جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 541|ئىنكاس: 0

بۇدۇشقاق ئۇرىقىنىڭ سەمىرىپ كىتىش خاراكتىرلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 20:09:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇدۇشقاق ئۇرىقىنىڭ سەمىرىپ كىتىش خاراكتىرلىك بەل-ئومۇرتىقا ياللۇغىغا بۇلغان تەسىرى توغىرسىدا
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدا ئويغۇر تىبابەت داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا قۇللىنىپ كىلۋاتقان بۇدۇشقاق ئۇرۇقنىڭ ئىنسانلاردىكى سەمىرىپ كېتىش خاراكترلىك بەل ئۇمۇرتقا ياللۇغقا بولغان تەسىرى تۇغىرىسىدىكى پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:بۇدۇشقاق ئۇرۇقى ،سەمىرىپ كېتىش خاراكتىرلىك بەل ئۇمۇرتقا ياللۇغى ،مىخانىزىم
تىببى ساھە ئشىلىرنىڭ كۈندىن –كۈنىگە تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا بىرقىسم يەككە دورىلارنىڭ خوسۇسىيەتلىرى ئاشكارلىنپ ئىنسانلار ساغلاملىقنى قۇغداش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.بۇدۇشقاق ئۇرۇقى تىبابتىمىزدە كەم ئىشلتلىدىغان دورىلاردىن بىرى بولۇپ ھازىرىقى ۋاقىتقا كەلگەندە ئىشلىتش دائىرىسى كەڭ بولماقتا.ئىشلىتش دائىرىسى كەڭەيىگەن بولىسمۇ ئەمما ئويغۇر تىبابىتىدە تېخى كەڭ كۈلەمدە قۇللىنىپ  كىتەلمدى .بۇ دۇرنىڭ چىقىش ئورنى ناھايتى كەڭ بولۇپ ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن دىگۈدەك چىقىدۇ.بۇدۇشقاق ئۈسۈملۈكنىڭ دۇرىلىققائاساسلىقى مىۋىسى ۋە يىلتىزى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇيەردە سۆزلىنىدىغىنى ئاساسلىقى بۇدۇشقاق ئۇرۇقى بۇلۇپ بۇ تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسق ئاساسلىقى ماددىلارنى تارقىتىش،تۇسالغۇلارنى ئېچىش تەسىرلىكگە ئىگە يەنە بۇدۇرا كىسەللىكلەردىن سۇزۇلما بۇرۇن ياللۇغى ،رىماتىزىم ۋە سەمىرتىپ كىتىش خاراكتىرلىك بەل ئۇمۇرتقا ياللۇغىغا بۇلغان تەسىرى بىر قەدەر كۈرنەرلىك .
تۈۋەندە مەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقنىڭ سەمىرىپ كېتىش خاراكترىلىك بەل ئۇمۇرتقا ياللۇغىغا بۇلغان تەسىرى ئۈستدە توختلىپ ئۆتىمەن.
سەمىرىپ كىتىش خاراكتىرلىك بەل ئومۇرتقا ياللۇغى ئاساسلىقى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدن سىرتقى ۋە ئىچىكى مۇھىت تەسىردە ماددا ئالمىششنىڭ ياخشى بولماسىلىقى ۋە خىلىت ئۆزگىرىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىش ئارقىسدا بۇ خىل كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ.بۇ كسەللىك بەلغەم خىلتىنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىرخىل ياللۇغلىنىشلىق كىسەللىك بۇلۇپ ئاساسلقى بەل ساھەسى ئېچىشىپ ئاغىرىش،بەدەن بۇشاڭ بۇلۇش،بەل كۈيۈشكەندەك ئاغىرىش ئالامەتلىرى ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن ئىبارەت. بۇدۇشقاق ئۇرىقى تەركىبدە ئالكالوئىدلار،كىسانتۇسترومارىن قاتارلىق خېمىيلىك ماددىلار ئاساسلىق تەركىبى ھىسابلىندۇ.
بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنى ئاساسلىقى سىرتقى قىسمدىن ئىشلىتلىدۇ. زىماد قىلىپ ئىشلتىش ئۇسۇلى ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بۇ خىل دۇرىدىن ياغ چىقرىپ يەرلىك ئۇرۇنىنى يغلاپ بەرگەندە تەسىرى تېخمۇ ياخشى بولىدۇ.بۇ دۇرنىڭ بەدەن سىرتىدا ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيسى ۋە قىزىل رەڭلىك تۈك تەمرەتكىسى زەمبۇرىغا نىسپەتەن تۇرمۇزلاش رولى چوڭ.بۇ دۇردىن ماي چىقىرىپ يەرلىك ئۇرۇنى ياغلاپ بەرگەندە يەرلىك ئۇرۇندا كىسەل پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى تۇرمۇزلاش ۋە بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلاش رولنى ئوينايدۇ.يەرلىك ئۇرۇندا پەيدا بولغان غەيىرى تەبئىي بەلغەم خلىتنىڭ زىيادە چۈكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يەرلىك ئۇرۇننىڭ نۇرمال بولغان ماددا ئالىمىشش پائالىيتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.ئۇمۇرتقا ئارلىقغا يىغىلىپ قالغان بەلغەم خلىتىنى ھەيدەش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلايدۇ.يەرلىك ئۇرۇنىنڭ زىيادە سىزىمسىزلىشش نەتجىسىدە بەدەندە ماددا ئالمىشش توسقۇنلىققا ئۇچىراپ ھۆللۈكنىڭ كۈپۈيۈش نەتىجىدە ئۇمۇرتقا ئارلىققا يىغىلىپ نۇرمال بولغان ھالەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ  بەدەنىڭ سەمىرتىپ كېتىش ھالىتنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ سىمىزلىك ھۆللۈكنىڭ كۆپلەپ يىغىلىنشى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يەرلىك ئۇرنىڭ نۇرمال بولغان خىزمەت پائالىيىتى تۇسقۇنلىققا ئۇچىراپ ھۈجەيرە ۋە تۇقۇلمىلارنىڭ غەيرلىششى كىلىپ چىقىدۇ. قىزىش ،ئىشىش نەتىجىدە يەرلىك ئۇرۇندا ياللۇغ ئۇچىقنىڭ پەيدا بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ كىين سۈڭەك ئۈسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىىرىپ ھەرىكەت قىلىش قىينلىشىدۇ.بۇدۇشقاق ئۇرۇقى ئۆزنىڭ كەيپىيات تەسىرى ئارقىلىق بەدەندىكى خىلتلارننىڭ كەيپىياتنى تەڭشىسە ماددى تەسىرى ئارقىلىق يەرلىك ئۇرۇنغا بىرۋاستە تەسىرى قىلىش ئارقىلىق بىنۇرمال ئۈسۈپ چىققان ھۈجەيىرلەرنىڭ ئۇزۇقلىنش ۋە ماددا ئالمىشش زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ مۇھىيت ئۆزگەرتىپ نۇرمال بۇلغان ھۈجەيىرلەرنىڭ ئۈسۈپ چىقىشى ئۈچۈن مۇھىيت ھازىلايدۇ.بۇ ئارقىلىق ياللۇغ ئۇچقىنىڭ كەڭىيىشنى تۇسۇپ نۇرمال بولغان ماددا ئالمىشش ئەسىلىگە كىلىدۇ.كىرەسىز ۋە كىسەل پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ تەر،كىچىك تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلاپ نۇرمال بولغان ئۇزۇقلنىش زەنجىرنى بەرپا قىلىدۇ.  ئۇرگانىزمنىڭ نۇرمال بۇلغان فىزىئولوگىيلىك پائالىيەت ئەسىلىگە كىلىدۇ.بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئازىيىشغا ئەگىشىپ سىمزىلىك ئەھۋالىمۇ تەدىرجى ياخشلىنىدۇ.بۇ ئارقىلىق بنىۇرمال بولغان بەلغەم خىلتنىڭ ھالتى ئۆزگەرتلىپ بۇغۇملارنىڭ نۇرمال ھەركەتلىنشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.قان تۇمۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلنىشى ياخشىلىنىپ ئەزا تۇقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ نۇرمال بۇلغان ئۇرۇقلنشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.يەرلىك ئۇرۇندا نۇرمال بۇلغان ھۈجەيرە تۇقۇلمىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتلشىنى تىزلىتىپ بەدەنىنڭ تىزرەك ئەسىلىگە كىلىشكە مۇھىيىت ۋە شەرت –شارائىت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.بۇ دۇرا ئاساسلىقى بەدەن سىرتقى قىسمدىن ئىشلىتلىدۇ.كۆپرەك يالغۇز ھالەتتە ئىشلىتىشى كۈپرەك قوللىنىدۇ.
دىمەك :ئويغۇر تىبابىتدە ساقلىقنى ساقلاش، كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىدا بەزى بىر يەككە دوىلارنىڭ رۇلى ناھايتى چوڭ بولۇپ ئۆز رايۇنىمىزىدىن تېخى سىرى تۇلۇق يىشلىپ بولالمىغان يەككە دۇرىلارغا نىسپەتەن نەزىرىمىزنى ئاغىدۇرۇپ بۇ دورىلار ئۈستدە ئەمەلى تەجىرىبە ئىلىپ بىرىش ئارقلىق يىڭى دورىلارنىڭ تۈرنى تېخمۇ كۈپەيتىپ يەككە دۇرىلارنىڭ كەمچىل بۇلۇش ھالتىنى تۈزەش بىلەن بىرىگە ئۇيغۇر تىبابەت ئىشلىرنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ يىڭى-يىڭى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ كەسپنى ئۈگەنكەن ۋە شۇغىلىنىپ كىلۋاتقان ھەربىر كەسىپ ئەھىرلىرى ئۆز تىرشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشى ئارقىسدا ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىركىشلىك تۆھپىمىزنى قۇشايلى.
پايىدلانغان ماتىرياللار:
1.‹‹ئو ت يەككە دورىلار ئېلىمى  ››رۇقىيەم سادىق،1993-يىل 3-ئاي 1-نەشىر 1-بېسىلىشى.شنىجاڭ پەن –تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى.(210،211-بەتلەر)
2.‹‹كىسەلىك پاتئولۇگىيسى››ئابدىكىرىم تۇرسۇنتۇخى ،شىنجاڭ ئويغۇر تىبابەتچىلىك ئالىيى تېىخنكۇمى سىناق دەرىسلىكى .2004-يىل 1-بېسلىشى .
3.‹‹ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلىمى ››ئابدۇلھەمد مۇھەممەد، شنىجاڭ پەن –تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى،1988-يىل 1نەشىر 1-بېسلىشى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش