新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 423|ئىنكاس: 0

فىرانسىيەلىك ئانىنىڭ بالا تەربىيەلەش پاراسىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 00:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قىزى دۇنياغا كىلىشتىن ئىلگىرى ،دىروكمان فىرانسىيەلىكلەرنىڭ  بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا زادىلا دىققەت قىلىپ باقمىغان ئىدى.دىروكما پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان بولسىمۇ ،بىراق ئۆز قىزىنىڭ قارىماققا بىكار يۈر گەندەك ئەركىن كۆرۈنىدىغان فىرانسىيەلىك ئاتا -ئانىلاردەك ھەركىتى قېلىپلاشقان ،تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدى-دە ،دەل مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاپ ،ئاندىن فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بالا تەربىيەلەش سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشتى.                                                     
         بالىنى قولغا ئېلىپ بەزلەشتىن ئىلگىرى ((ۋاقىتلىق توختىۋېلىش)) :
          بوۋاق بالىنىڭ ئۇخلاش مەسىلىسى يېڭى ئاتا-ئانا بولغانلار ئۈچۈن ،ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان بىر ئىش بولۇپ ،بالا كىچىدە تىنماي يىغلاپ ،غەلۋە قىلىپ ،ئاتا-ئانىسىنى تازا قىينايدۇ.دىروكما شۇنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغانكى ،فىرانسىيەلىك بالىلار ئاساسى جەھەتتىن 3~4ئايلىق بولغاندىن تارتىپلا ئاخشىمى بىر ئۇخلىغانچە ئەتىسى ئەتتىگەندىلا ئاندىن ئويغىندىكەن .
        دىروكمان نيويۇركقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ,بىر فىرانسۇز دۇختۇرنى زىيارەت قىلىپ 。بۇنىڭ سىرىنى ئاچقان.بۇيەردىكى ئەپچىل چارەشۇكى--بالىنىڭ يىغىسى بىلەن ئاتا-ئانىنڭ ئورنىدىن قوپۇپ كېلىپلا بالىنى دەرھال قولىغا ئالمايدىكەن.
       بۇنداق ۋاقىتلىق توختاش ھەركىتىنىڭ سەۋەبى شۇكى،بالىنىڭ يىغىسى قورسىقى ئاچقانلىقتىن،سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇروش زۆيۈرىيىتىدىن ياكى باشقىلار كىلىپ مىنى قولغائالسۇن،دېگەنلىكتىن بولىشى ناتايىن.بۇ ئۇنىڭ ئۇيقۇلۇقتىكى بىر ھەركىتى ياكى چىقارغان بىر ئاۋازى بولۇشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.بۇنداق چاغدا،ئاتا-ئانا بولغۇچىلار دەرھال بالىنى قولىغا ئېلىپ بەزلىسە ياكى باشقا ھەركەتلەرنى قىلسا،بالىنى چۆچىتىپ ئويغىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.بۇنىڭ توغرا ئۇسۇلى مۇنداق ئىكەن:ئاتا-ئانا بالىنى بىر نەچچە مىنۇت ئەتراپىدا يىغلىتىشى،شۇنداقلا بالىنىڭ زادى ئۇيقۇلوق يېتىپ يىغلىغانلىقى ياكى راسلا بىر زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن يىغلىغانلىقىنى كۆڭۈل قۇيوپ ئىنچىكە كۆزىتىشى لازىم.ئەگەر بۇ ئۇيقولۇقتىكى ئىش بولسا ،بالىنىڭ داۋاملىق يىغلىشىغا ھەم ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا  يول قويۇش لازىم.
      كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشىدىكى مۇھىم بىر دەرىس:كۈتۈپ تۇرۇشنى ئۆگونىۋېلىش
      قىزىنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم سىرتقا ساياھەتكە چىقىش سەپىرىدە .دىروكمان يەنە شۇنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىكى،ساقلا ۋېرىپ تاقىتى- تاق بولغان قىزى شىرەگە ئۆمىلەپ چىقىپ،ئۆمىلەپ چۈشۈپ.پۈتۈن داستىخاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەن ۋاقىتتا،بىر ياندىكى فىرانسىيەلىك بالا تاماقنىڭ چىقىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇراتتى،ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز گەپلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى.
      فىرانسىيەلىك دوسلانى ۋە بالا تەربىيەلەش مۇتەخەسىسلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ،ئۇ فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بالىلارنى سەۋىرچانلىق جەھەتتە تەربىلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ،ھەمىشە ئۇلارنى مەقسەتلىك كۈتۈپ تۇروش ھالىتىدە تۇرغۇزوپ قويىدىغانلىقىنى بايقىدى.بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي،فىرانسىيەلىك ئاتا-ئانىلار يىغلاۋاتقان بالىلانى قۇچىقىغا ئالغان چاغدىمۇ مەقسەتلىك 5~6مىنۇت كۈتۈپ تۇرۇپ ،بالىنى كۈتۈپ تۇرۇشغا كۆندۈردىكەن.
      بالىلار ئولتۇرۇشنى بىلگەندىن تارتىپ ،ئانىلار ھەرشەنبە كۈنى بالىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تورت پىشۇردىكەن.فىرانسىيەدە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن لاھىلەنگەن بىرخىل قېتىق ئارلاش تورت بار بولۇپ بالىلار بىكار بولغان قېتىق قاچىسىنى ئۆلچەم ماتىريالى قىلىپ ،ئۆزى تورت ياسايدىكەن،مۇشۇ ئارقىلىق بالىلار بۇنىڭ دىن ئۆزىنى تىزگىللەشنى ،قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش قىلىشنى ئۆگىنىدىكەن.ئەلۋەتتە ،تورت پىشقاندىن كىيىن ،ئانىلار ئۇنى چۈشتىن كېيىنكى چاي ۋاقتىدا ئاندىن بالىغا يېەغزىدىكەن،بالىلار مۇ دەل مانا مۇشۇ بىر مەزگىللىك ۋاقىت ئارلىق كۈتۈپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدىكەن.
       كىچىكىدىن باشلان مانا مۇشۇنداق كۈتۈپ تۇرۇوش تەربىيەسىنى ئالغان فىرانسىيەلىك بالىلارتېخىمۇ ئەقىللىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولىدىكەن.ئۆزى ئالماقچى بولغان نەرسىگە دەرھال ئىگە بولمىغىنى ئۈچۈن ۋارقىراپ ،غەلۋە قىلدىغان بالىلار ناھايىتى ئازئىكەن.
       ئۆز تۇرمۇشىنى قۇربان قىلىش ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس
        فىرانسىيەلىك ئانىلارنىڭ بالا تەربىيسى جەھەتتە ئالاھىدە ئۇسۇللىرى بۇلۇپلا قالماي ،بەلكى يەنە بالىلار غا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئۆز تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ.ئانا بۇلۇش داۋاملىق تۈردە جەزبىدار ئايال بولۇشىغا توسالغۇ بولمايدۇ.
        فىرانسىيەلىك ئانىلار ئۆز باللىرىنى يەسلىگە ئاپىرىپ بىرىپ ،ئۆزىگە كۈيۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئاسراشقا ئازراق ۋاقىت قالدۇرىدۇ.
       اىرانسىيەلىك ئانىلار بالىللىرىنى يۇقىرغا ئۆمىلەپ چىقىپ ،يەنە ئۇ يەردىن ئۆمىلەپ چۈشۈشكە قويوپ بېرىپ،ئۆزلىرى چەتتە دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ.فىرانسىيەلىك ئانىلارنىڭ قارشىچە ،بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئوينىشىغا قويۇپ بەرگەندە ،ئۆزلىرىگە ئەركىن ۋاقىت ئاجراتقىلى بولۇپلا قالماي ،ئەڭ مۇھىمى بالىلارنى مۇستەقىل ئىش قىلىشقا ئۆگەتكىلى بولىدىكەن،بالىلارغا ئازراق شەخسى ئىمكانىيەت قالدۇرۇش ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.
مەنبە : ئىز تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش