جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 651|ئىنكاس: 0

قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ سۈرئىتى ئىنىزال كىسەللىكگە بولغان تەسىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 20:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ سۈرئىتى ئىنىزال كىسەللىكگە بولغان  تەسىرى توغىرسىدا مۇلاھىزە
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇماقالىدە ئويغۇر تىبابەتچىلىك -دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى قوللانغان بولسىمۇ ئەمما بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە داۋلاش،ساقلىقنى ساقلاش ،دىئاگنۇز قۇيۇش  ئىشلىردىن چۇشۇپ قالغان قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ سۈرئىتى ئىنزال كىسەللىكىگەبولغان تەسىرى  توغىرسىدىكى مۇلاھىزەۋەكۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
قىزىلگۇل ئۇرۇقى،سۈرئىتى ئىنىزال كىسەللىكى،تەسىر قىلىش مىخانىزىمى
قىزىلگۇل ئېچىلىپ گۇلىنى ئۈزۈپ ئېلىپ خەمىكى بېغىشىدىن ئۈزۈلمەي تۈپى بىلەن پىشىپ سۇس قىزىل ھالەتكە كەلگەندە ئۈزۈپ ئېلىپ نورمال ئاپتاپتا تولۇق قورۇتۇپ تەييارىلنىدۇ .بۇخەمەكنى يېرىپ ئىچىدىكى ئورىقى ئىلىنىپ ئشلتىلىدۇ .بو ئورۇق قاتتقلىقى يۇقىرى بۇلغان قارامتۇل رەڭلىك ئورۇق بۇلۇپ تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق سۇغۇق ،ئاساسلىق تەسىرى بولسا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىسپىرماتوتۇش ،دىئابىت كىسەللىكى،قۇۋۋىتى ماسىكە تۇۋەنلەپ كىتش...قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇدورىنى قەدىمى كىلاسىك ئەسەرلەردە‹‹يەككە دۇرىلار خەزنىسى››دە ئالاھىدە سۆزلەنگەن بۇلۇپ  رىستىپلارغا چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەرلەر ۋە ئاياللار كىسەللكنى داۋالاشتا كۈرنەرلىك ئۈنۈم كۆرسەتكەن . رىستىپلار كۆمۈلۈپ قىلىش   ياكى سەل قاراش  سەۋەبدىن دورىگەرلىك ساھاسىدىن چۈشۈپ قالغان .ھازىرقى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ تورمۇشتىكى ئىستىمال ئادىتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ ۋەئەر-ئاياللاردىكى ھەرخىل جىنسىي كىسەللىكى ۋە دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن قايتىدىن بۇ رىستپلارغا نەزەر ئاغدۇرلۇپ تىبابەت ساھاسدە قايتدىن ئىشلىتىشكە باشلاندى .
دورىنىڭ رەڭگى قارامتۇل ئاچچىقا مايىل بولوپ ئاساسلىقى قۇرسى كاكنەچ،قۇرسى بانادۇق،جاۋارىش كۇندۇر،مەزى بېزى شەربىتى،سۇفۇپى كۇندۇر   قاتارلىق دورىلارغا سېلىپ بەرگەندە ئەرلەردىكى جنسىي ئاجىزلىق،ئىسپىرما قالايمىقانلىشش، ئىسپرما بالدۇر كىتش، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ئادەت توختىماسىلىق ....قاتارلىق بىرقاتار كىسەللىكلەرگە نىسپەتەن تەسىرى كۈرنەرلىك ياخشى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ دۇرا خەلىق ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىپ كىلىنىگەن ئەمما داۋالاش ساھەسىدە تىخى ئىشلىتىش كەڭ كۈلەمدە تارقالىمغان بىرخىل دۇردىدىن ئىبارەت.
تۈۋەندە مەن قىزىل گۈل ئۇرىقنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە  سۈرىتى ئىنىزال(ئىسپىرما بالدۇر كېتىش) داۋالاش جەھەتتكى تەجىرىبە ۋە مىخانىزىمى ئۈستىدە قىسقىچە توخىتلىپ ئۈتىمەن .
ئاشقازان ئاستى بېزى ئۇرگانىزىمىدىكى قەنىت ماددىسنى سىنتىزلەپ بەدەننى مۇۋاپىق بولغان ئىسقىلىق ئىنىرگىيسى بىلەن تەمىنىلەيدىغان،بەدەنىنىڭ مىتابۇلىزىم پائالىيتنى ياخشىلايدىغان ،  ئەزا –تۇقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگىن ،قان ۋە ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمنىلىنىشى كاپالەتگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم بەزدىن ئىبارەت .
قىزىل گۈل ئۇرىقىنى مۇرەككەپ  رىستىپلارغا چۈشۈرۈپ ياكى  يەككە ھالدا ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ماددى ۋە كەيپيات تەسىرى ئارقىلىق ئۇرگانىزىمغا كىرگەندىن كىيىن بەدەندىكى ماددائالمشش كاپالەتكە قىلنىپ بۆرەك ۋ مەزى بېزى قاتارلىق ئۆزگەرگەن بىنۇرمال ھۇجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ تىزھالەتتە  ئەسلىگە كىلىشىگە شەرت -شارايىت ھازىرلاپ  بىرىدۇ،بۇ ئارقىلق بۇزۇلغان توقۇلما ۋە  ھۇجەيرىلەر ئەسلىگە كىلىپ،  نۇرمال ماددا ئالىمىشىش،ھەمدە ئىسپىرمنىڭ نۇرمال ئاجىرلىپ چىقشى ۋەبەدەندە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتنى ئۇزارتىش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتدارنى ئەسىلىگە كەلتۈرىدۇ.
بەدەندىكى ئارتۇق كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقرىپ تاشلاپ ئۇرگارنىزىمنىڭ نۇرمال بۇلغان ماددا ئالمىششى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ  بەدەنگە تولۇق سۈمۈرلىشىگە ھەم كىرەكلىك بولغان ماددىلارنىڭ بەدەندىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇ   مىتابۇلىزىم پائالىيتى ئەسلىگە كىلىپ   بەدەنىنڭ نۇرمال بۇلغان فىزۇلۇگىيلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقىلايدۇ .
بۇدورىنىڭ كەيپىيات تەسىرى ئارقىسىدا بۆرەك ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنىڭ خىلىت ۋە مىزاجنى تەڭشەپ توتۇش رولىنى بىرىدۇ .بو ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇپ بەدەنىنىڭ نۇرمال تەڭپوڭلىقنى ساقلاش ئەمەلگە ئاشورلىدۇ .ماددى تەسىرى جەھەتتىن  تەركىبىدىكى تاننىن ۋە باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى بىلەن يەرلىك ئۇرۇننىڭ مىتابولىزىم پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ئىممۇنىت سىستىمىسىنڭ مۇكەممەل بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ قۇۋۋىتى ماسىكەنىڭ تۇتۇش ئىقتدارىنى ئاشۇرىدۇ ،ئەرلەردىكى سۈرىتى ئىنزال مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالامەتلەرنى  تەدىرجى يوقىلىشىغا تۈرتىكە بولىدۇ .
بو ئارقىلىق ئەرلەردىكى ئىسپىرما بالدۇر كېتىش،جنسىي ئاجىزلىق ،ھىسيات تۈۋەنلەش،ئەرلەردىكى مەنى تۇتالماسلىق،سۈيدۈك تامچىلاش، ئاياللاردىكى ھېيىز كۆپ كىلىش ،ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ھەرخىل سەۋەپلەردىن بۇلغان قاناشلارغا ئالاھىدە تەسىرلەرنى بىرىدۇ .
بۇدورىنى يەككە ۋە مۇرەككەپ قىلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ.
(1).كاكنەچ،چۆبىچىن،كۇندۇر،قىزىلگۇل ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق  سوقۇپ سۇپۇپ  قىلىپ كۈندە ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈزۇلدۇرمەي ئىچىپ بەرگەندە ئىسپىرما بالدۇر كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
(2)قىزىل گۈل ئۇرىقى،بەھمەن سەفىيد،بەھمەن سۇرۇخ،شاقاقۇل مىسىرى،سۆلەپ مىسىرى قاتارلىق دۇرىلارنى چايلىق قىلىپ بەرگەندە بۆرەكنىڭ ئىقتدارنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە رەئىس ئەزالارنمۇ كۈچلەندۇرىدۇ.
(3)قۇرسى كاكىنەچ،قۇرسى بانادۇق،جاۋارىش كوندۇر ...قاتارلىق بىر قاتار دورىلارغا سېلىپ ئستىمال قىلغاندا ئەرلەردىكى مەنى تۇتالماسلىق ياخشىلىنىدۇ.
4) قىزىل گۈل ئۇرىقنى مەخسۇس سۇقۇپ چايلىق قىلىپ كۈندە ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى ئارتۇق سۇيۇقلۇقلارنى تەڭشەپ قۇۋۋتلەرنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5)قىزىل گۈل ئۇرىقى،نىلۇفەر ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى سۇقۇپ چايلىق بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلغاندا مەنىي تۇتالماسلىق،سۈيدۈك تامچىلاش قاتارلىق بىرقاتار كىسەللىكلەرگە ياخشى تەسىر قىلىدۇ.
دىمەك:ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەسلدە تارىختا خاتىرلىنىپ كۆپ ئىشلىتىلمىگەن  يىڭىدىن بايقالغان تەسىرى ياخشى بولغان دورىلار قاتاردا ئىشلتىلۋاتدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرى ياخشى بۇلغان بىر قىسم يەككە دورىلارنىڭ ئىنسانلار ساقلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان خوسۇسىيتىنى  ماھىرلىق بىلەن تېپىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىگە قىلىپ  بۇ كەسىپنى ئۈگەنگەن ھەر بىر تىببى خادىمنىڭ  ئۆز ئەتىراپىدىكى شەيئىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇشىغا تىرىششى كىرەك .
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.‹‹يەككە دورىلار خەزىنسى›› ئوردوچە :پاكىستان نەشىرياتى
2.‹‹ئو ت يەككە دورىلار ئىلمى››شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالي تېخنىكومى سىناق دەرىسلىكى 1993-يىل 1-نەشىرى، رۇقىيەم سادىق
3.‹‹يەككە دورىلار قامۇسى›› خەنزۇچە بېيجىڭ سەھىيە نەشىرياتى.2004-يىل 1-نەشىرى
4.خەلىق ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن رىستىپلاردىن پايىدلاندىم.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش