جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 1032|ئىنكاس: 8

ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى مۇنبەر قائىدىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-22 17:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى مۇنبەر قائىدىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى قۇرۇلغان بىر يېرىم يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەگىرى–تۇقاي يوللارنى مېڭىپ بۈگۈنكى ھالەتكە يەتتى. تور بىتىمىزنى بۈگۈنكى ھالەتكە يىتىشىنى جاپاكەش مۇنبەر باشقۇرغۇچىللىرى، ئىخلاسمەن زىيارەتچىلىرنىڭ بىزنى قوللىغىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كەلگەن ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۈن – تۈنسىز جاپا چىكىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
يېقىندىن بۇيان تور بىتىمىز قۇيۇلغان بوشلۇقتا مەسىلە كۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن تور بەتنى يېڭىدىن بۇلۇت بوشلۇقى(vps) قا كۆچتۇق. بۇنىڭ بىلەن تور بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى بۇرنقىدىن تىزلەشتى دەپ ئويلايمەن. تور بەتنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇسلوپ ئالماشتۇردۇق. يەنە چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىقتىدارىنى تەڭشەۋاتىمىز. مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كىلىدۇ. يۇقارقىدەك بىر قاتار ئۆزگەرتىشلەر ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇش ئۈچۈن بولدى ئەلۋەتتە.
مۇنبەردىكى يۇقارقىدەك ئۆزگىرىشلەردىن كىيىن مۇنبەرنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىما تەستىقلاش، تېما يوللاش ئىشلىرىدا بىر قاتار قائىدىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى توغرا تاپتۇق.
مۇنبەر ئاساسى قائىدىسى:
1-مۇنبەردىكى تېمىلار ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى بىلىدىغان ھەر بىرى تورداش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇلۇپ ئالاھىدە تېما رايۇنىدىكى تېمىلاردىن باشقا تىمىلارنى مۇنبەرگە ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ نورمال كۈرەلەيسىز(قۇشۇمچە ھۆججەتلەرنى كۈرۈش ئۈچۈن چۇقۇم ئەزا بۇلۇش كىرەك. مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش دەرىسلىكى ئايرىم يوللىنىدۇ).
2- تور بىتىمىزنى نورمال زىيارەت قىلىش ئۈچۈن IE8 دىن يۇقۇرى نەشىردىكى تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
3-مۇنبىرىمىزگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا ئېملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئېملادا %20 دىن يۇقۇرى خاتالىق بولغان تېما، ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۈچۈرلىدۇ.
4- تىما ۋە ئىنكاسلاردا دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ گەپ – سۆزلەرنى قىلىش بىردەك چەكلىنىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەزالار بايقالسا بارلىق ئۇچۇرلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا يوللاپ بىرىلىدۇ.
5- تېما يوللىغاندا: پايدىلىنىش تېمىسى يوللىغاندا تېمىنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن تېما مەنبەرسى ياكى تېمىنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتىرىيال قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىش كىرەك. زىيادە ئۇچۇق مەزمۇندىكى تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېمىدىكى گەپ – سۆزلەرنىڭ ئىلمى بۇلىشىغا دىققەت قىلىش كىرەك. يەنە تېمىلار ماس سەھىپىگە يوللىنىشى، تېما يوللىغۇچى تېمىغا قارىتا سۇئال خاراكتىرىدىكى ئىنكاس چۈشسە ئېنىق چۈشەنچە بىرىشى كىرەك. (تېما يوللايدىغان، ئىنكاسقا قارىمايدىغان، مەخسىدى ئېلان تەشۋىقات بولغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ).
ياردەم تېمىسى يوللىغاندا: مەسلىھەت سورىماقچى بولغان كىشى شۇ بىمارنىڭ جىنسى، يېشى، كەسپى، كىسەللىك ئالامىتى، كىسەللىك ئالامىتىنىڭ پەيدا بولغان ۋاختى، ئۇيقۇ – ئويغاقلىق، ئىشتاھاسى، چوڭ – كىچىك تەرەت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تۇلۇق يوللىشى، ماس سەھىپىگە يوللىشى كىرەك. چۈشىنىكسىز، تەپسىلاتى تۇلۇق بولمىغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
6- تور بىتىمىزدە مەسلىھەت سورىغان ھەر بىر ئەزالار ئۈچۈن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن بىلىملىك، تەجىربىلىك تېببى خادىملارنى توپلاۋاتىمىز. لىكىن توردا سودا قىلغاندا (دورا سېتىۋالغاندا) تېۋىپ ئەلسىھەت، تېۋىپ ھەكىم دىن باشقا ئەزالارغا كاپالەت بىرەلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تور سودىسىدا ھەر بىر ئەزا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
7-تور بىتىمىز بىرەر شەخىسكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق تورى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنڭ تور بەت تەرەقىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!


ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى تور بەت گوروپپىسى
2013.11.22

ۋاقتى: 2013-12-12 16:20:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسھەت دۇختۇر بىلەن كۇرشەي دىگەنتىم ئورنى قەيەردىدۇ
ۋاقتى: 2013-12-16 18:57:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانانىزىم
ۋاقتى: 2014-1-19 22:40:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلدۇ باشلىق  چوقۇم بويسۇنمىز
ۋاقتى: 2014-1-20 14:04:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز دىگەن بارلىق ئۇسۇل ئارقىلىق يەنىلا كىرەممىدىم
ۋاقتى: 2014-2-5 11:18:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت ئۇستاز سىز بىلەن كۆرشەي دىگەن ئورنىڭىز قەيەردە.
ۋاقتى: 2014-2-22 11:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . ئەلسىھەت ئەپەندىم .   مۇنبەرگە يېڭى ئەزا بۇلۇپ ، بۇنىمۇ كۆرۈپ چىقىپ ،ئەلسىھەت مۇنبىرىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بىلىۋالدۇق .
ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق بەرسۇن.
ۋاقتى: 2014-3-16 00:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچ ئاخشام قېرىشىپ ئاخىرى ئەزا بولدۇم مۇنبەرگە..

باھا سۆز

ئۇنچە تەس ئەمەستىغۇ.  ۋاقتى: 2014-3-16 11:01
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش