جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 739|ئىنكاس: 2

لايىقلاشتۇرۇلغان زەھەرلىك دۇرىلارنى كارخانىلاشتۇرۇشنىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 20:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
لايىقلاشتۇرۇلغان زەھەرلىك دۇرىلارنى كارخانىلاشتۇرۇشنىڭ
     ئويغۇر تىبابەت-دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇينايدىغان رۇلى ۋە ئەھىمىيتى
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر،
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدا ئويغۇر تىبابەت –دۇرىگەرلىك ساھاسىدە ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كىلېۋاتقان بىر قىسم زەھەرلىك دۇرىلارنى ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرشنى كارخانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇرىلارنىڭ سەپتىن قېلىش ۋە داۋالاش ،دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدىكى رۇلى ،ئەھىمىيتى تۇغىرىسىدىكى مەزمۇن ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:زەھەرلىك دۇرىلار،كارخانلاشتۇرۇش،ئەھمىيتى.
ئويغۇر تىبابەتنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 2500يىل بولغان بۇلۇپ شۇ زاماندىن تارتىپ تاكى ھازىرغچە زەھەرلىك دۇرىلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدا كىسەللەرنى داۋالاش،ئالىدىنى ئېلىش،ساقلقنى ساقلاش ئشىلىرىدا بۇ ساھەدىن چۈشۈپ قالغنى يۇق، جەمىيەتنىڭ ئۇچاندەك تەرەققى قىلىشى، تۇرمۇش سەۋيسىنڭ ئېشىشى،ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجنىڭ كۇنىدىن-كۇنگە ئېشىپ بېرىشى ئارقلىق كىسەللىكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ  مۇرەككەپلەشتى.جەمىيئەت ئەھۋالنىڭ كۇندىن-كۇنگە راۋاجلىنشى ئارقىسىدا ئويغۇر تىبابەت خادىملىرنىڭ كۈپىيشى تىز بولغان بولسىمۇ ئەمما كىسەل داۋالاشتا بىر قسىم زەھەرلىك دۇرىلارنىڭ كەيپيات ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدىن قۇرۇقۇپ تۈرلۈك رىستىپلاردا ئىشلەتمەسىلىك،ئىشلەتكەندىمۇ رىستىپ ئۆلچىمى بۇيىچە سالماسلىق سەۋەبىدىن دۇرىنىڭ ئۈنۈمى تۈۋەنلەپ كۆزلىگەن داۋالاش مەقسەتگەۋە كىسەللەرنىڭ تۇلۇق ساقىيىشغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.بىمارلارنىڭ بۇ تىبابەت داۋالاش ئىشلىرى ۋە دۇرىلىرىغا بۇلغان تۇنۇشى ئۆزگىرىپ ‹‹دۇرا تەسىر قىلمايدىگەن.بۇ تۈردىكى دۇرىلار پەقەت تاماق ئۇرنىدا يىسە بولىدىگەن ››دەيدىغان ناچار ئادەتلەر شەكىللىنىپ قېلۋاتىدۇ.ھازىرىقى دەۋەرىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كەسپىي خادىملارنىڭ زەھەرلىك دۇرىلارغا بولغان چۈشەنچنىڭ يۈزەكى بۇلۇش ۋە داۋالاش ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەسىلىك `سەۋەپىدىن ئويغۇر تىبابەت دۇرىلىرى پاسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ كېلۋاتىدۇ.
زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانىلاشتۇرۇشنىڭ  ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ئىشلىرنىڭ راۋاجلاندۇرۇش شۇنداقلا ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كەسپىي خادىملارنىڭ تېخنىكا سەۋيسىنى يۇقىرى كۈتۈرگىلى ۋە زەھەرلىك دورىلارغا بولغان تۇنۇشنى تېخمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ تىبابەت ئىشلىرىدا داۋامىلىق قۇللىنىپ ئۆز رۇلنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانىلاشتۇرۇشنىڭ ئويغۇر تىبابەت دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدىكى رۇلى ۋە ئەھمىيىتنى تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنىچاقلاشقا بولىدۇ.
1.        زەھەرلىك دورىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانلاشتۇرۇشنىڭ تىببى خادىملارنى تەربىيلەشكە بولىدۇ.
ئويغۇر تىبابەت زەھەرلىك دۇرىلار داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش،كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە دىياگىنۇز قويۇش ئىشلىرىدا داۋاملىق ئىشلىتىپ كىلىنگەن مۇھىم قۇرال ھىسابلىندۇ.جەمىئيەت تەرەقىقياتنىڭ كۈندىن –كۈنگە تىزلىىششى ۋە تۇرمۇش رېتىمنىڭ مۇرەككەپلىششى ئارقىسدا كىسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چېقىش سەۋەپىلىرىمۇ ھەرخىل تۈردە بولۋاتىدۇ.بۇ خىل تۈردىكى دۇرىلارنىڭ داۋالاش ۋە دۇرىگەرلىك ساھەسىدە تۇتقان ئۇرنى ۋە ئەھمىيىتى ناھايتى چوڭ.تارىخى يازما ۋە مەنبەلەرگە قارىغاندا زەھەرلىك بولغان يەككە دۇرىلارنىڭ لايىقلاشتۇرۇش تېخنىكىسى خاتىرلىنىپ ،توپلىنىپ رەتلىنىپ كەلگەن.بۇ دۇرىلارنىڭ لايىقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ئىنىق يېزىلغان. ئەمما دەۋىر ئىقمنىڭ تەرەققى قىلىشى ئارقىسىدا بۇ دۇرىلارنى ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرماسلىق سەۋەبىدىن تۈرلۈك ناچار تەسىرلەر كېلىپ چىقىپ دۇرىلارغا بولغان خاتا كۆز قاراش شەكىللىنىپ قېلۋاتىدۇ.ياش ۋە ئوتتۇرياش تېۋىپلارنىڭ زەھەرلىك دۇرىلارغا بولغان چۈشەنچىنىڭ ئايىدىڭ ئىنىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن دۇرا بۇساھەلەردىن چىكندۈرۈپ ئىشلىتىشتىن قۇرقىدىغان،تەشۋىشلىندىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىپ تۈرلۈك كىسەللىكلەر يەنى سۇزۇلما خاراكتىرلىك جاھىل كىسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك داۋالانماي بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزۈپ قېلىۋاتىدۇ.زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانىلاشتۇرغاندا بۇكەسىپى ئۈگەنگەن ۋە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە زۇر بۇلغان قيىنچىلىقلارنى يىڭىپ دۇرىلارنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قىلىش ۋە ئىشلەتمەسلىكتەك ئەھۋاللىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇىغان ئۆلچەملىك بولغان كارخانا قۇرۇپ چىقىپ ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرش ئېلىپ بارغاندا  ياش ۋە ئوتتۇرا ياش بولغان تىببى خادىملارنىڭ دۇرىغا بولغان چۈشەنچىسنى ئايىڭلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە كىسەللىكلەرگە بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى بولىدىغان شارائىت ھازىلىغىلى بولىدۇ.دۇرنىڭ ئۆلچەملىك بولغان لايىقلاشتۇرۇش قەدەم باسقۇچىلرى بىلەن ئىنىق تۇنۇشۇپ چىقىشغا شارائىت ھازىرلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇرىلارغا بۇلغان خاتا كۆز قاراشلىرنى ئۆزگەرتىپ دۇرىغا بولغان ئىشەنچسى ئاشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تىبابەت ئىشلىرنىڭ راۋاجلىنىپ داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۈتۈرگلى شۇنداقلا تىبابەت خادىملىرنىڭ قاراتملىق ۋە سېتىملىق دۇرا ئىشلىتىشكە، تىببى خادىملارنىڭ زەھەرلىك دۇرىلار بىلەن چوڭقۇر تۇنۇشۇپ بۇ جەھەتىتكى بىلىم سەۋىيسنى تۇلۇقلىغىلى زەھەرلىك دۇرىلارنىڭ تىباببەتچلىك ئىشلىرىدىكى رۇلنى تۇلۇق جارى قېلدۇرغىلى بولىدۇ.
2.        زەھەرلىك دۇرىلارنى  لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانلاشتۇرۇشنىڭ دۇرا ئۈنۈمى ۋە سۈپىتنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
زەھەرلىك دۇرىلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندا دۇرنىڭ مەنبىينى كونتىرۇل قىلىش بىلەن بىرگە دۇرىلارنى خالىغانچە ئىشلىتىش يۇللىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ قانۇنلۇق بولغان دۇرا ئىشلىرنى بارلىققا كەلتۈرگلى بولىدۇ.زەھەرلىك دۇىلارنىڭ كىلىش مەنبىينى كۇنترۇل قىلش ئارقىلىق سۈپەتلىك ،ياخشى، ئىشەنچىلىك .ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان  يىڭى دۇرىلارنى بارلىققا كەلتۇرۇپ تىببى خادىملارنىڭ بىخەتەر بۇلغان دۇرا ئىشلىتش يوللىرنى يارتىپ بەرگلى شۇنداقلا زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قەدىمىقى لايىقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ھازىرىقى زامان ئىلغار پەن-تېخنىكلاردىن پايدىلىنىپ دۇرىنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا  بىخەتەر بولغان ئىشەنچلىك ،سۈپەتلىك ،يىڭى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان دۇرىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈگىلى بۇلىدۇ.
ئويغۇر تىبابەتچلىكىدىكى زەھەرلىك دۇرىلارنىڭ لايىقلاشتۇرۇش،يەنى زەھەرسىزلەندۈرۈش،تۈزەتكۈچىلىرىنى تاللاش،ئىستىمال قېلىش ئۇسۇلى،ئىشلتىش مىقدارى جەھەتتىكى بەزى ئىزدىنىش تەتىقىقاتلارغا مۇھىت ھازىرلاپ بۇ دۇرىلارنىڭ  تىبابەت ۋە دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدىكى رۇلنى تۇلۇق جارى قېلدۇرۇپ تىبابەتنىڭ يەنمۇ بىرقەدەم تەرەققى قىلىشى ۋە يۇقىرى ئۆرلەشكە شارائىت ھازىلىغىلى بولىدۇ.دۇرىلارنىڭ خوسۇسىيتى ۋە تەبىيتىگە قاراپلا بۇدۇرنى ئىشلەتمەيدىغان ناچار ئادەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3.        زەھەرلىك دۇرىلارنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۆز قېممىتنى ۋە رۇلنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
جەمىيئەت ئەھۋاللىرنىڭ كۈنسايىن كەسكىنىلىشىشى ۋە تەرەقىقياتنىڭ ئۇچقاندەك تىز بولۇشى ئىنسانلار بەدىنىدە تۈرلۈك نۇرمالسىزلىق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىپ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزۈپ كىلۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دۇرىغا بولغان ئىھىتياجى كۇندىن –كۈنىگە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.شۇنڭغا ئەگىشىپ كىسەللىكلەرمۇ مۇرەككەپلىشىپ ساغلاملىق تەھىتىكە ئۇچىراپ  ھاياتىغا خەۋىپ يەتمەكتە.دۇرا ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى بۇلۇشى ،تەسىرى تىز،ئىشەنچلىك،ئەكىس تەسىرى تۈۋەن ياكى يۇق دىيەرلىك بۇلغان دۇرىلار مەنبينىڭ ئازىيشى داۋالاش ۋە دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدا تۈرلۈك تۇسالغۇلارنى پەيدا قىلدى.ھەر قانداق بىر كىسەللىك يۈز بەرگەندە دۇرا بىلەن قوتقۇزۇشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ.مەسىلەن:يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن سىبلىس،سۆزنەك،تۈرلۈك تىرە كىسەللىكلىرى،ئۇنڭىدىن باشقا يەنە راك،ھۆل سۈگەل،تۈرلۈك ئۆسمە ۋە يەلىدىن بولغان جاھىل خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرگە نىسپەتەن تەسىرى كۈچلۈك كىسەل مەنبەلىرىنى يۇقىتدىغان دۇرىلارغا بولغان ئىھىتاج ئاشىدۇ.بۇ ۋاقتىتا تەسىرى كۈچلۈك بولغان زەھەرلىك دۇرىلار ئىشلتىشكە تۇغىرا كىلدۇ.بۇ ۋاقىتتا دۇرا جىددىيلكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن لايىقلاشتۇرۇلىغان زەھەرلىك دۇرىلار قۇللىندۇ.زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇش كارخانىسنى بارلىققا كەلتۈرگەندە ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرۇلغان زەھەرلىك دۇرىلارنى داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلتىپ  كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ دۇرىلارمۇ ئۆزقىممىتى يارتىلىدۇ.ھەمدە بۇ ساھەدىكى مۇھىم دۇرىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق خەتەرلىك بولغان كىسەللىكەرنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن ئۆز رۇلنى جارى قىلدۇرىدۇ.بۇ دۇرىلار قەدىمقى كىلاستىك ئەسەرلەردە ئىشلتىگەن ۋە خاتىرلەنگەن يەنى ‹‹قاربادىن قادىرى››‹‹يەككە دۇرىلار خەزىنىسى››‹‹ئەلقانۇن فىت تىب››‹‹رىسالى چۆبىچىن››‹‹كۇشىنجات››‹‹ئاق ساراي››قاتارلىق كىلاستىك ئەسەرلەردە بۇ رۇنىڭ رۇلى ئىنىق خاتىرلەنگەن.بۇ دۇرىلار ئاساسلىقى ھەرخىل جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلتىلگەن.مەسىلەن: ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ۋە دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىپ كىلىنىۋاتقان دۇرىلاردىن :سىماب،
نۆشىدۇر، شۇرا قەلىمى،كافۇر،كۇچۇلا،بالادۇر مەدەستان،سەنكىيا،زەرنىخ،
ئاچچىق تاۋۇز،شىكگىرىپ،قىزىل سىر،ئىت ياڭىقى،ئەپىيۇن، چايان، يىلان،بەزۇرۇلبەنجى،ئىلمەك پۇشتى،ئۆت سۇيۇقلۇقى ...قاتارلىق بىر قاتار تەسىرى كۈچلۈك زەھەرلىك تەسىرىمۇ بار دۇرىلار بار.
4.        زەھەرلىك دۇرىلارنى ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ۋە دۇرىگەرلىك ئىشلىرىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى مۇكەممەل، سېستىملىق قىلىپ كارخانا شەكىلدە بارلىققا كەلتۈرگەندە دۆلەتنىڭ قوللىششى بىلەن بىرگە ئۆلچەملىك بولغان دۇرىلارنى بارلىققا كەلتۈرۇپ تىبابەت ئىشلىرنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن داغدام بۇلغان يۇلنى بارلىققا كەلتۈرۈگىلى بولىدۇ.قالايىمقان دۇرا ئىشلىتش يوللىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ قانۇنلۇق لايىقلاشتۇرلغان ئەكىس تەسىرى تۈۋەن،ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان دۇرىلارنى بارلىققا كەلتۈرگلى بولدۇ.بۇ دۇرلارنى ئىشلىتىش دائىرىسنى چەككلەش بىلەن بىرگە بىخەرلىكىگمۇ كاپالەتلىك قىلغلى بولىدۇ.شۇنڭىدەك بۇ تۈرىكى دۇرىلارنى ئۆلچەملىك لايىقلاشتۇرشتەك بىلىمىنى كەسىپ ئىگلىرىگە ئىگىلىتىپ قۇرقماس بولغان رۇھنى شەكىللەندۈرىدۇ.
دىمەك:زەھەرلىك دۇرىلارنى لايىقلاشتۇرۇشنى كارخانلاشتۇرۇش ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھاسىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ داۋالاش سېپىدىن چۈشۈپ قالغان بەزى تەسىرى ياخشى بولغان دۇرىلارنىڭ رۇلنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تىۋىپلارنىڭ بۇخىل تۈردىكى دۇىلارنى بىمالال ئىشلىتىپ كىسەل داۋالاپ ئىنسانلارنىڭ ساقىلقى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن بۇدۇرىلارنى ھەر ۋاقىت خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-22 00:03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ.  دىمىسىمۇ تەييار زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن دورىلاردىن چاتاق چىقسا ئىگىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ بىزدەك تىۋىپلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان چوڭ بىر مەسىلە!
ۋاقتى: 2014-1-8 19:52:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس,, بۇ دورىلارغا ماسلاشـتۇرۇپ مۇنزىج-مۇسھىللارنىڭ تەييار دورىسى چىقسا ھەقىقى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالىنالايتتۇق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش