسۇس g1.5 ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈندە 2 قېتىم g3 ئىستىمال قىلىنىدۇ.
چاچ ئۈندۈرۈش، چاچ كۆپ چۈشۈشنى توسۇشقا كويدۈرۈلگەن چايان كۈلىدىن g3 ئېلىپ  ml30 زەيتۇن يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.
پالەچ، لەقۋا، چوڭ- كىچىك بوغۇملار ئاغرىقى ئۈچۈن، يانپاش ئاغرىقى يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇسۇل ئارقىلىق چايان مېيى تەييارلاپ سىرتىدىن مايلانسا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەمدە بوۋاسىر ئۆسمىسىنىمۇ چۈشۈرىدۇ.
تاش پارچىلاش ئۈچۈن جىنسىي يولغا رەۋغىنى ئەقرەپتىن ئىككى تامچە كىرگۈزۈپ، دوۋسۇن ساھەسى ئىسسىق سۇ بىلەن سىلاپ يۇيىلىدۇ. رەۋغىنى ئەقرەپتىن تەركىبى رەۋەن، سەئىدى كوفى، جىنتىيانا، بىخ كەبىر g120 دىن ، ئاچچىق بادام يېغى ml280.( دورا تالقانلىرىنى مايغا ئارلاشتۇرۇپ 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلغان دىن كېيىن ئۇنىڭغا تىرىك چاياندىن 10 دانە سېلىپ يەنە 7 كۈن تۇرغۇزىلىپ تەييارلىنىدۇ.)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1)        چايان كىسلاتاسىدىكى ناتىرىلىق تۇز بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىش ياكى ئىشلەتمەسلىگى كېرەك.
2)        چاياننىڭ زەھرى قۇيرىقىدا بولغاچقا دورىلىق خۇسۇسىيىتى جەھەتتە پۈتۈن تېنىدىن قۇيرۇقى كۈچلۈك دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بەزى جىددى كېسەللەردە بولۇپمۇ قاتما، جىددى چۈچۈشتىن بولغان تارتىشىپ قېلىش، تارتىشىپ قېلىش كېسەللىرىنى داۋالاشتا قۇيرىقىنى ئىشلىتىشنى، سەكتىدىن بولغان يارتا پالەچلەرنى داۋالاشتا پۈتۈن تېنىنى ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
3)        تىنى ئاجىزلار ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.
4)        چايان چېقىۋالغانلارغا توسالغۇنى ئاچىدىغان نەرسىلەرنى بەرمەسلىك كېرەك.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈشتىدىن g3~0.5
تۈزەتكۈچىسى: گىلى ئەرمىنى، چىڭسەي ئۇرۇقى ۋە پىياز سۈيى g80 بىرىلىدۇ.
زەرىرى: ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش