قىزىلگۈل
玫瑰花
[تونۇش]بۇ ئەتىرگۈل ئائىلسىدىكى ئېگىزلىكى 1~2 مېتىر ، غولى تىك ، توپلىشىپ ئۆسىدىغانچاتقال ئۆسۈملۈك قىزىلگۈلنىڭ گۈل بەرگىسى «قىزىلگۈل» ياكى «گۈلسۇرۇخ» نامىدادورىغا ئىشلىتىلىدۇ . گۈلى توق قىزىل رەڭدە بولۇپ ، تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى خۇشپۇراق كىلىدۇ . [تەبىئىيتى]بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغوق . [خۇسۇسىيتى]غەيرىي تەبىئى سەپرا ماددىسىنى پىشۇرۇش ، جىگەر يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ، كۆڭۈلنى ئېچىش، رەئىس ئەزالارنى ، بەدەننى ، ئاشقازان ، ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش ،ئىششىق قايتۇرۇش، ھارارەت پەسەيتىش ، قان توختىتىش ، بەتبۇيلۇقنى يوقىتىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، تەرەتنى راۋان قىلىش . [ئىشلىتىلدىغان كىسەللىكلەر] جىگەر ياللۇغى، يۈرەك قېرىنچىسى ياللۇغى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ،ئاشقازان ئاغرىقى ، ھەرخىل ئىششىقلار ، قەۋزىيەت ، ئىچ سۈرۈش ، قان تۈكۈرۈش ،ئېغىز ئاغرىقى ، يۈرەك قوزغىلىش ، كۆز ئاغرىقى ، قۇلاق ، باش ئاغرىقىقاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ . [ئىشلىتىش ئۇسۇلى] 1. قىزىلگۈل 10 گرام ، ئاق لەيلىگۈلى 10 گرام ، ئىكلىلمىلىك 15 گرام ،بابۇنە 15 گرام ، دورىلارنى سوقۇپ سىركە بىلەن يۇغۇرۇپ ، مەلھەم تەييارلاپ ، كۈندەبىر قېتىم ئەمچەككە چاپسا ، ئەمچەك ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ . 2. 10 گرام قىزىلگۈلنى سوقۇپ تالقانلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاخ قولتۇققا سەپسە ، قولتۇق پۇراشقا مەنپىئەت قىلىدۇ . 3. قىزىلگۈلدە ئەرقى تارتىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، غەيرىي تەبىئىي سەپراخىلتىدىن كىلىپ چىققان يۈرەك كىسىلى ، جىگەر مەنبەلىك ئۇسسۇزلۇققا شىپا بولىدۇ .4. قىزىلگۈلدە قىزىلگۈل گۈلقەنتى تەييارلاپ ، ئاپتاپتا پىشۇرۇپ ، كۈندە ئىككى ۋاخ يەپ بەرسە ، يۈرەك ، جىگەر ، ئاشقازان ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ . [ئىشلىتىش مىقدارى] 5 ~7 گرام . [زىيانلىق تەسىرى] كۆپ ئىشلەتسە جىنسي قابىلىيەتنى تۆۋەنلىتىدۇ
[تۈزەتكۈچىسى] رۇم بەدىيان ،ھەببى زەلەم.
|