قەي قىلدۇرۇپ داۋالاش
كىسەلنى دورىلار ئارقىلىق قۇستۇرۇپ داۋالاش بولسا، ئاشقازان ئىچىدىكى بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىپلا قالماستىن بەدەندىكى بۇزۇق ماددىلارنىمۇ چىقىرىپ تاشلايدۇ، ئەمما غەيرى قۇسۇش بولسا يەنى ۋابا ھەزىمىنىڭ بۇزۇلۇشى، تولغاق كىسەللىرىدىكى قۇسۇش، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قەينى توختىتىشقا چارە قىلىش كىرەك.
قەينىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى:
1. باش ئېغىرلىقىنى قالدۇرىدۇ. 2. كۆزنى رۇشەنلەشتۈرىدۇ. 3. مەيدىدىكى يەل تۈپەيلىدىن بولغان تۇلا كىكىرىكنى يوق قىلىدۇ. 4. ئۆتنىڭ تىشىپ كىتىشىنى تۇسايدۇ. 5. ئاشقازاننى پاكىزلاپ، ئىشتىھا ئاچىدۇ. 6. بەدەننىڭ ئېغىرلىقىنى يۇقۇتۇپ قول پۇتنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ. 7. خىيالپەرەسلىك سەرئى سەكتە كىسەللىرىگە مەنپەئەتلىك. 8. ھەر خىل بۇغۇم ئاغرىقلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك؛ 9. دوسۇن جاراھەتلىرى، بۆرەك ئىششىقلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك. 10. بەھەق پەرەس، قىچىشقاق، تەمرەتكە، جوزام كىسەللىكى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك.
قەي قىلدۇرۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قەي قىلدۇرۇشدىن ئىلگىرى كىسەلىكنىڭ ماددىلىق ياكى ماددىسىز ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاش لازىم، ماددىلىق كىسەللىكلەردە قەي قىلدۇرۇش پايدىلىق، ماددىسىز كىسەللەردە قەي قىلدۇرماسلىق كىرەك، ماددىلىق كىسەللەرنى قەي قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇنزىج بىرىپ ماددىنى پىشۇرۇش، ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ ماددىغا لايىق دورىلارنى بىرىپ قەي قىلدۇرۇش كىرەك. ئەگەر كىسەللىك ئىككى خىل ماددىنىڭ بىرىكىشىدىن كىلىپ چىققان بولسا، قايسى خىل ماددا كۈچلۈك بولسا شۇنىڭغا قارىتا قەي دورىسى بىرىلىدۇ.
قەي دورىسى بەلغەم، سەپرادىن بولغان كىسەللىك ئۈچۈن بىرىلىدۇ، قان سەۋدادىن بولغان كىسەللەرگە قەي قىلدۇرۇش چارىسى قوللىنىشقا بولمايدۇ. قان ۋە سەۋدادىن بولغان كىسەللەرگە قارىتا قان ئېلىش، سۈرگە بىرىش چارىسى قوللانسا بۇلىدۇ، قەي قىلدۇرۇشتا قۇرۇق مىزاج كىشىلەردە بىركۈن ئىلگىرى سۇيۇق تاماقلار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش كىرەك، كۆپرەك چاي ئىچۈرۈش كىرەك، مۇنچىغا چۈشۈرۈش كىرەك.
2. ھاۋا ئىسسىق بولسا سۇغۇق جايلاردا قەي قىلدۇرۇش كىرەك، قۇستۇرىدىغان دورىلارنى ئىچكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن كىسەل كىشىنىڭ قاپىقى ئۈستىنى كۆزى بىلەن قۇشۇپ، داكا بىلەن تېڭىش كىرەك، كىسەلنىڭ قۇرساق قىسمىنى يۇمشاق مۇجۇپ بىرىش پايدىلىق.
3. قەي قىلدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئېغىزنى ئىسسىق سۇ ئېلىشتۇرغان سىركە بىلەن چايقاش كىرەك. قەيدىن كىيىن كىسەلگە ئاكما سۈيى، گۈلقەنت بىرىلسە تېخىمۇ ياخشى.
قەي قىلدۇرۇشتا بولمايدىغان ئەھۋاللار :
1. بەدىنى ئاجىز كىشىلەرنى دورا بىلەن قەي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.
2. نەپەس قىينىلىۋاتقان، قان تۈكۈرگەن، قان قۇسقان، گال ساھەسىدە ئىششىق بار، ئاشقازان يارىسى، كۆز ئاغرىقى ۋە ئۆپكە ئىششىقى بار كىشىلەرنى قۇستۇرۇشقا بولمايدۇ. قەي قىلدۇرغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
1. قەي قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھىق تۇتۇش پەيدا بولغان بولسا قايناق سۇ ئىچكۈزۈش كىرەك، بولمىسا پىننە گۈلقەنتى يىگۈزۈش كىرەك.
2. قەي قىلدۇرغاندىن كىيىن ئاشقازان بېقىن ساھەسىگە قارا داغ پەيدا بۇلۇپ قالسا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، بەدىيان ئەرقى، قىزىلگۈل ئەرقى ئىچكۈزۈش كىرەك.
3. قەي قىلدۇرغاندىن كىيىن ئاشقازان ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىپ غولدۇرلاش پەيدا بولغان بولسا، قىزىلگۈلقەنگە مەستىكى ئېلىشتۇرۇپ يىگۈزۈلىدۇ، ئەگەر قەي قىلدۇرۇشقا بەرگەن دورىلار زىيان قىلغان بولسا يىڭى سۈت ئىچكۈزۈش كىرەك.