جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 318|ئىنكاس: 0

ئامىلە ئۇرىقى ۋە سۈرئىتى ئىنزال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-23 10:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئامىلە ئۇرىقنىڭ سۈرئىتى ئىنزالغا بولغان تەسىرى تۇغىرىسىدىكى ئىزدىنىش
ئابدۇرشىت ئابدۇقادىر
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇماقالىدە ئويغۇر تىبابەتچىلىك -دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى قوللىنىپ كىلىنۋاتقان  ئەمما داۋلاش،ساقلىقنى ساقلاش ،دىئاگنۇز قۇيۇش ئىشلىرىدا ئىشلتىلمگەن ئاملە ئۇرىقنىڭ  سۈرئىتى ئىنزال كىسەللىكىگەبولغان تەسىرى  توغىرسىدىكى مۇلاھىزەۋەكۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
ئامىلە ئۇرىقى،سۈرئىتى ئىنىزال كىسەللىكى،تەسىر قىلىش مىخانىزىمى
بۇ سۈتلۈك ئوتلار ئائىلىسىدىكى غازاڭ تاشلايدىغان چاتقال ئامىلنىڭ مىۋىسى بولۇپ بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مىۋىسنى ‹‹ئامىلە››نامىدا دۇرىلىققا ئىشلىتىلىپ كىلىنۋاتىدۇ .مىۋىسى گۆشلۈك بولۇپ يوملاق ھەم ئالتە قىرلىق كېلىدۇ .پىشقاندا خورما رەڭگىگە كىرىدۇ.بۇ چاغدا يېغۋېلىنىپ قۇرتىلىدۇ.لايىقلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا ئىچكى قىسمىدىن 5تالىدىن -7دانىگىچە ئۇرۇق چىقىدۇ. بو ئورۇق قاتتقلىقى يۇقىرى بۇلغان قارامتۇل رەڭلىك ئورۇق بۇلۇپ تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق سۇغۇق ،ئاساسلىق تەسىرى بولسا ئىسپىرما قالايمقانلىنشش، ئىسپىرماتوتۇش ،دىئابىت كىسەللىكى،قۇۋۋىتى ماسىكە تۇۋەنلەپ كىتش،ئىچى شۈرۈش ،قاندىن بولغان يۇقۇملىنىش،ئاق خۇن تۇختماسلىق ،ئاشقازان تۈۋەنلەش...قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇدورىنىنڭ ئۇرقىنىڭ تەسىرى تاكى ھازىرغىچە كەڭ خەلىق ئاممىسى ئارىىسدا ئىشلىتىپ كىلىنگەن ئەمما ھەققى تۈردە داۋالاش ساھەسىدە ئىشلىتىپ كىلىنمگەن دۇرنىڭ ئەمىلى داۋالاش تەسىرنى كۈرگەندىن كىيىن بۇ ئۇرۇق دۇرنىڭ خوسۇسىيەت ئالاھىدىلىكنى داۋالاش ساھەسدە كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتش كىرەك.
ھازىرقى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ تورمۇشتىكى ئىستىمال ئادىتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ۋەئەر-ئاياللاردىكى ھەرخىل جىنسىي كىسەللىكى ۋەھەزىم سىتىمىسى كىسەللىكلىرنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئەۋج ئېلىشى بىلەن قايتىدىن خەلىق ئارىسىدىكى مەخپى رىستپلارغا نەزەر ئاغدۇرلۇپ تىبابەت ساھاسدە قايتدىن ئىشلىتىشكە باشلاندى .
دورىنىڭ رەڭگى قارامتۇل ئاچچىققا مايىل بولوپ ئاساسلىقى ھەببى ئامىلە،جاۋارىش قانىسە،سۇپۇپى ئىمساك،مەزى بېزى شەربىتى،سۇفۇپى كۇندۇر،ھەببى مۇمىسك   قاتارلىق دورىلارغا سېلىپ بەرگەندە ئەرلەردىكى جنسىي ئاجىزلىق،ئىسپىرما قالايمىقانلىشش، ئىسپرما بالدۇر كىتش، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ئادەت توختىماسىلىق،ئاشقازان ساڭگىلاش،تاماق سىڭمەسلىك ....قاتارلىق بىرقاتار كىسەللىكلەرگە نىسپەتەن تەسىرى كۈرنەرلىك ياخشى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ دۇرا خەلىق ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىپ كىلىنىگەن ئەمما داۋالاش ساھەسىدە تىخى ئىشلىتىش كەڭ كۈلەمدە تارقالىمغان بىرخىل دۇردىدىن ئىبارەت.
تۈۋەندە مەن ئامىلە ئۇرۇقنىڭ  ئۇيغۇر تىبابىتىدە  سۈرىتى ئىنىزال(ئىسپىرما بالدۇر كېتىش) داۋالاش جەھەتتكى تەجىرىبە ۋە مىخانىزىمى ئۈستىدە قىسقىچە توخىتلىپ ئۈتىمەن .
ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپىچقىرىش ئەزاسىنىڭ نۇرمال بۇلغان فىزىئولوگىيلىك پائاليەتلىرنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ نۇرمال بۇلغان ئۇرۇق ئىشلەپىقىرىش ۋە ئۇرۇق چىقرىش ئەزالىرنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى تېخمۇ يۇقىرى كۈتۈرلىدۇ.بۇ ئۇرۇق دۇرا ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ئەمەس.
ئامىلە ئۇرۇقىنى  مۇرەككەپ  رىستىپلارغا چۈشۈرۈپ ياكى  يەككە ھالدا ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ماددى ۋە كەيپيات تەسىرى ئارقىلىق ئۇرگانىزىمغا كىرگەندىن كىيىن بەدەندىكى ماددائالمشش كاپالەتكە قىلنىپ ئۇرۇقىدان،ئۇرۇق تۇشۇش نەيچىسى،بۆرەك ۋ مەزى بېزى قاتارلىق ئۆزگەرگەن بىنۇرمال ھۇجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ تىزھالەتتە  ئەسلىگە كىلىشىگە شەرت -شارايىت ھازىرلاپ  بىرىدۇ،بۇ ئارقىلق بۇزۇلغان توقۇلما ۋە  ھۇجەيرىلەر ئەسلىگە كىلىپ،  نۇرمال ماددا ئالىمىشىش،ھەمدە ئىسپىرمنىڭ نۇرمال ئاجىرلىپ چىقشى ۋەبەدەندە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتنى ئۇزارتىش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتدارنى ئەسىلىگە كەلتۈرىدۇ.
بەدەندىكى ئارتۇق كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلاپ ئۇرگارنىزىمنىڭ نۇرمال بۇلغان ماددا ئالمىششى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ  بەدەنگە تولۇق سۈمۈرلىشىگە ھەم كىرەكلىك بولغان ماددىلارنىڭ بەدەندىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ   مىتابۇلىزىم پائالىيتى ئەسلىگە كىلىپ   بەدەنىنڭ نۇرمال بۇلغان فىزۇلۇگىيلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقىلايدۇ .
بۇدورىنىڭ كەيپىيات تەسىرى ئارقىسىدا بۆرەك ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنىڭ خىلىت ۋە مىزاجنى تەڭشەپ توتۇش رولىنى بىرىدۇ .بو ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇپ بەدەنىنىڭ نۇرمال تەڭپوڭلىقنى ساقلاش ئەمەلگە ئاشورلىدۇ .ماددى تەسىرى جەھەتتىن  تەركىبىدىكى تاننىن ۋە باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى بىلەن يەرلىك ئۇرۇننىڭ مىتابولىزىم پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ئىممۇنىت سىستىمىسىنڭ مۇكەممەل بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ قۇۋۋىتى ماسىكەنىڭ تۇتۇش ئىقتدارىنى ئاشۇرىدۇ ،ئەرلەردىكى سۈرىتى ئىنزال مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالامەتلەرنى  تەدىرجى يوقىلىشىغا تۈرتىكە بولىدۇ .
بو ئارقىلىق ئەرلەردىكى ئىسپىرما بالدۇر كېتىش،جنسىي ئاجىزلىق ،ھىسيات تۈۋەنلەش،ئەرلەردىكى مەنى تۇتالماسلىق،سۈيدۈك تامچىلاش، ئاياللاردىكى ھېيىز كۆپ كىلىش ،ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ئاشقازان تۈۋەنلەش،ھەرخىل سەۋەپلەردىن بۇلغان  جاراھەتلىك قاناشلارغا ئالاھىدە تەسىرلەرنى بىرىدۇ .
بۇدورىنى يەككە ۋە مۇرەككەپ قىلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ.
(1).كاكنەچ،چۆبىچىن،كۇندۇر،ئامىلە ئۇرىقى ،قىزىل گۈل ئۇرىقى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق  سوقۇپ سۇپۇپ  قىلىپ كۈندە ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈزۇلدۇرمەي ئىچىپ بەرگەندە ئىسپىرما بالدۇر كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
(2)ئاملە ئۇرىقى،بەھمەن سەفىيد،بەھمەن سۇرۇخ،شاقاقۇل مىسىرى،سۆلەپ مىسىرى قاتارلىق دۇرىلارنى چايلىق قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنىڭ ئىقتدارنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە رەئىس ئەزالارنمۇ كۈچلەندۇرىدۇ.
(3)قانىسە،ئامىلە ئۇرىقى،زىرە،قارمۇچ،زەنجىبىل،قاقىلە ئۇد ھىندى قاتارلىق دۇرىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇفۇپ تەييارلاپ قەنىت بىلەن بىرلىكتە ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازان تۈۋەنلەش ،ئېچىشش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە شىپا قېلىدۇ.
4) ئامىلەئۇرىقى ۋە قىزىل گۈل ئۇرىقنى مەخسۇس سۇقۇپ چايلىق قىلىپ كۈندە ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى ئارتۇق سۇيۇقلۇقلارنى تەڭشەپ قۇۋۋتلەرنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5)ئامىلە ئۇرىقى،تەمىرى ھىندى ،نىلۇفەر ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ چايلىق بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلغاندا مەنىي تۇتالماسلىق،سۈيدۈك تامچىلاش قاتارلىق بىرقاتار كىسەللىكلەرگە ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
دىمەك:ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەسلدە تارىختا خاتىرلىنىپ كۆپ ئىشلىتىلمىگەن  يىڭىدىن بايقالغان تەسىرى ياخشى بولغان دورىلار قاتاردا ئىشلتىلۋاتدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرى ياخشى بۇلغان بىر قىسم يەككە دورىلارنىڭ ئىنسانلار ساقلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان خوسۇسىيتىنى  ماھىرلىق بىلەن تېپىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىگە قىلىپ  بۇ كەسىپنى ئۈگەنگەن ھەر بىر تىببى خادىمنىڭ  ئۆز ئەتىراپىدىكى شەيئىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇشىغا تىرىششى كىرەك .
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.‹‹يەككە دورىلار خەزىنسى›› ئوردوچە :پاكىستان نەشىرياتى
2.‹‹ئو ت يەككە دورىلار ئىلمى››شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالي تېخنىكومى سىناق دەرىسلىكى 1993-يىل 1-نەشىرى، رۇقىيەم سادىق
3.‹‹يەككە دورىلار قامۇسى›› خەنزۇچە بېيجىڭ سەھىيە نەشىرياتى.2004-يىل 1-نەشىرى
4.خەلىق ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن رىستىپلاردىن پايىدلاندىم.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش