جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 0

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان سىتۇدېنت قىزنىڭ لېكسىيەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 00:17:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
جىنسىيەت تورى ئالبىننى يازمىسى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئۇچىسىغا قىسقا قارا يوپكا، قارا كوپتا كىيگەن بىر قىز جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى يىغىن زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ دەل  جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە، ھازىرغىچە بىردىنبىر ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان قىز، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇلىيە ئىدى. ئۇنىڭ مۆرىسىگە چۈشكەن قاپقارا چاچلىرى، ئېنىقكى بۈدۈر قىلىنغانىدى، قارىماققا ئۇ باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيتتى.
( جۇلىيە، قىز، 1983-يىلى تۇغۇلغان، ۋۇخەندىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 2004-يىلى 4- ئايدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان  ۋە  ئوقۇشتىن چېكىنىشكە نەسھىيەت قىلىنغان، 2005-يىلى، ئۆزلۈكىدىن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنى ئەيدىزدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەن. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى  قايتا سادىر قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ، «ئەيدىز قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» نى نەشىر قىلدۇرغان).
«مەنمۇ ئىلگىرى سىلەر بىلەن ئوخشاش، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد باغلىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم ۋە ئەيدىزنى مەندىن ناھايىتىمۇ يىراق دەپ ئويلايتتىم». بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ كەتتى  ۋە ناھايىتى تىزلا يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى، « مەن بىلمەسلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ خاتالىقىمنى يەنە تەكرارلاپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» .
ئىككى يىل بۇرۇن، جۇلىيا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان چاغدا، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ئەلاچى قىز ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇ ئوغۇل بالىدىن يۇقۇملانغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى باشلىدى.
بۇ ھېكايە ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلانغانىدى، بۇ ھىكايىنى ئۇ ھازىرغىچە 20 نەچچە ئالىي مەكتەپتە سۆزلىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. « مەن ئاخشىمى يېتىشتىن قورقىمەن، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىشتىن، ئىككىنچى كۈنى شۇ پېتى تۇرالماي قېلىشىمدىن قورقىمەن.»-دەيدۇ، ئۇ « دەسلەپتە كېسىلىم بايقالغاندا، مەن ھەر كۈنى ئۆيدىن چىقماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، ئۆيگە دېرىزىدىن قۇياش نۇرى چۈشكەنىدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ بىر پارچە قارا لاتا سېتىۋالدىم ۋە دەرىزىنى قارا لاتا بىلەن چىڭ ئېتىۋەتتىم. كۈن نۇرىنى كۆرمىسەم دەيتتىم. نۇرغۇن ئادەملەر، ئەيدىزنى ئەخلاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ھەر كۈنى بىرەر تاسادىپىي ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتسەمكەن دەپ ئويلايتتىم ۋە شۇنداق پۇرسەتنى ئىزدەيتتىم. مەسىلەن: ماشىنا ۋەقەسى، راك دىگەندەك...  ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىشلار ئىدى.

ئۇنداقتا، جۇلىيە بىزگە يەنە نېمىلەرنى دېمەكچى؟ قېنى بىرلىكتە دىققەت قىلىپ باقايلى!

داۋامى يوللاندى

ياش قىزلار ياق دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك
« ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ ئەڭ خەتەرلىك».
تۈنۈگۈن، تېببىي ئۇنىۋېرستېتتىكى ئىككى ئوقۇغۇچى جولىيەنىڭ لېكسىيىسىدە ماسلىشىش ئۈچۈن، بىر سائەتلىك كىچىك ئېتوت ئورۇنلىدى: بىر جۈپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولغان، ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىر يامغۇرلۇق كۈنى كەچتە، ئوغۇل بالىنىڭ ئۆيىدە چوڭلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق بولغاچقا، ئۇلار بىرلىكتە ئىنتايىن مەززىلىك يەل قازان شورپىسى قىلىپ يېمەكچى بولىدۇ، ئۇلار بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن يېقىملىق مۇزىكا ئاڭلايدۇ ۋە بىر-بىرىگە قاتتىق مەسلىكى كېلىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئوغۇل بالا قىزنى باغرىغا باسىدۇ. قىز ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمەيدۇ.
«مېنىڭ ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئەينى چاغدا ھېچكىممۇ ماڭا مۇنداق قىلىشنىڭ خەتەرلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ قويمىغان»-دەيدۇ جۇلىيە-، «مەندەك مۇشۇنداق بىر جانلىق مىسال ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇ، ئۈمىدىم سىلەر ھەرگىز مەندەك يولدا مېڭىپ قالماڭلار».
ئېنىقكى، ئۇنىڭ لېكسىيىسى ناھايىتى كەسپىي نۇتۇق ئىدى. ئۇ سەھنە ئاستىدىكى ئۆزىگە تىكىلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق ئۈچ نەسھىيەتىنى چوقۇم ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى.
بىرىنچى: ئالىي مەكتەپتە ئەڭ ياخشىسى مۇھەببەتلەشمەسلىك، ئەگەر بولمىسا، تويدىن بۇرۇن ھەرگىز يېقىنلاشماسلىق؛
ئىككىنچى: مۇبادا ئۇنى قىلالمىسا، ئۆمۈر بويى شۇ بىرلا ئوغۇل بالا بىلەن ئۆتۈش، ھەرگىز باشقا بالىلار بىلەن يېقىنلاشماسلىق؛
ئۈچىنچى: مۇبادا ئۇنىمۇ قىلالمىسا، جۆرىسىدىن باشقا ئوغۇل بالا بىلەن يېقىنلاشقاندا چوقۇم بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش؛
مۇبادا يۇقۇملىنىپلا قالدىڭىزمۇ، بارلىق ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
« ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ قورقۇنچلىق ئىش ئۈمىدنىڭ يوقىلىشى، ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىزمۇ، ئۇنداقتا كەلگۈسىڭىز قاپقاراڭغۇ، ھېچبىر چېگرىسى ھېچبىر نىشانى يوق بوپ قالىسىز»، جۇلىيە ئۆزىنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق تۆۋەندىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇلارنى دېدى. مۇبادا ئەيدىز بولۇپ قالدىڭىزمۇ، ئىلگىرىكى ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، مەسىلەن، توي قىلىش دېگەندەك

ئېھتىمال بارلىق ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدۇ، نۇرغۇن يۇقۇمدارلار خىزمىتىنى تاشلاپ، چەت ياقا جايلارغا بېرىۋېلىپ بېكىنىۋالىدۇ ۋە دۇنيادىن ئايرىلغان ھالەتتە يەككە - يېگانە ياشايدۇ.
«مەن ھازىر تۆت خىل خىزمەتنى قىلىۋاتىمەن، مەن بىر قانچە يەرگە كۆچۈپ بولدۇم، بەزىدە ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم، مېنىڭ بىر دوستۇم بار، 30 نەچچە ياش، ئۇ ئېرى تەرىپىدىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانىدى، خوجايىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ ئىشقا كەلمەسلىكىنى، مائاشىنى تولۇق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.»، ئۇنىڭ لەۋلىرى تىترەيتتى، بىر خىل بىچارىلىك ئەكس ئېتەتتى، ئۇ شۇ ھالدا لېكسىيىسىنى داۋاملاشتۇردى، -«كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن، بىر جەريان كېتىدۇ. مەسىلەن مەن تاماق يېگىلى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرسەم، بىر خىزمەتدىشىم تاماق يېگىلى ئۇنىمىدى، 15 كۈندىن كېيىن، بۇ خىزمەتدىشىم ئاخىرى تاماق يېگىلى بېرىشقا ئۇنىدى، بىراق، تاماق ۋاقتىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاماقنى كىچىك قاچىلىرىغا ئېلىپ، مەخسۇس چوكىسى ۋە قوشۇقىنى ئىشلەتتى. پەقەتلا مۇشۇ ئايال خىزمەتدىشىم چوڭ تاماق قاچىسىنى ئىشلەتتى، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەزەلدىن چوڭ تاماق قاچىسى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.»
بۈگۈنگە قەدەر جولىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىزكەن . «مەن ئاتا-ئانامنىڭ مەندەك بىر قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقى-ئالەمنىڭ ئالدىدا كەمسىتىلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن»- دېدى جۇلىيە، ئېغىر كىچىك تىنىپ باشقىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ تۇرۇپ،-«ئادەمنىڭ ھاياتى ساختىلىق، يالغانچىلىق بىلەن تولغان بولىدۇ، مەن ھازىرغىچە يالغانچىلىق قىلىپ ئاتا-ئانامدىن يوشۇردۇم، بەكمۇ چارچىدىم. بىراق ئەڭ قىيىنچىلىق كۈنلەر ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر دىيىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق، مەن ئاتا-ئانامغا بۇ شۇم خەۋەرنى دەپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ يېرىم قىلىشنى خالىمايمەن. بەلكى مەن ئۇلارغا تەسەللىي بولۇشۇم، روھى بېسىمنى يەڭگىللىتىشىم كېرەك. مېنڭ قىلغىنىم ياخشى نىيەتلىك يالغانچىلىق، تەڭرىم مېنى كەچۈرگەي».
بۇ قېتىمقى پائالىيەت جېجىياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلار پىدائىيلار ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ، جولىيەنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇندىن كىيىنكى ھاياتىدا بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: جىنسىيەت تورى


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش