新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 0

قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ دىئابىت كىسەللىكىگە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-21 20:01:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەھكام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-21 20:15  

قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ دىئابىت كىسەللىكىگە بولغان تەسىرى توغىرسىدا ئىزدىنىش
ئابدۇرىشىت ئابدۇقادىر
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇماقالىدە ئويغۇر تىبابەتچىلىك -دورىگەرلىك ئىشلىرىدا ئۇزۇندىن بىرى قوللانغان بولسىمۇ ئەمما بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە داۋلاش،ساقلىقنى ساقلاش ،دىئاگنۇز قۇيۇش  ئىشلىردىن چۇشۇپ قالغان قىزىلگۇل ئۇرۇقىنىڭ دىئابىت كىسەلىكىگە بولغان تەسىرى توغىرسىدىكى مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:
قىزىلگۇل ئۇرۇقى، دىئابىت كىسەللىكى ،تەسىر قىلىش مىخانىزىمى
قىزىلگۇل ئېچىلىپ گۇلىنى ئۈزۈپ ئېلىپ خەمىكى بېغىشىدىن ئۈزۈلمەي تۈپى بىلەن پىشىپ سۇس قىزىل ھالەتكە كەلگەندە ئۈزۈپ ئېلىپ نورمال ئاپتاپتا تولۇق قورۇتۇپ تەييارىلنىدۇ .بۇخەمەكنى يېرىپ ئىچىدىكى ئورىقى ئىلىنىپ ئشلتىلىدۇ .بو ئورۇق قاتتقلىقى يۇقىرى بۇلغان قارامتۇل رەڭلىك ئورۇق بۇلۇپ تەبىئەت جەھەتتىن قۇرۇق سۇغۇق ،ئاساسلىق تەسىرى بولسا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىسپىرماتوتۇش ،دىئابىت كىسەللىكى،قۇۋۋىتى ماسىكە تۇۋەنلەپ كىتش...قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. بۇدورىنى قەدىمى كىلاسىك ئەسەرلەردە‹‹يەككە دۇرىلار خەزنىسى››دە ئالاھىدە سۆزلەنگەن بۇلۇپ  رىستىپلارغا چۇشۇرۇپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەرلەر ۋە ئاياللار كىسەللكنى داۋالاشتا كۈرنەرلىك ئۈنۈم كۆرسەتكەن . رىستىپلار كۆمۈلۈپ قىلىش   ياكى سە قاراش  سەۋەبدىن دورىگەرلىك ساھاسىدىن چۈشۈپ قالغان .ھازىرقى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ تورمۇشتىكى ئىستىمال ئادىتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ دىئابىت كىسەللىكى ۋەئەر-ئاياللاردىكى ھەرخىل جىنسىي كىسەللىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن قايتىدىن بۇ رىستپلارغا نەزەر ئاغدۇرلۇپ تىبابەت ساھاسدە قايتدىن ئىشلىتىشكە باشلاندى .
دورىنىڭ رەڭگى قارامتۇل ئاچچىقا مايىل بولوپ ئاساسلىقى دىئابىت چايلىقى ،قۇرسى زىئابىت،جاۋارىش كۇندۇر  قاتارلىق دورىلارغا سېلىپ بەرگەندە ئەر-ئاياللاردىكى ئاشقازان ئاستى بېزى  سەۋەبدىن كىلىپ چىققان دىيابىت كىسەللىكى  ،ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ئادەت توختىماسىلىق ،ئەرلەردىكى ئىسپىرما  قالايمىقانلىشش،ئىسپرما بالدۇر كىتش  ...قاتارلىق كىسەللىكلەرگە كۈرنەرلىك ئۈنۈم بەرگەن .
تۈۋەندە مەن قىزىل گۈل ئۇرىقنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدە  دىيابىت كىسەللىكنى داۋالاش جەھەتتكى تەجىرىبە ۋە مىخانىزىمى ئۈستىدە قىسقىچە توخىتلىپ ئۈتىمەن .
ئاشقازان ئاستى بېزى ئۇرگانىزىمىدىكى قەنىت ماددىسنى سىنتىزلەپ بەدەننى مۇۋاپىق بولغان ئىسقىلىق ئىنىرگىيسى بىلەن تەمىنىلەيدىغان،بەدەنىنىڭ مىتابۇلىزىم پائالىيتنى ياخشىلايدىغان ،  ئەزا –تۇقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگىن ،قان ۋە ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمنىلىنىشى كاپالەتگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم بەزدىن ئىبارەت .
قىزىل گۈل ئۇرىقىنى مۇرەككەپ  رىستىپلارغا چۈشۈرۈپ ياكى  يەككە ھالدا ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ماددى ۋە كەيپيات تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئۆزگەرگەن بىنۇرمال ھۇجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ تىزھالەتتە  ئەسلىگە كىلىشىگە شەرت -شارايىت ھازىرلاپ  بىرىدۇ،بۇ ئارقىلق بۇزۇلغان توقۇلما ۋە  ھۇجەيرىلەر ئەسلىگە كىلىپ،  نۇرمال ماددا ئالىمىشىش، ئىسنۇلىنىنىڭ نۇرمال ئاجىرلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ  ، بەدەندىكى قەنىت ماددىسنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزدە پارچىلنىپ بەدەنگە تولۇق سۈمۈرلىشىگە ھەم ئارتۇق قەنىت ماددىسنىڭ بەدەندە تورۇپ قىلىپ  مىتابۇلىزىم پائالىيتىڭ قالايمىقانلىششنىڭ ئالدىنى ئالدۇ ،بو ئارقلىق  بەدەنىنڭ نۇرمال بۇلغان فىزۇلۇگىيلىك تەڭپۇڭلىقنى ساقىلايدۇ .
بۇدورىنىڭ كەيپىيات تەسىرى ئارقىسىدا بۆرەك ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارنىڭ خىلىت ۋە مىزاجنى تەڭشەپ توتۇش رولىنى بىرىدۇ .بو ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇپ بەدەنىنىڭ نۇرمال تەڭپوڭلىقنى ساقلاش ئەمەلگە ئاشورلىدۇ .ماددى تەسىرى جەھەتتىن  تەركىبىدىكى تاننىن ۋە باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى بىلەن يەرلىك ئۇرۇننىڭ مىتابولىزىم پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ئىممۇنىت سىستىمىسىنڭ مۇكەممەل بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ دىيابىت كىسەللىكىدىكى قوشومچە كىسەللىك ۋە ئالامەتلەرنىڭ تەدىرجى يوقىلىشىغا تۈرتىكە بولىدۇ .
بو ئارقىلىق دىيابىت كىسەللىكدىكى كۆپ ئۇسساش،كۆپ سىيىش،ئەرلەردىكى مەنى تۇتالماسلىق،سۈيدۈك تامچىلاش ئاياللاردىكى ھېيىز كۆپ كىلىش ،ئاق خۇن كۆپ كىلىش ،ھەرخىل سەۋەپلەردىن بۇلغان قاناشلارغا ئالاھىدە تەسىرلەرنى بىرىدۇ .
بۇدورىنى يەككە ۋە مۇرەككەپ قىلىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ.
(1).ئۈجمە يۇپۇرمىقى،ئۈجمە يىلتىزى،پىلە قۇرتى،قىزىلگۇل ئۇرۇقى،قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چالا سوقۇپ چايلىق قىلىپ كۈندە ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈزۇلدۇرمەي ئىچىپ بەرگەندە دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئالامىتى ياخشىلىنىدۇ.
(2)قىزىل گۈل ئۇرىقنى يۇمشاق سۇقۇپ نۇقۇت ئىشى بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىپ بەرسە دىيابىت كىسەللىكىدىكى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاشتا قوۋۋەت ،ئۇزۇقلۇق تۇلوقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ . (3)قۇرسى كاكىنەچ،قۇرسى زىيابىت ،جاۋارىش كوندۇر ...قاتارلىق بىر قاتار دورىلارغا سېلىپ ئستىمال قىلغاندا ئەرلەردىكى مەنى تۇتالماسلىق،دىئابىت كىسەللىكلىرى ياخشىلىنىدۇ.
4) قىزىل گۈل ئۇرىقنى مەخسۇس سۇقۇپ چايلىق قىلىپ كۈندە ئىچىپ بەرسە كۆپ ئۇساش ئالامىتنى يىكىلتىپ كىسەللىك ئازابنى تىخىمۇ يىنىكىتدۇ .
5)قىزىل گۈل ئۇرىقىنى پىلە قۇرتى بىلەن يۇمشاق سۇقۇپ كاپ ئىتپ بەرسە سۈيدۈك تەركىبىدىكى قەنىت مىقتدارنى تۈۋەنلىتش. قان –تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان بېسمنى تۈۋەنلىتىش رولىمۇ كۆرنەلىك بولىدۇ .
دىمەك:ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەسلدە تارىختا خاتىرلىنىپ كۆپ ئىشلىتىلمىگەن  يىڭىدىن بايقالغان تەسىرى ياخشى بولغان دورىلار قاتاردا ئىشلتىلۋاتدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرى ياخشى بۇلغان بىر قىسم يەككە دورىلارنىڭ ئىنسانلار ساقلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان خوسۇسىيتىنى  ماھىرلىق بىلەن تېپىپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىگە قىلىپ  بۇ كەسىپنى ئۈگەنگەن ھەر بىر تىببى خادىمنىڭ  ئۆز ئەتىراپىدىكى شەيئىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئنسانلار ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشۇشىغا تىرىششى كىرەك .
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
1.‹‹يەككە دورىلار خەزىنسى›› ئوردوچە :پاكىستان نەشىرياتى
2.‹‹ئو ت يەككە دورىلار ئىلمى››شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالي تېخنىكومى سىناق دەرىسلىكى 1993-يىل 1-نەشىرى، رۇقىيەم سادىق
3.>>يەككە دورىلار قامۇسى <<خەنزۇچە بېيجىڭ سەھىيە نەشىرياتى.2004-يىل 1-نەشىرى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش