جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 0

زىمات ياسالمىسنى تەييارلاش ھۆنەر-سەنئىتنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 20:11:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
زىمات ياسالمىسنى تەييارلاش ھۆنەر-سەنئىتنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويىلغانلىرىم
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە ئويغۇر  تىبابەت داۋالاش ئىشلىرىدا ئۇزۇن مۇددەت كىسەل داۋالاش ،ئالدىنى ئېلىش  ئىشلىرىدا قوللىنىلغان ئويغۇر تىبابەت ياسالىمىسى بولغان زىمات ياسالمىسنىڭ تەييارلاش ھۈنەر-سەنئىتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەييار قىلىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئۈستدىكى كۆز قاراش ۋە ئويىلغانلىرىم ئوتتۇرغا قويلىدۇ.
ئاچقۇچىلۇق سۆزلەر:زىمات ياسالمسى ،ھۈنەر-سەنئەت،ئۆزگەرتىش.
جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ئارقىسدا  ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمنىڭ تىزلىششى ،خىزمەت بېسىمىڭ يۇقىرى بولۇىشى ،ئىستىمال سەۋيىسنىڭ يۇقىرى بۇلۇش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كىسەللىكلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە خىللىرى كۆپىيپ ساغلامىلىققا تەھتىد سېلۋاتىدۇ.شۇ شەۋەپىتن بەزى ياسالما شەكللىرىنىڭ تەييارلىنىش ھۈنەر-سەنئەت ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كىسەللىكلەرنڭ ئالىدنى ئالغىلى بولىدۇ.
زىمات ياسالىمىسى-‹‹چاپلانما›› ياكى‹‹ تاڭما›› دىگەن مەنىدە بۇلۇپ بۇ دۇرا تالقانلىرىغا بەزى قۇشۇمچىلارنى قۇشۇپ تەييارلانغان قۇيۇقلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلغان قاتتىق مەلھەم ياسالمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاساسلىقى تىرە كىسەللىكلىرىگە كۆپرەك ئىشلىتىش ئېلىپ بېرلىدۇ.
زىمات ياسالىمسنڭ ھۈنەر-سەنئەت ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تىرە كىسەللىكلىرىدىن باشقا يەنە بۆرەك كىسەللىكى ،بۇغۇم كىسەللىكلىرى،سۆڭەك كىسەللىكلىرى ۋە تۈرلۈك ئىششىق خاراكتىرلىك كىسەللىكلەرگمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇنۋىرسال بولغان ئىشلىتىش قۇلايلىق ھەم ئەپىلىك بولغان يەرلىك ئۇرۇنغا بىرۋاستە تېڭلىدىغان ياكى چاپلىندىغان پىلاسترۋە بانداش ھالىتكگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئىشلىرىدا كەڭ كۈلەمدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ
زىماد ياسالمىسنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا 1)ئىشلىتش ئۇسۇللىرى ئوڭاي 2)دۇرىلارنىڭ تەركىبدىكى كۆپ مىقداردا دۇرا تالقانلىرنى تۇلۇق ئىشلىتش ئارقىلىق تىرە ۋە تۇقۇلمىلاردىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە يىرىڭنى تازلاش،قۇرۇتۇش رۇلىغا ئىگە.3)شەلۋەرلەش ۋە ئىششىق خاراكتىرلىك كىسەللكلەرگە نىسپەتەن تەسىرى ياخشى
4)زىمات دۇرا تەركىبگە قۇشۇلغان دۇرىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ تۈرلۈك قىچىشىشنى پەسەيتىش،ئىششىق ياندۇرۇش،ئاغىرىق پەسەيتىش  تەسىرلىرنى بىرىدۇ.
زىمات ياسالمىسىنىڭ تەييارلاش ھۈنەر –سەنىئىتنىڭ ئاددى داۋالا ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى بۇلۇش بىلەن بىرگە چوڭ-كىچك،قىرى-ياش بىمارلارغا بىمالال ئىشلىتشكە بولىدۇ.
بۇ ياسالما شەكلنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ بىرنىجى قەدەمدە تەييار قىلىغان دۇرلارنى يۇمشاق سۇقۇپ تەييار قىلىغاندىن كيىن مۇناسىپ بولغان قۇشۇمچىلارنى قېتىش ئارقلىق يەنى ئارپا ئۇنى،كېپەك،ياغ،ھەسەل، تۇخۇم ۋە دۇراسۇيلىردىن پايىدلىنىپ تەييار قىلنىدۇ.
تەييار قىلىغان دۇرىنى يەرلىك ئۇرۇنغا چاپلاش ياكى تېڭىش ئارقىلىق بىمارنى كارۋات ئۈستدە جىم ياتقۇزۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بىرلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللار بىمار ۋە تىببى خادىملارغا نىسپەتەن تۈرلۈك قىيىچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ داۋالاش كۆڭىلكىدەك بولمايۋاتىدۇ.
بۇمەسىللەرگە قارتا ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلى تەجىرىبەمدىن يەكۈنلىگەن ھەمدە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بىرلغان ئوسۇللار ئۈستىدىكى كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچمەن.
زىمات ياسالمىسنى تەييارلاش ئۇسۇلنىڭ ئەنئەنىۋى بىلەن زامانىۋى ئۇسۇلىدىن پايدىلىپ تەييار قىلىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىمارنىڭ ۋە كەڭ تىببى خادىملارنىڭ قيىنچلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ياسالمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يىتەرسىزلىكنى چىقىش قىلغان ئاساسدا كىسەل پەيدا بولغان ئۇرۇنغا دۇرنى پىلاسىتر ياكى بانداش ھالەتتە تىڭش ۋە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاتۇقچىلقى تۈۋەندىكىچە .
بانداش تەييارلاش ئۇسۇلى:بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۆرەك كىسەللىكلىرى ،بۇغۇم كىسەللىكلىرى ،ئىششىق خاراكتىرلىك كىسەللكلەر ۋە سۆڭەك كىسەللىكلىرىگە نىسپەتەن ئۈنۈمى ياخىشى .
تەييار قىلغان دۇرنىڭ خوسوسىيەت ۋە ئىشلىتش ئۇرۇنغا ئاساسەن تەييار قىلىغان بانداشنى تاللاپ داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.بانداش تەييار قىلغاندا خمىيلىك تاللاردىن ئىمان بار ئىشلەتمەسلىك لازىم .بانداشقا كىرەكلىك بۇلغان ماتىرىياللارنى تەييار قىلغاندىن كىيىن  بانداشنىڭ سىرتىقى قىسمغا بىر قاتار ئىسىسقلىق قۇبۇل قىلغۇچى ئۆزەك ياكى تالا ئىشلەتكەندىن يەرلىك ئۇرۇنغا بىرۋستە تىگىشپ تۇرىدىغان تەرەپكە دۇرا قۇۋۋىتىنى شۈمۈرۈپ تىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان تالا ياكى قەغەزنى خام ماتىريال قىلىپ ئىشلەتلىدۇ.ئوتتۇرا قىسمى خالتا ھالەتتە چىقىرىلىپ تەييار قىلىغان دۇرا سېلىپ كىسەل ئۇرۇنغا چىڭ تېڭلىدۇ.بۇ ئۇسۇلدا بىمار ياتىمسۇ تېڭىلغان جاينى كۈن نۇرى ياكى قايناق سۇ ئارقىلىق ئسسقلىق يەتكۈزۈپ بەرگەندە دۇرا قۇۋۋىتنىڭ ئاجىرلىشى تىز بۇلۇپ يەرلىك ئۇرۇنغا تەسىر قىلدۇ.بۇ ئۇسۇل دۇرنىڭ يەرلىك ئۇرۇندا تۇرۇش ۋاقتنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق دۇرنىڭ تۇراقىلقىغا كاپالەتلىك قېلىنىپ دۇرنىڭ ئۈنۈمنى يۇقرى كۈتۈگىلى بۇلىدۇ.
تىرە كىسەللىكلىرىگە نىسپەتەنمۇ تەسىرى ياخشى بولىدۇ.بۇ ئۇسۇلنى قۇللانغاندا زىمات ياسالمىسنىڭ ناچار تەرەپلىرنىڭ ئالدىنى ئالغلى بولىدۇ.بىماز ھەر جايدا ئۆزى تەييار قىلىپ ئۆزىنڭ ساقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.
بەزى خمىيلىك ئۇسۇل ئارقىلىق تەييار قىلىغان ياسالمىغا نىسپەتەن پىلاستر تەييارلاش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. تەييار قىلىغان پىلاسىترغا تەييار قىلغان دۇرنى سېلىپ كىسەل ئۇرۇنغا چاپىلىندۇ. بۇ ئۇسۇلدا بىمارلارنىڭ ھەرىگەتگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.تىڭىپ بىمالال ئۆز ئىشنى قىلالايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش