جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 403|ئىنكاس: 0

يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى ۋە مەركىزى نىرۋا سىستىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-23 10:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۇمغاقسۇت ئۇرۇقىنىڭ مەركىزى نىرۋا سىستىمىسغا كۆرسەتكەن ناچار تەسىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر،
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە يۇمغاقسۇت ئۇرۇقىنىڭ ئويغۇر تىبابەت ساھەسىدە  ، ساقلىقنى ساقلاش،داۋالاش،دىئاگىنۇز قۇيۇش ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىىپ كىلىنگەن دورا بۇلۇپ،مىڭە ،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،ئاغىرىق توختىتىش جەھەتتە بەزى بىر  ناچار تەسىرلىرى  توغىرسىدىكى يەكۈلەنگەن كۆز قاراش ئوتتورىغا قۇيۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى، مەركىزى نىرۋا سىستىمىسى،ناچار تەسىرى.
ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش،ساقلىقنى ساقلاش ۋە دىياگنۇز قۇيۇش ئىشلىرىداكەڭ كۈلەمدە  ئىشلىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە تەن ساقلىقىنى قوغداش كىسەللىكەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىدا  ئىشلىتىپ كەلگەن بۇلۇپ ،ھازىرقى دەۋىرىگە كەلگەندە دورىنىڭ ئورنى  ۋەخوسۇسىيتى  جەھەتتىكى تەجىربىلەر يەكۈنلىنىپ بۇ دۇرىغا بۇلغان چۈشەنچە تىخمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئاساسلىقى ھۆل ئىسىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماددىلىق ۋە ماددىسىز خىلىت بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىپ ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ كەلگەن،بۇدورا تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق سۇغۇق بۇلۇپ ئاساسلىقى ھەيىزنىڭ كۆپ كىلىشى،قانلىق ئىچى سۇرۇش خاراكتىرلىك بىر قاتار نورمالسىز سەپىرا ۋە قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان كىسەللەكلەرگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭ تەركىبىدە  ئاساسلىقى ئۇچۇچان ماي،دېپىستىن،بورنىل،ئاتىستان...بىر قاتار ئورگانىك ماددىلار بۇلۇپ بۇ ماددىلار نىرۋا ۋە مىڭە خىزمىتىنى تۇرمۇزلاش،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش  جەھەتتە تەسىرى ياخشى بۇلۇپ.بو دورا ئاشقازان-ئۇچەي بەزلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ھەزىم سۇيۇقلۇقىنى ئاجىرتىپ چىقىپ ئوزۇقلۇق ۋە يىمەكلىكلەرنىڭ  تىز ھەزىم بۇلۇشىغا ياردەم قىلىدۇ،ئۇ بەلغەمنى بوشىتىپ ھاسىراش ۋە دەم سىقىلىشنى پەسەيتىدۇ.بەدەندىكى كىسەل پەيدا قىلغۇچى شارسىمان باكتىرىيە،ئالتۇن رەڭلىك ئزۇمسىمان شارچە باكتىرىيەلەرنى تۇرمۇزلاش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ ئورگانىزمىنىڭ نۇرمال بۇلغان فىزىئولوگىيلىك پائالىيتى كاپالەتكە ئىگە قىلنىدۇ .تەركىبدىكى ماي بولسا بەزىبىر كىسەل پەيدا قىلغۇچى زەمبۇرۇغنى تۇرمۇزلاش خۇسۇسىيتى بار، بۇ خىل دورىنى قالايمىقان ۋە مىقدارنى ئاشۇرۇپ  ئىشلەنگەندىن كىيىن ئۇرگانىزمىدا نۇرغۇن غەيرى ننۇرمالسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ .بۇ دۇرا چوڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق  قانغا ئۆتۇپ مىڭە ۋە نىرۋا سىستىمللىرغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ ئورگانىزىمنىڭ  فىزىئولوگىيلىك پائالىيىتگە تەسىر كۆرسىتىپ ،بەدەننىڭ نۇرمال ماددا ئالمىشىش توسقۇنلىققا ئۇچىراپ مىتابولىزىم پائالىيتىنىڭ نۇرمال ئىلىپ بىرلىشى قالايىقانلىشىدۇ.بۇدورا ئۆزىنىڭ كەيپىيات ۋە ماددي تەسىرى ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ بەدەنىنىڭ چوڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن بىرلىكتە مىڭە توقۇلما، ھۇجەيرىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ مەركىزى نىرۋىنى تۇزگۇچى نىۋرۇنغا تەسىر قىلىپ،مىڭەۋەئەتىراپ نىرۋىلىرنىڭ  قوزغىلىش ۋە  ئىنكاسچانلىقىنى ئاستىلىتىپ .نىرۋىدىكى ھۇجەيرە پەردە ئىچى-سىرتقى ئىككى تەرىپىدىكى پوتىنىسئال پەرقىنى كىچىكلىتىپ نىرۋىنىڭ غىدىقلىنىش ۋە  قوزغۇلۇشچانلىقىنى ئاستىلىتىپ بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىنى شەكللەندۇرۇپ قۇيىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە سەۋدا ۋە باشقا خىلىتلارنىڭ نۇرمال تۇزۇلۇشىدە ئۆزگىرىش پەيدا بۇلۇپ مىڭەۋە نىرۋىلارنىڭ  ئۇزۇقلۇق،قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ مىڭە ھۇجەيرە توقۇلمىلاردا قان،ئوكسىگىن  ۋە ئوزۇقلۇق  ماددىلارغا بولغان ئىھتىياجى يىتەرلىك بۇلماي  توقۇلما ھۇجەيرىلەرنىڭ نىكروزلىنىش  ھالىتىنى شەكللەندۈرۈپ نىرۋا ھۈجەيىرلەرنىڭ ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .شۇ سەۋەپتىن مىڭەۋە نىرۋىلارنىڭ فىزىئولوگىيلىك  پائاليىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ  سەزگۇ،ھېس-تۇيغۇۋە  ئىش-ھەركەتلەرنى باشقۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ روھىي جەھەتتكى  خامۇشلۇق ۋە باشقا روھى كىسەللەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.نىرۋىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئوخلاش ھالىتى شەكىللىنىپ  ئەستە قالدۇرۇش سەزگۇسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئۇنۇتقاقلىقنى پەيدا قىلىدۇ.قۇۋۋىتى نەفسانىينىڭ ھاسىل بۇلۇشىنى ئاستىلاپ ئاڭلاش، سىزىش،تېتىش،پۇراش، كۈرۈش  قۇۋۋەتلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بۇلۇپ  بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇپ،مىڭەۋە نىرۋا  توقۇلما ھۇجەيرىلەرنىڭ  تىز سۈرەتتە تۇنجۇقۇپ ئۈلۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئورگانىزىم تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزلىدۇ، ھەر قايسى ئەزا تۇقۇلمىلاردا سۇسلىشش ئەھۋاللىرى كۈرلىدۇ .بۇ ئارقىلىق ماددا ئالمششنىڭ قالايمىقانلىنىشنى كەلتۈرۈرۈپ چىقىرىدۇ . يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى يەككە ھالەتتە ئىستىمال قىلغاندا بەلغەم خىلىتىنىڭ كۈيۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ قان تۇمۇرلاردا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ، پالەچ،لەقۋا...قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقشىغا سەۋەپچى بۇلىدۇ .بۇ دۇرنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا قان ئايلىنىش ئارقىلىق كۆز نىرۋىلىرى ۋە قان-تۇمۇرىغا تەسىر قىلىپ نۇرمال بولغان قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى تۇسقۇنلققا ئۇچىرتىپ كۆزنىڭ كۆرۇش تور پەردىسىنى زەخمىلەندۇرۇپ كۆز قاراڭغۇلۇشۇش ۋە كۆرەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئاڭلاش ،تېتىش ،سىزىش ،پۇراش قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،بۇ ئەزالارنىڭ نورمال خىزمەت ئىلىپ بىرلىشى تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىنماي ئورگانىزىمدا تۈرلۈك نۇرماسىزلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشقا سەۋەپچى بۇلىدۇ .  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بېزىغا تەسىر كۆرسىتىپ بەزنىڭ مىزاجىنى بۇزۇپ نۇرمال بولغان ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ مەنىي كەملىكنى پەيدا قىلىپ پەرزەنىت كۆرەلمەسلىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
دىمەك: ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىپ كېلىنگەن يۇمغاقسۇت ئۆزىنىڭ ئورگانىزىم خىزمەتلىرىنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەم بەرسىمۇ ئەمما ئەكىس تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىشگە بۇلمايدۇ .كىشىلەر  بۇ دۇرنى خالىغانچەئىستمال قىلىش سەۋەبدىن  ئۆز بەدىنىدە بەزى بىر نىرۋا خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشقا شەرت –شارائىت بىلەن تەمىنلەپ بەدەندە نۇرمالسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ . شوڭلاشقا تىبابەت ساھاسىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ خىللىششى ۋە ناچار تەسىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش سەۋەبدىن  ئورگانىزىمغا كۆرسەتكەن ئەكىس تەسىرىدىن تۈرلۈك نىرۋا كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بۇلۇشنى كىلىنكىدا  مۇئەييەنلەشتۇرگەندىن كېيىن  بۇ دۇرنى دوختۇر ياكى تىۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ئىشلىتىپ ئۇرگانىزمنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كىرەك.
   پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1.        ‹‹ئو  ت يەككە دۇرىلار ئىلىمى ››،رۇقىيەم سادىق ،قەشقەر خەلىق نەشىرىياتى ،1988-يىل 1-بىسلىشى 1-نەشىرى ،
2.        ‹‹فارمولۇگىيە ››،خەنزۇچە ،جوڭيى خەلىق نەشىرىياتى .
3.        ‹‹ ئو ت  كىسەللىنىش قانۇنىيتى››،شىنجاڭ سەھيە نەشىرىياتى ،2004-يىل 1-نەشىر  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش