گېموروينىڭ كېسەللىك سەۋەبى نېمە ؟ دېگەن مەسىلە كۆپچىلىك بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ ، گېموروينىڭ كېسەللىك سەۋەبنى چۈشىنىشتىكى مەقسەت بۇ كېسەلنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت . ئۇنداقتا گېموروي كېسىلى دائىم قانداق پەيدا بولىدۇ؟
گېموروينى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللار تۆۋەندىكلەردىن ئىبارەت :
1. ناچار تەرەت قىلىش ئادەتلىرى گېموروينى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى : تەرەتخانىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كىتاب –گېزىت ئوقۇش ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋە تەرەت قىلىش ۋاقتى ئۇزارسا ، ئاسانلا مەقئەت سوقۇر ئۈچەيدە قان قېيىپ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ تەرەت قىلغاچ تاماكا چەككەندە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەت قىلىش رېفلېكسنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاسانلا چوڭ تەرەتنى قاتۇرىدۇ. تەرەت قىلغاندا قالايمىقان ، ئورۇنسىز ئىنجىقلاش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر گېموروينى قوزغايدۇ.
2.چوڭ تەرەت بىنۇرماللىق ، ئىچى سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلار گېموروينى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. قەۋزىيەت گېموروينى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى . سوقۇر ئۈچەيدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغان زەھەرلىك ماددىلار سوقۇر ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە گەندە-سۈيدۈكلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىش، قان ئايلىنىشقا تەسىر قىلىدۇ. كۈچەپ ئىنجىقلىغاندا مەقئەت ئۇچرايدىغان بېسم مۇقەرر ئېشىىش ،قان قېيىش ، كۆپۈپ ئېشىش،يېرىلىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئۆزگۈرىشى بولىدۇ. ئىچى سۈرۈش بولسا بوغماق ئۈچەي كېسەللىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ، ئىچى سۈرگەندە يەنە مەقئەت يولىنىڭ يۇقۇملىنىش پۇرسىتى ئېشىپ مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى ، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تاشقى گېموروي ، مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئاستا خاراكىتېرلىك كېسەللەرمۇ گېموروينى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى . مەسىلەن ، ئۇزاق مەزگىلىك ئۇزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق ،بەدەن ئاجىزلىق مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلنى بوشىتىپ كۈچسىزلەندۈرىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى ، يۆتەل سەۋەبىدىن قورساق بېسىمى ئېشىپ ، داس بوشلۇقىغا قان قايىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ، جىگەر قېتىش ، ئىچى سۈرۈش ،بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار مەقئەت –ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا داۋالاش جەريانىدا چوقۇم بىمارنىڭ پۈتۈن بەدەن خاراكىتېرلىك ئالامەتلىرىگە قاراپ مۇۋاپىق ، ئۈنۈملۈك داۋالاش ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك. كەسپى خاراكىتېرلىك سەۋەبلەر : ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش . چۈنكى ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش مەقئەت تۈز ئۈچەي رايۇنىدىكى ۋېنالاردا ئاسانلا قان ئۇيۇشۇپ قىلىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ ئورۇندىكى ۋېنالاردا ئەگىرى بۈگىرىلىشىپ كېڭىيىش ، قېلىنلاش يۈز بېرىپ گېموروي پەيدا بولىدۇ.
4. يېمەكلىك تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىشى: يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان بولىشى ، مېۋە –چېۋە ، سەي -كۆكتات تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى، مىقدارىنىڭ ئاز- كۆپ بولىشى ، ئوزۇقلۇقتىكى ئاقسىل ، ياغ ، كراخمال تالا ماددىلىرىنىڭ ئاز –كۆپلۈكى ، سۇ مىقدارىنىڭ ئاز –كۆپلۈكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ تەرەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ ، گېموروينى پەيدا قىلىدۇ. غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەكلىكلەر : مايلىق ، ئاچچىق (لازا ، سامساق ، غولپىياز) ۋە ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ، ھاراق – تاماكا قاتارلىقلارنىڭ ئاشقازان- ئۈچەي ۋە مەقئەتكە بولغان غىدىقلاش تەسىرى چوڭ بولۇش قاتارلىقلارمۇ ئاسانلا گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب : بوغماق ئۈچەي ، سوقۇر ئۈچەي يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى توشۇپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ،گەندە-سۈيدۈك ساقلىندىغان ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ، يېمەكلىك بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇقلار تەركىبىدە كۆپ مىقداردا زىيانلىق ماددىلار بولغاچقا بۇ ماددلار بوغماق ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەيدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قىلىپ ئۆسمە( ئىششىق) پەيدا قىلىدۇ.
تىيەنيۇۋ مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى
توربەت ئادېرسى:
http://wei.xjtygcyy.com